قوڭۇر ئېيىق

قوڭۇر ئېيىق

قوڭۇر ئېيىق دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.6–2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1 مېتىر ئەتراپىدا، تەن ئېغىرلىقى 200-300 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى قۇڭۇر ئېيىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 棕熊
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۈركۈمى گۆشخور ھايۋانلار تۈركۈمى
كەنجى تۈرى 20 خىل
باشقا ئاتىلىشى ئادەم ئېيىق، كۈل رەڭ ئېيىق
لاتىنچە ئاتىلىشى Ursus arctos
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئۇرۇقدىشى ئېيىق
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇڭۇر ئېيىق

قۇڭۇر ئېيىق چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.6–2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1 مېتىر ئەتراپىدا، تەن ئېغىرلىقى 200-300 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بېشى دۈگىلەك ھەم ياپىلاق بولۇپ، تېنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كىچىكرەك. تۇمشۇقى ئۇزۇن، مۈرىسى سەل چوقچىيىپ چىققان، قۇلىقى كىچىك بولۇپ، تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىدىن ئۇزۇن بولغاچقا، ئالدى تەرىپى ئېگىز، ئارقا تەرىپى پەس كۆرۈنىدۇ. پۇتلىرى توم ھەم يوغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك.

 ھەربىر پۇتىدا بەش بارمىقى، ھەربىر بارمىقىدا سەل ئىلمەكلەشكەن ناھايىتى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، تىرناقلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، تاپىنى قېلىن گۆشلەشكەن بولىدۇ. ئالدى ئىككى پۇتىنىڭ تىرناقلىرى ئارقا ئىككى پۇتىنىڭ تىرناقلىرىدىن ئۇزۇن، مەزمۇت بولىدۇ. 

قوڭۇر ئېيىقنىڭ پۈتۈن بەدىنى قوڭۇر رەڭدە، باش قىسمىمۇ قوڭۇر رەڭدە، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى تېنىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ رەڭگىدىن سۇسراق بولىدۇ. پۇتلىرىنىڭ تۈكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. يېتىلگەنلىرىنىڭ كۆكرىكىدە ئاق يول-يول سىزىقچىلار بولمايدۇ. بويۇن ئاستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى باشقا قىسىملىرىنىڭ تۈكلىرىدىن سەل ئۇزۇن بولىدۇ.

قوڭۇر ئېيىق

قوڭۇر ئېيىق ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 700-4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورمانلىق، تاغلىق، يايلاقلاردا ياشايدۇ، بولۇپمۇ ئارىلاش ئورمانلىقلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچەككە كىرىش (قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش) ئادىتى بولۇپ 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈچەككە كىرىپ كېيىنكى يىلى باش باھاردا ئۈچەكتىن ئويغىنىدۇ.

 ئۇ ئۈچەكتىن ئويغانغاندا دەسلەپتە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ سەل ئاجىز بولۇپ، ئاساسەن ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا كېچىسى ۋە سەھەردە ھەرىكەت قىلىپ كۈندۈزى دەم ئالىدۇ. ئۈچەككە كىرگەندە ئۇۋىسىغا قۇرۇق ئوت-چۆپلەرنى يېيىتىدۇ. ئادەتتە ئۈچەككە كىرگەندە ئەركىكى ئايرىم ئۇۋىغا، چىشىسى بىلەن بالىلىرى بىر ئۇۋىغا كىرىدۇ. ئۈچەكتە ئاساسەن بىھوش ھالەتتە ئۇخلايدۇ.

 بۇ مەزگىلدە، ئوزۇقلانمايدىغان بولغاچقا، ئۆز تېنىدىكى ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىدىغىنى ئۈچۈن ئۈچەكتىن ئويغانغاندا ئورۇق ھەم ئاجىز بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە ناھايىتى ياۋۇزلىشىپ كېتىدۇ. قوڭۇر ئېيىقنىڭ ئوزۇقلىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، ياۋا ئۆسۈملۈك مېۋىسى، چۈمۈلە، ھەرە، بېلىق، پاقا، قۇش، قۇش تۇخۇمى، سۇغۇر، چاشقان، توشقان، تۇياقلىقلارنىڭ بالىلىرى ۋە بىر قىسىم تاپلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. 

ئۇنىڭ سۇغۇر ئۇۋىسىنى كولايدىغان ئادىتى بولۇپ، ئادەتتە سۇغۇر كىرىپ كەتكەن ئۇۋىنى كولاپ سۇغۇرنى تىرىك تۇتۇپ ئوزۇق قىلىشنى ياخشى كۆرۈدۇ. پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئوزۇقلۇق مەنبەسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەتتا ئوخشاش ئورۇندا بولمىغان ئېيىقلارنىڭمۇ ئوزۇقلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ.

 ئورمانلىق ئىچى ۋە دەريا بويلىرىدا ياشايدىغان ئېيىقلارنىڭ بېلىق بىلەن ئوزۇقلىنىشى كۆپرەك بولىدۇ. قوڭۇر ئېيىقنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، ئەمما سۇ ئۈزەلەيدۇ، دەرەخقە يامىشالايدۇ. لېكىن، بۇ جەھەتتە قارا ئېيىققا يەتمەيدۇ.

قوڭۇر ئېيىق

قوڭۇر ئېيىق پەقەت جۈپلىشىش (چېتىشىش) مەزگىلىدىلا ئەركىكى بىلەن چىشىسى بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ، باشقا چاغلاردا ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىككى يىلدا بىر قېتىم تۇغىدۇ. تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپىيىش مەزگىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە 5–7–ئايلاردا كۆپىيىدۇ.

 بوغاز مەزگىلى 180-250 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، بوغاز بولۇپ ئىككىنچى يىلى 2–3– ئايلاردا ئۇۋىسىدا 1–3 كېچە تۇغىدۇ، كۆپىنچە ئىككىنى تۇغىدۇ، قوڭۇر ئېيىقنىڭ بالىسى بەك كىچىك بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىسى ئاران 500 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ.

 ئۇنىڭ جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ،چىشىلىرى ئادەتتە ئۈچ ياشتىن كېيىن كۆپىيىشكە قاتنىشىدۇ. 30-40 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ. بەزى ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلغان قوڭۇر ئېيىقنىڭ 50 يىل ئۆمۈر كۆرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرىلەرمۇ بار. قوڭۇر ئېيىق ئادەتتە بىرنەرسىلەرگە يولۇققاندا ئالدى بىلەن ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن قاتتىق ۋارقىراپ شالىنى چاچرىتىدۇ.

 بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىشى بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇلايىملىق تەرەپلىرى بولغاچقا، بەزى سېرك ئۆمەكلىرى ئۇنى كۆندۈرۈپ نومۇر كۆرسىتىدۇ، بۇ ھەقتە خەلقىمىز ئىچىدە ئېيىق بالا بېقىۋالىدۇ دەيدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار.

قوڭۇر ئېيىقنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى

ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىگە تارقالغان بۇ تۈرى تەڭرىتاغ كەنجى تۈرى (نېپال كەنجە تۈرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەڭرىتاغ، ئالتۇنتاغ، كوئىنلۇن تېغى ۋە پامىر ئېگىزلىكىگە تارقالغان.

 ئۇ تارقىلىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭرى، لېكىن تۈر توپى سانى ئاز ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئىچكى ئۆلكىلەردىن خېيلۇڭجياڭ، چىڭخەي، جىلىن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. چەت ئەللەردە ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556594.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#