جەننەتقۇشى

جەننەتقۇشى

 جەننەتقۇشى 16 خىل ئۇرۇقدىشى 41 خىل تۈرى بار. كۆپ قىسىم ئەركەك قۇشىنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولغاچقا، ھەرخىل چىرايلىق ھەركەتلەرنى ئىشلەيدۇ. چىشى قۇش ۋە ئەركەك قۇش چىپار مافىل دەرىخىنىڭ پارقىراق قوغدىنىش رەڭگىگە ئىگە. قورساق قىسىمى تاغىل. بەزى تۈرلىرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا ياكى قارا كۆك رەڭدە. بۇ قۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىردىن 110 سانتېمىترغىچە، بەدەن ئېغىرلىقى50 گىرامدىن 450 گىرامغىچە كېلىدۇ. ئەركەك قۇش ئادەتتە چىشى قۇشتىن چوڭ. 

 


ئۇيغۇرچە ئىسمى جەننەتقۇشى
خەنزۇچە ئىسمى 极乐鸟
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى جەننەت قۇشى ئائىلىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى birds-of-paradise
تارقالغان رايونلار يېڭى گۋىنىيە ۋە شۇ ئەتراپقا يېقىن ئارال ، ئاۋسترالىيە
تىپى ئومۇرتقىلىقلار تىپى
تۈركۈمى قۇشقاچسىمانلار ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى 16 ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەننەتقۇشىئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ⅩⅥ ئەسىردە، يىراق دېڭىز سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئىسپانىيىلىك كاپىتان پادىشاھقا بەش دانە تەڭداشسىز چىرايلىق قۇشى تېرىسى سوۋغا قىلىپتۇ، پادىشاھ بۇ قۇش تېرىلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ھاڭ-تاڭ قېلىپ، ئۇنى قولىدىن چۈشۈرمەي ماختاپ كېتىپتۇ ھەمدە ئۇنى «جەننەتتىن كەلگەن قۇش» دەپ تەرىپلەپتۇ. شۇنىڭدىن 300 يىل كېيىن، رىس ئىسىملىك بىر ئالىم يېڭى گۋىنىيە ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدىن بۇ خىل قۇشنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ كەلگەندىن كېيىنلا، كىشىلەر ئاندىن بۇ قۇشنىڭ جەننەتتىن كەلگەن قۇش بولماستىن، بەلكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا دائىم ئۇچرايدىغان قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

بۇ چىرايلىق قۇشنىڭ جەننەتقۇشى، قۇياش قۇشى، شامال قۇشى، تۇمان قۇشى دېگەندەك ناملىرى بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قۇش مۇتەخەسسىلىرى ئۇنى جەننەتقۇشى، دەپ ئاتىغان.

كۆپ يىللاردىن بۇيان جەننەتقۇشى ئىزچىل ئامبليورنىس قۇشى يېقىن تۇغقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ئاۋسترالىيە رايونى قاغانىڭ كىچىك بىر تۈر قىسىمى، بۇ ئىككىسى يىراق تۇققانلاردۇر. جەننەت قۇشى ئائىلىسى ۋە قاغا ئائىلىسى، ھاشارەتچى ئائىلىسى، تۆگگە قۇش ئائىلىسى تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىدىن ئۆزگەرگەن.

جەننەتقۇشىجەننەتقۇشى قۇشلار ئىچىدە پېيى ئەڭ چىرايىلىق قۇش، شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ داڭلىق تاماشا قىلىنىدىغان قۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدىكى پەيلىرى يېشىل بولۇپ، خۇددى يىپەككە ئوخشىشىدۇ، قۇيرۇقىدا ئىككى دانە سىمدەك ئۇزۇن پېيى بار بولۇپ، قۇياش نۇرىدا چىرايىلىق جۇلالىنىپ كۆزىنى چاقنىتىدۇ.

 ھەر خىل جەننەتقۇشى ئۆلچىمى ۋە ئېغىرلىق جەھەتتە ئەڭ يېنىك جەننەت قۇشى 15 سانتىمېتىر، 50 گرامدىن ئەڭ ئېغىرىغىچە تاجسىمان نۇر جەننەتقۇشى 44 سانتىمېتىرغا يەتكەن، ئەركەك قارا ئورغاق تۇمشۇق جەننەتقۇش  430 گرامغا يەتمەيدۇ، شۇ قۇشلار ئائىلىسىگە ئۇزاق بولۇپ،  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 110 سانتېمېتىر. جەننەت قۇشى ئائىلىسى كۆپ قىسىملىرىنىڭ سورتى ئەركەكنىڭكىگە قارىغاندا چىشىسىنىڭ قۇيرۇقى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئوخشاش بولمىغان قۇيرۇق شەكلى يېنىك ياكى ئېغىر ياكى پەرقلىق. قوش قاناتلىق جەننەتقۇشى قانىتى يۇمىلاق ھالەتتە بولىدۇ، بەزى ئەركەك قۇشلىرى  قاناتسىمان چىغناقلىققا ئۆزگىرىپ قېلىشى ياكى ئاۋاز چىقىرىشى ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئائىلىدىكى قۇشنىڭ تۇمشۇقى ئۆزگىرىش شەكىللىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئورغاق تۇمشۇق جەننەتقۇش ۋە جەننەتقۇش ئاستى تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم ئەگمە شەكىللىك، ئۇزۇن قۇيرۇق جەننەتقۇش ئۇرۇقدىشى ۋە يىپسىمان كىچىك شەكىللىك، بەدەن شەكلىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، ئىككى خىل پەرىق يەنىلا مەۋجۇت، ئادەتتە ئەركەككە قارىغاندا ئانىلىق تۇمشۇقىنىڭ تۇمشۇق چوڭ، بولۇپمۇ چىشى قۇشلار ئۈچۈن ھاشاراتلارنى ئوزۇق قىلىش ئىنتايىن ئاسان. 

