سامپۇل يېزىسى

سامپۇل يېزىسى

سامپۇل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، كۇئىنلۇن تېغى نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، لوپ ناھىيەسى كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى سامپۇل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
يەر مەيدانى 53.87 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 山普鲁乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى
نوپۇسى 24960 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامپۇل يېزىسىسامپۇل يېزىسى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، كۇئىنلۇن تېغى نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، لوپ ناھىيەسى كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. يېزا-بازارلىرى لوپ بازىرى، بۇيا يېزىسى، چارباغ يېزىسى، ھاڭگىيا يېزىسى، دول يېزىسى، ناۋا يېزىسى، بەشتوغراق يېزىسى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي كۆلىمى 53.87 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا بويىچە 25 مەمۇرىي كەنت بار، 2003-يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 6131 ئائىلە، 24960 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99 كە يەتكەن. پۈتۈن بىر يىلدا، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 14959 توننا، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1139 يۈەن. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى (يېڭى ھۆججەت [2014] 192-نومۇرلۇق) لوپ ناھىيەسى سامپۇل يېزىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، سامپۇل بازىرى تەسىس قىلىنغان.

سامپۇل يېزىسىسامپۇل يېزىلىق قاتنىشى قۇلايلىق، بايلىقى مول، ئادەملىرى ساددا. يېزا بازار خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر، لوپ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىر. ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان سامپۇل يېزىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە مەسىللەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، توغرا بىرتەرەپ قىلىش ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم بولغان. بولۇپمۇ ئۆتكەن 2000-2002يىللىرى سامپۇل يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت خەلقى «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىپ «يېزا، كۆپ» تەرەققىيات ئەندىزىسى «ئورمان، چارۋىچىلىق مەيدانى، دېھقانچىلىق» تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلگەن. 

شىنجاڭ لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىدا ئۈچ كىچىك سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تارقىتىشى 1560 كىلوۋات، يىللىق توك ھاسىل قىلىشى 600 مىڭ كىلوۋات سائەت، تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جەمئىي يېزا بويىچە 6 مىليون 600 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان.

سامپۇل يېزىسىسامپۇل يېزىسى قارىمىقىدا كەنتى، ئالا كەنتى، قاشتوغراق كەنتى، كۆچكەن كەنتى، لەڭگەر كەنتى، كىلەنتە كەنتى

ئايدىڭكۆل كەنتى، باش مەدرىس كەنتى، ئاياغ مەدرىس كەنتى، چاقپى مارك كەنتى، جايئېرىق كەنتى، قۇرباغ كەنتى، قوتاز كەنتى، ئىلدام كەنتى، قىيقۇ كەنتى، قۇمباغ كەنتى، سېرىق كەنتى، قاراڭغۇيار كەنتى، ئاياغ قىيقۇ كەنتى، قاشيانتاق كەنتى، باشبىز كەنتى، ئوتتۇرابىز كەنتى، ئاياغ بىز كەنتى، قارا قىيا كەنتى، يېڭى لەڭگەر كەنتى، بوستانكۆل كەنتى قاتارلىق 25 مەمۇرىي كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

باغۋەنچىلىك بازىسى قۇرۇلۇشى

سامپۇل يېزىسىباغۋەنچىلىك بازىسى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ئىلىمىي پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بازار بۇ سورتنى ياخشىلاپ، مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بەزى كونا مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىپ ئۇلاپ سۈپەتلىك دەرەخ تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ بازارنى كېڭەيتىپ كۆلەملىك كەسىپ قىلغان.

ئوت-چۆپ، چارۋىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى

سامپۇل يېزىلىق يايلاق بايلىقى مول، ئاپتونوم رايوندا داڭلىق چارۋىچىلىق چوڭ يېزىسى. كالا، قوي چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىدۇ. كالا، قوي بېقىش كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قولدىن چىقىرىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ چارۋا سانى كۆپىيىپ، ئۆلۈش نىسبىتى جەھەتتە ئازايتىلغان، يۇقىرى دەرىجىلىك چارۋا مال نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن. باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەنبە.

ساياھەت بازىسى قۇرۇلۇشى

سامپۇل يېزىسىسامپۇل يېزىسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، يېزا ئىچىدە قەدىمىي قەبرىستانلىق، قەدىمىي ئورمان مېۋە باغچىسى، تاغلىق قاشتېشى سودىلىشىش ئورنى قاتارلىقلار ئورۇنلار ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. جەمئىيەتكە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى پائال يېتەكلەپ ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

لوپ ناھىيەسى سامپۇل يېزىسى «بەنزىنى تۇتۇش، پىكىر يولىنى رەتلەش، پات-پات تەكشۈرۈپ قاتتىق باھالاش» ئومۇمىي تەلىپى ۋە خىزمەت پىكىر يولىدا بارلىق يېزا رەھبەرلىرى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە ھەر قايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى قاتارلىق جەمئىي 106 ئادەم «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش » كۆرەك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان.

سامپۇل يېزىسىكۆرەك قىلىۋاتقان خادىملار دېھقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى نىسبەتەن قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈپ  ئىقتىسادىي ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ھېساباتىنى ئېلىپ بېرىپ يېزا-كەنت كادىرلىرى «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش» خىزمەت مېخانىزمىنى خەۋەردار بولۇش نىسبىتى، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرەك ئارقىلىق يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش» خىزمەت مېخانىزمىنى جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#