ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ

پالەچ ئالىم

بۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ( Stephen William Hawking) ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە، 1942- يىلى 8- يانۋاردا(گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن 300 يىل كېيىن) تۇغۇلغان. خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندوندا بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ، ئۇ 8 ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن.  11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى بۇرۇن ئۇقۇغان مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى غا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
يۇرتى ئوكسفورد شەھىرى
كەسپى فىزىكا
ئېنگىلزچە ئىسمى Stephen William Hawking
خەنزۇچە ئىسمى 斯蒂芬·威廉·霍金
مىللىتى ئېنگىلىز
تۇغۇلغان ۋاقتى 1942- يىلى 8- يانۋار
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خاۋكىڭ ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى (ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپبۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ( Stephen William Hawking) ئەنگلىيە نىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە، 1942- يىلى 8- يانۋاردا(گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن 300 يىل كېيىن) تۇغۇلغان. خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندون دا بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ، ئۇ 8 ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن.  11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى بۇرۇن ئۇقۇغان مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى غا ئوقۇشقا كىرگەن. گەرچە خاۋكىڭنىڭ دادىسى ئۇنى دوختۇر بولۇشقا زورلىسىمۇ، خاۋكىڭ ماتېماتىكا ئۆگەنمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ مەكتەپتە ماتېماتىكا كەسپى بولمىغاچقا ئىلاج يوق فىزىكا تاللايدۇ. 3 يىلدىن كېيىن ھېچقانچە كۈچىمەيلا تەبئىي پەن ساھەسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك پەخرى ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. 

ئەسەرلىرى

«قارا ئۆڭكۈر ۋە بوۋاق ئالىمى» ناملىق ئەسىرى

ئالەمنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىت قانۇنىيىتى The Nature of Space and Time

زۇڭتۇڭ ئوباما ئاق سارايدىكى بىر قېتىملىق خاۋكىڭنىڭ لېكسىيىسى

   خاۋكىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى غا بېرىپ ئالەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئوكسفورد شەھىرىدە بۇ ساھەدە بىرەر كىشى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ پروفېسسور ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن جىنۋىل ۋە كائويىس ئىنىستىتۇتلىرىدا كەسپىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. خاۋكىڭ روگېر پەنروس بىلەن بىللە ئاساسلىق ئالەمنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى ۋە ئېينىشتىيىنننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى بوشلۇق، ۋاقىت ۋە چوڭ پارتلاشنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇنداقلا قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

   بۇ نەزەرىيىۋى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى بىلەن كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بىرلىشىشىگە چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بۈيۈك پەن تەتقىقات تەرەققىياتى بولۇپ سانىلىدۇ. 

خاۋكىڭ NASA نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا قىزى لۇسىي

    ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار بولۇپ ئۇلار: ئەللىس بىلەن بىرلىشىپ يازغان بوشلۇق ۋاقىت قۇرۇلمىسى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، ئىسرايىل بىلەن بىرلىشىپ يازغان تارتىش كۈچىنىڭ 300 يىللىقى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن: ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى، قارا ئۆڭكۈر، بوۋاق ئالەم ۋە باشقا بەزى كىچىك ئىلمىي ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئالەم ۋە فىزىكىنى چۈشىنىشكە، تەپەككۇرنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدىغان بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.

   نەتىجىسىدىن كۆرە ئىرادىسى ئارقىلىق دۇنيانى قايىل قىلغان ئالىم خاۋكىڭ 10يېشىدىن باشلاپ مۇسكۇل نېرۋىسى پالەچلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھازىر پەقەت سول بويۇن مۇسكۇلدىن تارتىپ پۈتكۈل تۆۋەن بەدەن ئۈزۈل كېسىل پالەچلەنگەن بولسىمۇ، سول قولىنىڭ ساق قالغان ئۈچ بارمىقى ۋە كۆزىگە تايىنىپ يېقىندا ئەڭ داڭلىق «ئالەمنىڭ شاكىلى» دېگەن ئەسىرىنى نەشر قىلدۇردى.  

خاۋكىڭ لوندون مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش   خاۋكىڭ 12 پەخرىي ئۇنۋانغا، پادىشاھ جەمەت تەتقىقات ئورنىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن نۇرغۇن مېدال مۇكاپات ۋە باشقا ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىر ئىلگىرى نيۇتون ئۆتىگەن كامبرىج ئۇنۋېرستىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ.

   خاۋكىڭ ھازىر يەنە ئائىلە (ئۇنىڭ 3 بالىسى ۋە 1 نەۋرىسى بار) تۇرمۇشى بىلەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ نەزەرىيىۋى تەتقىقات لېكسىيە ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    55.6%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    11.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    11.1%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    22.2%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#