ئاقتاش يېزىسى

ئاقتاش يېزىسى

ئاقتاش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئەسلىدە تەڭرىتاغ گۇڭشېسىنىڭ ئاقتاش چوڭ ئەترىتى بولغان، 1984-يىلى ئاقتاش يېزىسى بولۇپ قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاقتاش يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 312.2 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白石头乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 1000 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى bái shí tóu xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقتاش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئەسلىدە تەڭرىتاغ گۇڭشېسىنىڭ ئاقتاش چوڭ ئەترىتى بولغان ، 1984-يىلى ئاقتاش يېزىسى بولۇپ قۇرۇلغان.

كۆلىمى 312.2 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 1000 ئادەم، ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %73.27 نى ئىگەللىگەن. ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن يېزا.

ئاقتاش يېزىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، بىر كەڭ يايلاق. چىلىك دەرياسى، خەنچىگۇ جىلغىسى، ياۋايى ئادەم جىلغىسى، تاشۇ دەرياسى قاتارلىق دەريا، جىلغىلار بار.

ئاقتاش يېزىسىدا ياۋايى ھايۋانلاردىن بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، ئېفېدرا، سۇغۇر سېسىقئوتى، پەربۇن، تار يوپۇرماقلىق پەربۇن، داخۇاڭ، يالپۇز، قار لەيلىسى قاتارلىقلار، يەنە مول ئورمان بايلىقى بار.

ئاقتاش يېزىسىدىكى ساياھەت رايۇنى مەنزىرىلىرىئاقتاش يېزىسى 1995-يىلدىن بۇيان، بەزى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار كەينى-كەينىدىن ئاق تاش ئوتلىقىغا مەبلەغ سېلىپ، ئاقتاش يېزىسىدا بىر-بىرلەپ تەتىل كەنتى قۇرغان. ئاقتاش يېزىسىدا ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چارۋىچىلار كۆپىيىپ 400 گە يەتكەن، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش كىگىز ئۆيى 120 گە يەتكەن.

2005-يىلى، ئاقتاش يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2013 يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە % 40 ساياھەتكە ئالاقىدار كەسىپتىن كەلگەن كىرىم. قۇمۇل شەھىرى سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئاق تاش يېزىسىدا، دۆلەت ئىچى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يايلاق گولف توپ توپ مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغان. قۇمۇل ۋىلايىتى يېقىندا بۇ يېقىن ئەتراپتىكى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسىنى ئاقتاش يېزىسىغا قوشۇۋەتكەن، ئاقتاش يېزىسىدا قۇمتاغدەك داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى كۆپەيگەن.

ئاقتاش يېزىسى تەۋەلىكىدە ئاق تاش، تاشۇ، نامداۋان، چارۋىچىلىق فېرمىىسى قاتارلىق 4 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#