ئوران قۇيۇلدۇرۇش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇران ئاز ئۇچرايدىغان خىمىيىلىك ئېلېمېنت بولۇپ، رادىيوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇراننىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى ئۇران 238، ئۇران 235 ۋە ئۇران 234 قاتارلىق ئۈچ ئىزوتوپ بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇران 235 لا يىمىرىلىشچان يادرو ئېلېمېنتى بولۇپ، نېيتروننىڭ تەسىرىدە زەنجىرسىمان يادرو پارچىلىنىش رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنى ئاتوم بومبىسىنىڭ يادرو ماتېرىيالى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رېئاكتور يېقىلغۇسى قىلىشقا بولىدۇ.
تەبىئىي ئۇران
تەبىئىي ئۇران رۇدىسىدا ئۇراننىڭ ئۈچ ئىزوتوپى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇران 235 نىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، تەخمىنەن %0.7نى ئىگىلەيدۇ. ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەبىرىگە ئاساسلانغاندا، موللۇق دەرىجىسى %3 بولغان ئۇران 235 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا توك چىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ئۇران، موللۇق دەرىجىسى %80 تىن يۇقىرى بولغان ئۇران 235 قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئۇران ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، موللۇق دەرىجىسى %93 تىن يۇقىرى بولغان ئۇران يادرو قورالى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇران ئېلىش ئىنتايىن مۇرەككەپ يۈرۈشلۈك تېخنىكا بولۇپ، كان چارلاش، قېزىش، رۇدا تاللاش، رۇدا نەملەش، رۇدا تاۋلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەريانلار كېتىدۇ. ۋەھالەنكى، قويۇلدۇرۇش، ئايرىش ئەڭ ئاخىرقى ھالقا بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ. بىر كىلوگىرام قويۇلدۇرۇلغان ئۇران 235 كە ئېرىشىشكە 200 توننا ئۇران رۇدىسى كېتىدۇ. ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسى يادرو قورالىغا چېتىلغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. ھازىر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەردىن باشقا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئارگېنتىنالار ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن. قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئايرىشتا، ئادەتتە گازنى مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، گازنى مەركەزدىن قاچۇرۇش ماشىنىسى مۇھىم ئۈسكۈنە بولغاچقا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئۈسكۈنىگە ئىگە بولغان – بولمىغانلىقنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىيالايدىغان – ياسىيالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئىزدىنىش تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.