جەننەتقۇشى كۆپ ساندىكى جەننەتقۇشى كۆللەردە، يامغۇرلۇق ئورمىنى، سۇلۇق يەر ۋە مۇخلۇق ئورمىنى، ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدۇ. ئەڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان، ئاۋىستىرالىيە - نەملىك ئورمانلىقلاردا ۋە  چوڭ قىسىمىدىكى ئورمانلىقتا ياشايدۇ. جەننەت قۇشى ئۇرۇقدىشى مۇھىت تاللىشى قاتتىق تەلەپ خاراكتېرلىك ئەڭ تۆۋەن ئۇسۇل، قارا پارقىراق جەننەت قۇشى ئورمانلىقلاردا ياشاشقا ئادەتلەنگەن، ھەمدە، كەڭرى كەتكەن ئىسسىق بەلباغ ئورمان يايلاقلىرىدا ياشايدۇ. ئاز ساندىكى بىر نەچچە خىل جەننەت قۇشى دېڭىز ياقىسى - باراقسان مانگرو ئورمانلىقىدا پەيدا بولغان. ئادەتتە ئەڭ كۆپ ياشايدىغان ماكانى جۇڭشەن دائىم كۆكىرىپ تۇرغان ئورمانلىق، 30 خىلدىن ئارتۇق جەننەتقۇشى دېڭىز يۈزدىن ئېگىزلىكى 1000 - 2000 مېتىر بولغان جۇڭشەن يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىدا ياشايدۇ.

ھىندونىزىيە، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى، ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي قىسمەن جايلىرى. 

جەننەتقۇشىجەننەتقۇشىنىڭ تۇرقى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، پەيلىرى تولىمۇ رەڭدار، يەنە كېلىپ ناخشا ئېيتىشقا ماھىر. كۆپىيىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئەركەك قۇش ئورمانلىقتىكى بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرۈپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار دائىم پۈتۈن بەىنىدىكى پەيلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ھەر خىل چىرايلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئەركەك قۇشنىڭ بۇنداق كۈچەپ ئۆز گۈزەللىكىنى ۋە ھۈنىرىنى نامايان قىلىشتىكى مەقسىتى باشقا ئىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى چىشى قۇشنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈندۈر. 

نەسىللەندۈرۈش

 جەننەتقۇشى يالغۇز مۇھىتتا ياشاشقا مايىل، پەقەت كۈيلەش مەزگىلىدىلا جۈپلىشىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىنىڭ دەسلىپىدە، ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى،بەزى دەرەخ شاخلىرىدا ياكى ئورمانلىقلاردا پەيلىرى ۋە قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ ماختىنىدۇ. بۇ چاغدا چىشى قۇشى قاناتلىرىنىى كەڭ يېيىپ ھەرخىل گۈزەل قىلىقلارنى قىلىدۇ. 

ئۇۋا ياسىشى

 چتىشىش كېيىن، چىششى قۇشى ئايرىم ئورن تېپىپ، يۆگىمەچ چاتقاللارنى ئىشلىتىپ، شاخ ۋە ئوت چۆپلەرنى بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ يېرىم شار شەكىللىك ئۇۋا ياسايدۇ، ئاندىن تۇخۇملايدۇ ھەمدە ئۆز ئالدىغا باسىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، باشقا نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان قۇشلار، جەننەتقۇشى يەر يۈزىدە، مۇخ بىلەن قاپلانغان تاغ جىنسلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇۋا ياسايدۇ. شۇنداقلا دەل-دەرەخلەرنىڭ شاخ - يوپۇرماقلار ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ. ئوۋىسىنىڭ شەكلى ئۈچ خىل بۇلۇپ، ئۇۋا يېرىم شار شەكىللىك، شاخلىق سانجاق چاڭگا شەكىللىك، ئاسما رومكا شەكىللىك چاڭگا سالىدۇ. 

پەرۋش قىلىش ئۇسۇلى

كۆپ ساندىكى جەننەتقۇشىنىڭ بىر ئۇۋىسىدا 1، 2 تال، ئاندا - ساندا ئۈچ دانىسى بار. تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئاستى پارقىراق ياكى سۇس قوڭۇر رەڭدىن چىكىتلىك ياكى قوڭۇرغا، سۇس ياكى قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭدە، ئادەتتە ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈندىدۇ. يۇقىرقىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى چىشى قۇشى ئادەتتە 14 كۈندىن 26 كۈنگىچە تۇخۇم باسىدۇ. تۇغۇلۇپ ئۇچىشىغىچە جەمئىي 17 كۈندىن 30 كۈگىچە ۋاقىت كىتىدۇ. دەسلەپتىكى گۈدەك قۇشنىڭ تۈكى يوق ئۆرە تۇرالمايدۇ ھەم ماڭالمايدۇ، پەقەت چىشى قۇشنىڭ يىمەكلىك يىگۈزىشىگە تايىنىدۇ، بىر ئايدىن ۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدۇ. 

پاپۇئا گۋىنىيە خەلقى جەننەتقۇشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ قۇشنىڭ سۈرىتى پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە باشقا تۈرلۈك خاتىرە بۇيۇملارغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ يەردە مەيلى دۆلەت مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ خاتىرە مۇراسىمى ۋە ياكى ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى بولسۇن، كىشىلەر جەننەتقۇشىنى دوراپ ئوينىلىدىغان «يۇلتۇز ئۇسسۇلى» دىن بەھرە ئالالايدۇ.

 جەننەت قۇشىنىڭ كۆپ قىسىملىرى « دۇنيا ئىتتىپاقى قىزىل نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلار تىزىملىكى » گە كىرگۈزۈلگەن. [0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#