قەشقەردىكى يايلاقلار

يايلاق

قەشقەردىكى ئوتلاقلاردىن قىزىل قىرچىن، چوڭ توقاي يايلاق، قارا بەل يايلاق، چوڭ يايلاق، سۆگەتلىك يايلاق، تالا شور يايلاق، كەلدىبەگ يايلاق، موغالتاغ يايلاق، كۆكتال يايلاق، سارىتاش بۇلاق يايلاق، داڭباش يايلاق، قارا چوقۇر يايلاق، كۆكلە تاش يايلاق، چاقىلىق يايلاق، نۇرنام يايلاق، يۇلغۇن بۇلاق يايلاق، قىز قوتان يايلاق، ئاق سۇ قۇدۇق يايلاق قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەردىكى ئوتلاقلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەردىكى ئوتلاقلاردىن قىزىل قىرچىن، چوڭ توقاي يايلاق، قارا بەل يايلاق، چوڭ يايلاق، سۆگەتلىك يايلاق، تالا شور يايلاق، كەلدىبەگ يايلاق، موغالتاغ يايلاق، كۆكتال يايلاق، سارىتاش بۇلاق يايلاق، داڭباش يايلاق، قارا چوقۇر يايلاق، كۆكلە تاش يايلاق، چاقىلىق يايلاق، نۇرنام يايلاق، يۇلغۇن بۇلاق يايلاق، قىز قوتان يايلاق، ئاق سۇ قۇدۇق يايلاق قاتارلىقلار بار.

قىزىل قىرچىن

  بۇ جاي تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا، تاغارما دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىڭ مو كېلىدۇ. تەبىئىي ئورمانلاردىن ئاساسەن سۆگەت قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئورمانلىقتا بۇلاق بار. سۈيى يېتەرلىك. قىزىل قىرچىن-سۆگەتلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 

چوڭ توقاي يايلاق

  بۇ جاي تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 118 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەكەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا نۇرغۇن بۇلاق بار بولۇپ، سۆگەت، تېرەك قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئورمانلىق ئىچىدە ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. 400 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. 

قارا بەل يايلاق

  بۇ جاي كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىن 29 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 39 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 12 كىلومېتىر، كۆلىمى 360 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۆگەت، شىۋاق، مۇخ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. قىش ۋە ياز پەسلىدە 8000 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋىنى باققىلى بولىدۇ. بۇ يايلاققا ئۆتۈش ئېغىزىدا بىر قارا تاغ بېلى بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

 چوڭ يايلاق

  بۇ يايلاق قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 4000 مو، 8000 تۇياق چارۋا باققىلى بولىدۇ. يايلاقتا ئالا يوپۇرماق، قاش گۈلى، سۆسۈن گۈل، ئەتىرگۈل قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. كىيىك، ئۇلار، ئېيىق، توشقان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇ جاي يازلىق يايلاققا مەنسۇپ بولۇپ، سەككىز ئورۇندىكى پارچە يايلاقتىن تەركىب تاپقاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

سۆگەتلىك يايلاق

  بۇ يايلاق قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. كۆلىمى 4000 مو بولۇپ، 25 مىڭ تۇياق چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە قېيىن دەرىخى، سېرىقيۆگەي، مامكاپ، ئالا يوپۇرماق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئۇلار، كېيىك، بۆرە، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇ يايلاق يازلىق يايلاققا مەنسۇپ.

تالا شور يايلاق

  بۇ يايلاق مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسىنىڭ غەربىدىن 8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى ئېگىز-پەس، تەخمىنەن 15 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ يەردە قومۇش، يۇلغۇن قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. تۈلكە، ياۋا ئۆردەك، ياۋا توشقان قاتارلىقلار ياشايدۇ. يىل بويى سۈيى ئۈزۈلمەيدۇ.

كەلدىبەگ يايلاق

  بۇ يايلاق مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى پەس، كۆلىمى تەخمىنەن 82 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ يەردە قومۇش، توغراق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ ھەمدە ياۋايى ھايۋانلاردىن قاۋان، تۈلكە قاتارلىقلار بار. بۇ يەر ئەسلىدە بىر تەبىئىي كۆل بولۇپ، سۈيى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا يايلاققا ئايلانغان. بۇ يەر كەلدىبەگ دېگەن كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

موغالتاغ يايلاق

  بۇ يايلاق مارالبېشى ناھىيەسىدىكى قاراقىلچىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى تۈز، كۆلىمى تەخمىنەن 42 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ يەردە توغراق، يۇلغۇن قاتارلىقلار ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ.

