پەرھات خالىق

پەرھات خالىق
پەرھات خالىق 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈچىدە تۇغۇلغان. قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇڭگو ياخشى ئاۋاز پروگرامىسى 3-پەسىللىك 3-قارارلىق ئوقۇغۇچىسى. پەرھات خالىق 6 يېشىدىن باشلاپلا، ئاكىسىنىڭ 2 تاللا تارىسى قېلىپ قالغان گىتارىنى چېلىپ ئويناشقا باشلىغان. 8 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە پەرھات خالىقنىڭ ئاتىسى بىر يېڭى گىتار سېتىۋېلىپ، پەرھات خالىققا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بەرگەن. شۇندىن باشلاپ پەرھات خالىقنىڭ گىتار بىلەن باغلانغان مۇزىكا ھاياتى باشلانغان.


ئۇيغۇرچە ئىسمى پەرھات خالىق
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1982-ﻳﯩﻠﻰ 7-ئاﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى
خەنزۇچە ئىسمى 帕尔哈提
يۇرتى ئۈرۈمچى
كەسپى ناخشىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەرھات خالىق 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈچىدە تۇغۇلغان. قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇڭگو ياخشى ئاۋاز پروگرامىسى 3-پەسىللىك 3-قارارلىق ئوقۇغۇچىسى. پەرھات خالىق 6 يېشىدىن باشلاپلا، ئاكىسىنىڭ 2 تاللا تارىسى قېلىپ قالغان گىتارىنى چېلىپ ئويناشقا باشلىغان. 8 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە پەرھات خالىقنىڭ ئاتىسى بىر يېڭى گىتار سېتىۋېلىپ، پەرھات خالىققا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بەرگەن. شۇندىن باشلاپ پەرھات خالىقنىڭ گىتار بىلەن باغلانغان مۇزىكا ھاياتى باشلانغان.

پەرھات خالىق 6 يېشىدىن باشلاپلا ، ئاكىسىنىڭ 2 تاللا تارىسى قېلىپ قالغان گىتارىنى چېلىپ ئويناشقا باشلىغان. 8 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە پەرھات خالىقنىڭ ئاتىسى بىر يېڭى گىتار سېتىۋېلىپ، پەرھات خالىققا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بەرگەن.

شۇندىن باشلاپ پەرھات خالىقنىڭ گىتار بىلەن باغلانغان مۇزىكا ھاياتى باشلانغان.

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى نى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان كەسپىنى تاشلاپ، ئۈرۈمچى دىكى بىر مەيخانىدا ناخشا ئېيتقان، ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايەن  قىلىشقا باشلىغان پەرھات خالىق سېغىنسۇن دەمسەن دىگەن ناخشىسى بىلەن ھەۋەسكارلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

پەرھات خالىق2005-يىلى قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان.

2010-يىلى 8-ئايدا گېرمانىيىدە تۇنجى مەيدا كونسېرت ئۆتكۈزگەن.

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو ياخشى ئاۋاز پروگراممىسى 3-پەسىللىك مۇسابىقىدە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

پەرھات خالىق2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۈنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كۆرگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۈتىۋاتقان خەلقئارالىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى كۆرگەندەك چۇقان سېلىشتى. 

قېتىق ئەترىتىنىڭ بىرىنجى ناخشىسى لىرىكىلىق ھەم غەمكىن باشلىنىپ، ۋىزا ئېلىش مۇمكىن بولماي بۇ بايرامغا كىلەلمىگەن پەزىلەت تۇرسۇن ھەم مەھمۇت مەمەتكە بىغىشلاندى. تاماشىبىنلار بۇ كونسېرىتنىڭ قانچىلىك بەدەل، ھەم جاپادا ۋۇجۇتقا چىققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مۇڭغا چۇشتى. 19 ياشلىق قازاق مۇزىكانت ئىرشات دىلشاتنىڭ قوش تونلۇق (humai) ناخشىسى كىشىلەرنى پايانسىز يايلاقلارغا باشلاپ كىردى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، پەرھاتنىڭ ئىشچى ناخشىسى، سۈرىيەلىك داڭلىق Kilaniretchi Kinan Azmeh نىڭ قايناق solo لىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كوتۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنى ئەسەبىلەرچە ئۇسۇلغا چۇشۇرۇپ، چۇقان سۈرەنلەر پۇتۇن زالنى كۆتۈرۈپ تاشلىدى. تارىم ناخشىسى (پەرھات ۋە پەزىلەتنىڭ قايتا سەھنىگە ئىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەن)، ئاق بايان، قىزلار، نازىركوم قاتارلىق ناخشىلار ئارقا-ئارقىدىن، بۇ گىرمانىيەنىڭ تىنچ كىچىك شەھىرىنى لەرزىگە سالدى.

كونسېرتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، پەرھات روكلاشتۇرغان دولان مۇقامى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. تاماشىبىنلار بۇ ياش مۇزىكانتلارنىڭ ئاجايىپ ھاياتى كۈچكە تولغان، ماگىنىتسىمان ئاۋازلىرىغا قايىللىق بىلدۈرۈشۈپ توختىماي ئالقىشلار ياڭراتتى.

Osnabrück ئەسلى Blues مۇزىكانتلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەرھات ئېرشاتلارمۇ Blues مۇزىكىسىنىڭ ھىرىسمەنلىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئوينىغان، ئەمما ئۇيغۇر پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان Blues نى نەق مەيداندا تەبىئى ئورۇنلىشىنى (ئالدىن مەشىق قىلىۋالماي، يەنى improvisation ) كىشىلەر بۇ دۇنياۋى مۇزىكا تۇرىدىكى يىڭىلىق دەپ ماختاپ كەتتى. ئەسلى 1 سائەت پىلانلانغان كىچىلىك تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى، مۇزىكانتلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسىياتى بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، كونسېرت ئاياقلاشقانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۈزۈلمەي ياغدۇرغان چاۋاك سادالىرى ئاستىدا، مۇزىكانىتلار سەھنىگە ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چىقىپ مۇزىكا ئورۇنلىدى.

بۇ سېھىرلىك كىچىدىن مەس بولۇشقان تاماشىبىنلار كونسېرت ئاياقلىشىپ تاڭ ئاتقىچىمۇ Lagerhalle نىڭ ئەتراپىدىن كىتىشمىدى. ھەممەيلەن ھاياجانلىق ئىچىدە، بۇ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىن كەلگەن سەنەتكارلارغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. بىر نەچچە ياشانغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، بۇ كونسېرتنى ئۆمرىدە كۆرگەن ئەڭ ئېسىل روك مۇزىكا كونسېرتى دەپ كۆزلىرىگە ياشلار ئالدى.)

يەرلىك گېزىتلەر بىر نەچچە كۈنگىچە توختىماي بۇ كونسېرتتىكى قەھرىمانلارغا مەدىھىيەلەر ئوقۇدى. ئۇيغۇرلار بىر نەچچە كۈن بۇ شەھەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى.

قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «تەكلىماكاندىن كەلگەن روك» ناملىق پىلاستىنكىسى يېقىندا گىرمانىيەدە رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ پىلاستىنكىغا «دولان مۇقامى» ، «قارا يورغا»، «ئاق بايان»، «ئىشچى»، «تۇغۇلغان كۈنۈم»، «قىزلار»، «تارىم»، «شۈكرى دېدىم» ، « زەيتۇنخان- نازىركوم» قاتارلىق ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باھاسى 17 ياۋرو.

قېتىق مۇزىكا ئەترىتى 2005-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. ئەترەتنىڭ ئاساسلىق گىتارچىسى ۋە ناخشىچىسى پەرھات خالق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بۇ مۇزىكا ئەترىتىدە يەنە قازاق، تاتار ياشلىرىمۇ بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكا ئالاھىدىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك.

بۇ مۇزىكا پىلاستىنكىسى گىرمانىيە ئوسنابۈرك شەھىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ئاۋازغا ئېلىنغان. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامى «قېتىق» سۆزى گەرچە ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىسىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. شۇ چاغدا بىر تورداش مۇنداق دەپ باھا يازغان :« پەرھاتنىڭ ناخشىلىرى قېتىقتەك ئاستا-ئاستا ئۇيىدۇ، ناخشا ئېيتسا پۇتۇن ھېسسىياتى بىلەن ناخشا ئوقۇپ قېتىقتەك ئۇيۇپ كېتىدۇ، تاماشىبىنلارمۇ ،مۇڭلۇنۇپ قېتىقتەك بولۇپ كېتىدۇ». بۇ بەلكىم مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا بولسا كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    71.4%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    14.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#