تېرىق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تېرىق (ئاشلىق، دانلىق زىرائەت )
  2. تېرىق (خام دورا)
ئاشلىق، دانلىق زىرائەت
تېرىق

تېرىق ئەسلىي ئىسمى: سۆك، (لاتىن نامى:Panicum miliaceum L)، باشاقلىقلار ئائىلىسى، تېرىق ئۇرۇقدىشى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىككىنچى ئوتى دانلىقلار زىرائەت. پۈتۈن تۈپ يىلتىزى غول، يۇپۇرماق، گۈل رېتى، دان (ئۇرۇق) قاتارلىق بىر قانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

ئۇيغۇرچە نامى تېرىق
تارقالغان رايونلار جۇڭگودىكى تېرىلىدىغان رايونلار ئاساسەن جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى بويىدىكى رايونلارغا مەركەزلەشكەن
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى باشاقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى تېرىق ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 穄子
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى باشاقلىقلار ئائىلىسى
تۈرى تېرىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غولى 

تېرىقتېرىق بىر يىللىق ئۆستۈرۈلىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى توم، تىك تۇرىدۇ، ئېگىزلىكى 40-120 سانتىمېتىر، يەككە ياكى ئاز ساندىكى بەزىدە شاخلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. قويۇق بۇرۇتلۇق، بوغۇم ئاستى تەرىپىدىن سۆگەل كۈنلۈكسىمان. يوپۇرماق تىلى پەردىلەشكەن، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر، چوققا قىسىملىرى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر؛ يوپۇرمىقى يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك بولىدۇ، ئۇزۇنلىقى 10-30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5-20 مىللىمېتىر، سۆگەل تۈۋىدىن ئۇزۇن يۇمشاق تۈكلۈك ياكى تۈكسىز بولۇپ، چوققا تەرىپى تەدىرىجى ئۇچلۇق، تۈۋى يۇمۇلاق، گىرۋەكلىرى قوپال.

گۈلى 

كونۇسسىمان گۈل رېتى بىر قەدەر زىچ، پىشقاندا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلىقى 10-30سانتېمىتىر، شاخلىرى توم ياكى ئىنچىكە، قىرلىق، گىرۋەكلىرى يىرىك تۈكلۈك، تۆۋەنكى قىسمى يالىڭاچ، ئۈستى قىسمى زىچ ئۆسكەن كىچىك شاخلىرى بىلەن كىچىك باشاق؛ كىچىك باشاق تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 4-5 مىللىمېتىر.

تېرىق ئۆسۈش مەزگىلى قىسقا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئۈنۈمسىز تۇپراقتىمۇ ئۆسەلەيدۇ، ئېلىمىزدىكى تېرىلىش مەزگىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 6-ئاينىڭ باشلىرى، ئادەتتە تاۋۇز چاغىنى بۇرۇن يىغىۋېلىش كېرەك.

تېرىق ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىمالىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب، شەرقى شىمال، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە شەرقىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان؛ شىنجاڭ دا بەزىدە ياۋا شەكىللىك. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئامېرېكا قىتئەسى، ئافرىقا قاتارلىق ئىللىق رايونلىرىغىمۇ تارقالغان.

ئىستېمال قىممىتى

تېرىقنىڭ دېنى تەركىبىدە كراخمال، يېمەكلىككە ئىشلىتىش ياكى ھاراق ئېچىتىش، غول يوپۇرماقلىرى چارۋىلارغا يەم بولىدۇ.

دورىلىق قىممىتى

تېرىقتېرىقنىڭ تەبىئىتى سەل ئىسسىق، سوغاققا مايىل، زھەرسىز، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ بىرى. 

داۋالايدىغان كېسەللىكلىرى تەن ئاجىزلىق، كەم ماغدۇر، ئىسسىق ئۆتۈش، باش قېيىش، ئۇسساش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ. 

تېرىق «تال، ئاشقازان، يوغان ئۈچەي، ئۆپكە تومۇرى» قوشۇمچە «ئوتتۇرىدىكى قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش، تالنى كۈچەيتىپ ئۆپكىنى ياخشىلاش» قاتارلىق رولى بار. يەنە تال ۋە ئاشقازان قۇۋۋىتى ئاجىزلىششنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆپكە ئاجىزلىشىشتىن يۆتىلىش، ھېق تۇتۇش، چاڭقاش، ئىچ ئۆتۈش، گاسترالگىيە، بالىلاردىكى جاۋىغاي ياللۇغى كۆيۈك يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#