شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي ئۈرۈمچىنىڭ غەربى شىمال يولى 2 13–نومۇرغا جايلاشقان ،پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋرىشكىلەرنى ساقلايدىغان ،پەن تەتقىقات ۋە تەشۋىق تەربىيە ئورگىنى

1953- يىلى قۇرۇشنى پىلانلاپ 1958 -يىلى–قۇرۇلۇشنى باشلىغان، 1959 –يىلى رەسمى قۇرۇلغان ،دەسلەپكى موزىينىڭ قۇرۇلمىسى بولسا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ خەنزۇچە تاغ خېتى شەكلىدە تەكشى ھالەتتىكى قۇرۇلۇش ئىدى ، 1962- يىلى ھازىرقى موزىيغا ئايلانغان ھەم سىرتقا ئېچىۋەتكەن .«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي » دېگەن بۇ موزىي ئىسمى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئىنقىلاپچى ،رەئىس جۇدې 1959-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەلەرنى تەكشۈرگەندە موزىي دېگەن نامنى بەرگەن .

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي
تۈرى ئونۋېرسال خارەكتىرلىك موزىي
قۇرۇلۇش پۈتكەن ۋاقتى 1959-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区博物馆
ساقلانغان نەرسىلەر سانى 32000 دانە
ئادىرسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايونى غەربى شىمال يولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي بولسا جۇڭگودىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئونۋېرسال خارەكتىرلىك تارىخى موزىي ،ئورنى ئۈرۈمچى غەربى شىمال يولىدا، 1953 - يىلى تەييارلىق قىلىنىپ 1963-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى ، بۇرۇنقى قۇرۇلىشى يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ ،1962-يىلى ھازىرقى موزىيغا ئايلانغان ھەمدە سىرتقا ئېچىۋېتكەن ،يېڭى ئاپتۇنۇم رايولۇق موزىي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتىتى ، خەلق ھۆكۈمىتى ،ھەمدە مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆاۈپ قوللىشى ئاستىدا   ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى ،2005-يىلى داغدۇغىلىق ھالدا سىرتقا ئېچىۋەتتى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزكىزى كومتىتى سىياسى بيورۇنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتىتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ،ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر زىيارەتتە بولدى ،يېڭى موزىينىڭ كۆلىمى 17288 كۇۋادىرات مېتىر ،يەرئاستى بىر قەۋەت ،يەر ئۈستى ئىككى قەۋەت ،،ئومۇمىي ئىگىزلىكى 18.5 مېتىر ،بۇ موزىينىڭ تەتقىقات خىزمىتى بولسا قەدىمىي ئاسار ـ–ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ، بۇ قۇرۇلۇش ئىنتايىن قويۇق بولغان غەربى يۇرت ئۇسلۇبىغا ئىگە ۋە قويۇق بولغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن.   

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق موزىينىڭ دائىملىق كۆرگەزمىسى تۆۋەندىكىدەك : 1. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىخانىسى –بۇنىڭدا سېستىمىلىق ھالدا شىنجاڭدىكى 12 ئازسانلىق مىللەتنىڭ كىيىم كېچەك ،يۈرۈش –تۇرۇش، توي-تۆكۈن، نەزىر –چىراق، يېمەك ئىچمەك، دىننىي-ئىتقاد ھەمدە باشقا تەرەپلەردىن ئۆزگىچە بولغان مىللى  ئۆرپ-ئادەتلەرنى تونۇشتۇرىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىنتايىن مول بولۇپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەربابلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن 2. شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە قېزىپ چىقىرىلغان قەدىمىي ئاسار –ئەتىقىللىرى كۆرگەزمىسى – بۇنىڭدا 4000 -5000 يىللار ئىلگىردىن باشلاپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان ،يىپەك يولىدىن قېزىپ چىققان ھەم ساقلىنىۋاتقان مىڭدىن كۆپرەك قىممەتلىك ئاسار –ئەتىقىلەر كۆرگەزمە قىلىنغان. يەنى ساپال فارفورلار، ھەمدەپنە قىلىنغان لاي ھەيكەل ،ئاقچا يەنى پۇل ،ھەرخىل ئابىدىلەر، قەدىمىي كىتاپلار،  ھەربىي قورال-ياراغ ۋە سەرەمجانلار قاتارلىقلار .

 3. قەدىمكى جەسەتلەتلەر كۆرگەزمىسى ،بۇنىڭدىن 3800 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى كرورەن گۈزىلى ھەمدە 3200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىركى قۇمۇل ئايال جەسىتى بار .     

     بۇ موزىيدا 3200 دابە بۇيۇملار بار بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك بۇيۇملار 288 دانە .يىپەك ،ياختا كەندىردىن توقۇلغان بۇيۇملار ،ھەرخىل ھۆسىنخەتلەر ،يازما ھۆججەتلەر ،ياغاچ ھەيكەللەر ،رەسىملەر ،مىس بۇيۇملار ،شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلارنىڭ مىللىي كىيىم –كېچىكى ۋە قول ھۈنەرۋەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۆزگىچە بۇيۇملار ،يەنە بىرقىسىم قەدىمكى تاش قاتمىلار ۋە قەدىمكى جەسەتلەر .

ساقلانغان بۇيۇملار     شىنجاڭ موزىيخانىسىىڭ سىرتقا ئېچىۋەتكەن كۆرگەزمىللىرىدىن : «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» ،«شىنجاڭ مىللى ئۆرپ –ئادەت كۆرگەزمىسى »دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى كۆرگەزمە ۋە «شىنجاڭنىڭ قەدىمى چىرىمىغان جەسەتلەر كۆرگەزمىخانىسى »،«تارىخى ئابىدە -شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاپ تارىخى ماتىرياللار كۆرگەزمىخانىسى » قاتارلىق كۆرگەزمىللىرى بار .«شىنجاڭ تارىخى  مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى »نىڭ كۆلىمى 1500 كۇۋادىرات مېتىر ،مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ،كۆپ مىقداردىكى رەسىم ،يەر تۈزۈلۈشنىڭ قۇمدىن ئىشلەنگەن مودىلى قاتارلىقلار سېستىمىلق ھالدا 20 مىڭ يىل بۇرۇنقى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ تارىخى كۆرۈنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى،كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ،ھەرخىل دىنلار بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ بەردى .

      «شىنجاڭنىڭ مىللىي  ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى » كۆلىمى 1500 كۇۋادىرات كېلومېتىر ،   «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى چىرىماس جەسەتلەر كۆرگەزمىسى »كۆلىمى 700 كۇۋادىرات مېتىر ، 100 خىلغا يېقىن قەدىمىي يادىكارلىقلار بار .

  «تارىخى ئابىدە -  شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاپ ماتىرياللىرى كۆرگەزمىسى » ،كۆرگەزمە مەيدانى 700 كۇۋادىرات كېلومېتىر ،ئىنقىلابى يادىكارلىقلار 200 دىن ئارتۇق ،رەسىم 200 پارچىدىن ئارتۇق ،ئايرىم ئايرىم ھالدا ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتپاقلىشىپ جەڭ قىلىش لىنىيە شەكلى ،جوڭگۇ خەلقى دېمكۇراتىيە ھەركىتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۈچ رايون ئىنقىلابى ،ھەم نۇقتىلىق ھالدا جوڭگۇ كومنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى دەۋرلەردىكى شىنجاڭنى قۇرۇش يولىدا قان ئاققۇزغان ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ ئەمىلىي ئىش ئىزلىرى ۋە  پارتىيىمىزنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يېقىندىن قوللىغان ئىشلىرى كۆرسىتىلگەن . [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/90162.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#