فىكۇس دەرىخى

فىكۇس دەرىخىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بىر قەدەر تىز بولغان ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخ تۈرى، ئۇنىڭ غولى ھەم شاخلىرىدا ناھايىتى نۇرغۇن قوۋزاق تۆشۈكچىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ھاۋا يىلتىزلىرى تۆۋەنگە قاراپ ئۆسۈپ، تۇپراققا تىشىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆسۈپ ، يوغىناپ ئاخىرىدا تىرەك يىلتىزلارغا ئايلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى فىكوس دەرىخى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئۈجمە ئائىلىسى
لاتىنچە نامى Ficus religiosa L
خەنزۇچە ئاتىلىشى 菩提树
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چاققاق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ياۋا ئەنجۈر دەرىخى ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى ئىپتىدائىي گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىكۇس دەرىخىچوڭ دەرەخلەر ئېگىزلىكى 25 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 30-50 سانتىمېتىر؛ دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ، سىلىق ياكى سەل بۇيىغا كەتكەن سىزىقلىرى بار، تاجىسى كەڭرى؛ كىچىك شاخلىرى كۈل رەڭ قوڭۇر، كىچىك ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.

فىكۇس دەرىخىجۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇئاڭشى، يۈننەندە كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ياپۇنىيە، مالايشىيا، تايلاند، ۋيېتنام، بۇتان، سىككىم، نىپال، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق رايۇنلارغىمۇ تارقالغان، كۆپىنچە ھىمالايا تېغى رايونى، پاكىستاننىڭ راۋالپىندى، بۇتان رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

فىكۇس دەرىخىفىكۇس دەرىخى يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، يۇقىرى نەملىكنى ياقتۇرىدۇ، ℃ 25 بولغاندا ئۆسۈشى تېز بولۇپ، قىشتىن ئۆتۈش ۋاقتىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنى ℃ 12 ئەتراپىدا، ئۈششۈككە چىدامسىز، بۇلغانمايدىغان ئىقتىدارى كۈچلۈك، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، لېكىن مۇنبەت تۇپراق، بوش ئازراق كىسلاتالىق قۇمساڭ ئەت تۇپراق بولسا ياخشى ئۆسىدۇ. فىكۇس دەرىخىنىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ئۆسۈشى تېز. 

فىكۇس دەرىخىفىكۇس دەرىخى مايسا يېتىپ قېلىش كېسىلى ۋە قارا داغ كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، مانېب سىنكتىن %80 لىك نەملىنىشچان پاراشوكسىمان دورىدىن %0.167 قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىسى ياكى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان زەمبۇرۇغ، قويۇقلۇقى %75 لىك خىلوروتالونىلنىڭ %0.125 قەۋەت ئېرىتمىسى پۈركۈلىدۇ ياكى ئىككى خىل ئارىلاشما سۇيۇقلۇق پۈركۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا ئۈچ قېتىم پۈركۈلىدۇ، ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىلىدۇ.

يېشىللاشتۇرۇش 

فىكۇس دەرىخىفىكۇس دەرىخى گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد، خلور گازىغا قارشى تۇرۇشچانلىقى ئوتتۇراھال، گىدروفتورىك كىسلاتاغا قارىتا قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك، پىلىسىدىن بۇلغىنىش رايونى كۆكەرتىش دەرەخ تۈرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى كېڭەيتىپ، دەرەخسىمان قامەتلىك، بۈك - باراقسان، تاجىسى كەڭرى، نەپىس، ئېسىل بولغان مەنزىرە دەرەخ تۈرى، پىلىسىدىن ھويلا - ئارام ، يول كۆكەرتىش دەرەخ تۈرى.

ئىقتىساد قىممىتى

فىكۇس دەرىخىنىڭ شاخ ئۈستىگە ئېقىپ چىققان سۈتسىمان سۇيۇقلۇق شەربىتى، قاتتىق كاۋچۇكلۇق شاخ، پىل، كالا قاتارلىق چارۋىلارنىڭ يەم-خەشكى،فىكۇس دەرىخى ياغاچىنىڭ  ئوتتۇرا قىسىمى ۋە گىرۋەك ياغاچ قىسىم پەرقىمۇ روشەن ئەمەس، تۈشۈكچىلىرى تەكشى تارقالغان، سىزىقلىق ئارىلاش، ئاسان يېپىشقاق، دۇشە قىلىشقا مۇۋاپىق، ساندۇق تاختا ۋە تالالىق پەنەركىنىڭ خام ئەشياسى.

دورىلىق قىممىتى 

فىكۇس دەرىخىفىكۇس دەرىخى بولسا دىمى سىقىلىش، دېئابىت، ئىچى سۈرۈش، تۇتقاقلىق، ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى ئەنئەنىۋى داۋالاشتىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بىرى. يەنە بىر تەرەپتىن، فىكۇس دەرىخى راك كېسەلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان، يۈرەك - قان تومۇر كېسىلى، نېرۋا ياللۇغى خاراكتېرلىك كېسەل، نېرۋا روھىي كېسەل، پارازىت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىق كىسەللەرنى داۋالاش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. گۈلى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ، بىراق تەرلىتىش كىسلاتاسىنىڭ سىپازمىنى بوشاشتۇرۇش، ھەم قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئېغىز ئالدۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#