قاتناش-ترانسپورت ئادەتلىرى

تۆگە كارۋانلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاتناش-ترانسپورتىدا تۆگە كارۋىنى بىلەن ئات-ئېشەك كارۋانلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەينى مەزگىللەردىكى «يىپەك يولى» سودىسىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تۆگە كارۋانلىرى ئايىقى ئۈزۈلمەستىن نەچچە ئايلاپ يۈرۈپ، خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا ئۈلگە ياراتقانلىقى ھەققىدە ھەممىگە مەلۇم بولغان قىزىقارلىق خاتىرىلەر بار.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قاتناش-ترانسپورت ئادەتلىرى
خەنزۇچە ئىسمى 交通运输惯例

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئات كارۋىنىئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاتناش-ترانسپورتىدا تۆگە كارۋىنى بىلەن ئات-ئېشەك كارۋانلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەينى مەزگىللەردىكى «يىپەك يولى» سودىسىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تۆگە كارۋانلىرى ئايىقى ئۈزۈلمەستىن نەچچە ئايلاپ يۈرۈپ، خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا ئۈلگە ياراتقانلىقى ھەققىدە ھەممىگە مەلۇم بولغان قىزىقارلىق خاتىرىلەر بار.

تۆگەتۆگە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ياۋاش ئەمما كۈچتۈڭگۈر ھايۋان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ جۇراپىيىلىك شارائىتىغا ناھايىتى ماسلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتمۈشتە شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن يوللۇق قاتنىشىدا تۆگە ئاساسلىق رول ئوينىغان. ھەرقايسى يۇرتلاردا ئۇيغۇرلاردىن ئاتاقلىق تۆگىچىلەر(كارۋان بېشى) بولغان. بولۇپمۇ كەلپىن ناھىيىسى، قەشقەر كوناشەھەرنىڭ ئوپال، تاشمىلىق رايونلىرى تۆگە قاتنىشىدا مەشھۇر بولۇپ، بۇ جايلاردا تۆگە بېقىش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن. 

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاتناش ئادىتى ئۈستىدە سۆز ئاچقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئېپوسى «ئوغۇزنامە» ئىچىدىكى تۆۋەندىكى ئابزاسلار بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ: ئوغۇزخاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە بارماقلىق يوسۇن بىللىگ دېگەن چېۋەر بىر ئادەم بولۇپ، ئوغۇزخاننىڭ ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى توشۇشقا ئېگىز بىر ھارۋىنى جانلىق غەنىيمەتلەرگە تارتقۇزغان، نۆكەرلەر ۋە ئەل-جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشقان، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىغان، ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا، «قانغا، قانغا» دېگەندەك ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «قانغا» دەپ نام قويۇشقان، ئوغۇزخاقان بۇ ھارۋىنى كۆرۈپ كۈلىدۇ، ئېيتتىكى؛ «قانغا» بىلەن جانسىز غەنىيمەتنى جانلىق غەنىيمەت سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن «قانغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن» يۇقىرىقى پارچە ئارقىلىق ئوغۇز خاقان دەۋرىدىلا ئېگىز چاقلىق ھارۋا قاتناش ئىشلىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مۇشۇ خىل ھارۋىنىڭ كەشپ قىلىنىشىمۇ مۇقەررەركى، ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان «يار-يار ھارۋا» شەكىل جەھەتتىن «قانغا» بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. 

«يار-يار ھارۋا» بەزىدە «پەيزىۋات ھارۋىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ھارۋىغا ئات ياكى ئۆكۈز قېتىلىدۇ. چاقنىڭ دىئامېترى بىر يېرىم مېتر ئەتراپىدا بولۇپ، چەمبىرى سېرىق سۆگەتنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ھارۋا ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتر ئەتراپىدا بولۇپ، ھارۋىنىڭ جازىسى شۇ ئوق ئۈستىگە ئورنىتىلىدۇ. بۇنداق ھارۋا توپىلىق يوللارغا ماس كەلگەچكە، يېزا قاتنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. 

مەپەئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھارۋىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، شەھەر قاتنىشىدا مەپە ھارۋا كەڭ ئومۇملاشقان. مەپە «يار-يار ھارۋا» نىڭ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن يېڭى نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئادەم توشۇيدۇ. مەپە ھارۋىمۇ ئىككى چاقلىق بولۇپ، چاقنىڭ «دىئامېترى بىر مېتر ئەتراپىدا. ئۈستى كىمىر ئۆي شەكلىدە ياسىلىپ، يان تەرىپىگە ئىككى كۆزنەك قويۇلغان. ئالدى تەرىپىگە رەختتىن پەردە تارتىلغان بولۇپ، ئادەتتە تۆت ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. مەپە ھارۋا ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتە كۆركەم ۋە نەپىس ياسىلىدۇ. مەپىگە قاتىدىغان ئاتمۇ ئالاھىدە خىللىنىدۇ. ئاتنىڭ بېشىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە رەتلىك ھالدا ياڭاقتەك مىس كولدۇرمىلار ئېسىلىدۇ» . 

مەپىدىن باشقا يەنە «خادىك ھارۋا» مۇ كەڭ ئومۇملاشقان. خادىك ھارۋا ئىلى، ئۈرۈمچى، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەرگە كەڭ تارقالغان. خادىك ھارۋىنىڭ چاقى تۆت بولۇپ، ئالدى چاقى كىچىك، كەينى چاقى چوڭراق بولىدۇ. جازىسى پەسرەك بولۇپ، ئىشلىتىشكە قولاي، ئۇنىڭغا ئادەتتە بىر ياكى ئىككى ئات قېتىلىدۇ. ئون كىشى ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇ شەھەر قاتنىشىدا «ئاپتوبۇس» نىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن. ھازىرمۇ تۇرپان، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە خادىك ھارۋىنىڭ چاقى تۆت بولۇپ، ئالدى چاقى كىچىك، كەينى چاقى چوڭراق بولىدۇ. جازىسى پەسرەك بولۇپ، ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئۇنىڭغا ئادەتتە بىر ياكى ئىككى ئات قېتىلىدۇ. ئون كىشى ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇ شەھەر قاتنىشىدا «ئاپتوبۇس» نىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن. ھازىرمۇ تۇرپان، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە خادىك ھارۋىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن شەكلى—ئىككى چاقلىق يەڭگىل ھارۋا قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشتا قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ.

زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرلىك ھارۋىلار «تويوتا» ، «خۇاڭگۇەن» «سانتانا» قاتارلىق زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن بەس-بەستە كۆپلىگەن چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#