ئۈچەي ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا ئىچى سۈزۈش، قورساق ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، 40~20ياشلىق كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئۈچەي ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلىتىھابى ئەمئا» دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى ئۈچەي ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 肠炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل مىكروبلار بىلەن ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردە توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ۋە شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇلغانغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تولغاق، خولېرا، كىزىك، ئۈچەي سىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. سۈرگۈ دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل سۈرگە دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. روھىي ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە جىددىيلىشىش، قورقۇش، ئاچچىقلىنىش، غەم ئەندىشە قىلىش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى سەۋەبىدىن ھەزىم بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى:

ئىچى سۈرۈپ، قورساق ئاغرىيدۇ، توڭۇپ تىترەش، قىزىش بولىدۇي. كۆڭلى ئېلىشىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، تومۇرى تېز ئۈزە سالىدۇ. ئاشقازان ياللۇغى بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ كەلسە يۇقىرىقى ئالامەتلەرگە قۇسۇش، قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغلانغان بولسا، ياللۇغ ئۆت كانىلىغا تەسىر قىلىپ يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە سېرىقلىق چۈشۈش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. پۈتۈن ئۈچەي ياللۇغلانغان بولسا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۈچىيىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، تىلى قارامتۇل گەز باغلاش، ئاغزى قۇرۇش، كۆپ ئۇسساش، كۆزى ئولتۇرۇشۇش، روھىي كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، جۆيلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ئۈچەي يارىسى، ئۈچەي راكى، ئۈچەي توسۇلۇش، قەۋزىيەت، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كەم قانلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىشىتن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قورساق ئاغرىش، قىزىش ئالامەتلىرى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما ئۈچەي ياللۇغىدا ئىچى سۈرىدۇ. ئۈچەي توسۇلۇشتا چوڭ تەرەت قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

2. قورساق پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قورساق پەردە ياللۇغىدىكى قورساق مۇسكۇلى قېتىپ قىلىش، ئاغرىش ناھايىتى كۈچلۈك بولۇش، قورساققا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى رېنتگېندە تەكشۈرگەندە ئەركىن ھاۋا بولۇش ئالاھىدىلىككە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. جاراسىملىق تولغاقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

جاراسىملىق تولغاقتىكى تەرەت مىقدارى ئاز، قۇرۇق ئىنجىق كۆپ بولۇش، تەرەت شىلىمشىق قان يىرىڭ ئارىلاش بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ غىدىقلىنىشىنى پەسەيتىش، قان توختىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. ھەزىمنى ياخشىلاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بو لسا، قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، ئىتتىرىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى ق ېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ئىتىرىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى ق ېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تازىلاش مەقسىتىدە خىيارشەنبەر 25گرام، تەرەنجىبىن 20گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى كاسىنىدە ئېرىتىپ، ئۈچ مىللىلىتىر بادام يىغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، روم بەدىيان 10گرامدىن، ئەينۇلا، ئىتئۈزۈمى 15گرام، سېرىق ھېلىلە 12گرام، خىيارشەنبەر 45گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان توختىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

بېھى ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل 20گرامدىن ئېلىپ، 250مىللىلىتىر ئەرقى گۈلگە چىلاپ لوئابىنى چىقىرىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىرگە 40مىللىلىتىر دىنار شەربىتى قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، رەيھان ئۇرۇقى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 12گرامدىن، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى 24گرامدىن، تاباشىر، گىل ئەرمىنى 36گرامدىن، ئەپيۇن بىر گرام ئېلىپ، ئۇرۇق، دورىلارنىڭ لۇئابىنى چىقىرىپ باشقا دورىلارنى تالقانلاپ، قوشۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامنى 30مىللىلىتىر خەشخاش شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كاسىنە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى ئالتە گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى شوخلا ياكى ئەرقى بەدىياندا قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىرغا بۇزۇرى شەربىتى 30مىللىلىتىر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

گۈلبىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، ئىتئۈزۈمى، بەدىيان، كاسىنە يىلتىز ئالتە گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قايناق سۇغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىرگە 30مىللىلىتىر بۇزۇرى شەربىتى، مامىران كاپسۇلى كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 تال قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، قۇرسى كەھرىۋا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، سۇفۇپى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5 گرامدىن، ھەببۇلئاس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، ئەنجىباھار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئاملە نۆشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش شەھرىياران كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال ىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ئىچىشتىن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، چىرىگەن، بۇزۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى، زىيادە يىرىك تاماقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، قورساققا گىرىلكا ياكى قايناق سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=823

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#