 كۆكتال يايلاق

  بۇ يايلاق مارالبېشى ناھىيەسىدىكى قاراقىلچىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى تۈز، كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ جايدا قومۇش، يۇلغۇن قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ.

 سارىتاش بۇلاق يايلاق

  بۇ يايلاق تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ شىمالىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 700 مىڭ مودەك كېلىدۇ. مۇخ، قىسقا گۈللۈك بوز ئوت ئۆسىدۇ. سۇ مەنبەسى مۇز ئېقىن ۋە يامغۇر سۈيى بولۇپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق يايلاق ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا 46 مىڭ تۇياق چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. سېرىق تاشلىقتىن ئېقىپ كەلگەن بۇلاق سۈيى بۇ يايلانى كۆكەرتكەچكە شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

 داڭباش يايلاق

  دەفتەر يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاشقورغان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 800 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ يەردە مۇخ، ياۋا سۇلۇ، شىۋاق ئۆسىدۇ. سۇ مەنبەسى مۇز ئېقىن ۋە ھۆل-يېغىن سۈيىدۇر. ئۇلار، ياۋا توشقان، بۆرە، يىلپىز، ئېيىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. يەر شەكلى تۈز ھەم تۆت پەسىللىك يايلاق بولۇپ، 46 مىڭ تۇياق چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. داڭباش-چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي ماكانى مەنىسىنى بېرىدۇ.

قارا چوقۇر يايلاق

 تاشقورغان يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون مو كېلىدۇ. بۇ يەردە تېرىسەك، شىۋاق، پامىر غاز تاپېنى، تەلۋە بېدە، مۇخلار ئۆسىدۇ. يايلاقتا ئۇلار، ياۋا توشقان، بۆرە، ئېيىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. سۈيى قارا چوقۇر دەرياسى ۋە مۇز ئېقىنلاردىن كېلىدۇ. يەر شەكلى ئېگىز-پەس تاغلىق رايون بولۇپ، ئوت-چۆپى مول، 30 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا باققىلى بولىدۇ. بۇ جاي ئاساسەن يازلىق ۋە كۈزلۈك يايلاق بولۇپ، قىش پەسلىدىمۇ پايدىلانغىلى بولىدۇ. قاراچوقۇر-قاراڭغۇ چوڭقۇر جىلغا مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

كۆكلە تاش يايلاق

بۇ يايلاق تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋەچە يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 12 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 750 مىڭ مو كېلىدۇ. يەر شەكلى ئېگىز-پەس تاغلىق رايون بولۇپ، تۆمۈر تىكەن، قىسقا گۈللۈك بوزئوت، تېرسەك، قار تەلۋە بېدىسى قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. كېيىك، ئۇلار، بۆرە قاتارلىق ياۋايى ھايۋاناتلار بار. سۈيى مۇز ئېقىنلاردىن كېلىدۇ. سۈيى مول، ئوت-چۆپى بولۇق ئۆسكەن. يازلىق ۋە كۈزلۈك يايلاق ھېسابلىنىدۇ. بۇ  يەردە 20 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا باققىلى بولىدۇ.

چاقىلىق يايلاق 

  بۇ يايلاق يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى سىيەك يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ مو كېلىدۇ. ئاساسەن قومۇش، كاسغى، ئاۋاشئوت، يانتاق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. يەر شەكلى تۈز، بۇ يەردە 5000 تۇياق چارۋا بېقىشقا بولىدۇ.

نۇرنام يايلاق

  بۇ يايلاق يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھاراپ يېزىسىنىڭ غەربىدىن 19 كىلومتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 200 مىڭ مو كېلىدۇ. ئاساسەن قومۇش، يانتاق، ئىجرىق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. يەر شەكلى تۈز بولۇپ، 20 مىڭ تۇياق چارۋا باققىلى بولىدۇ.

يۇلغۇن بۇلاق يايلاق

  بۇ يايلاق يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 11 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 180 مىڭ مو كېلىدۇ. يەر شەكلى تۈز بولۇپ، ئاساسەن قومۇش، ئىجرىق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. بۇ يەردە 20 مىڭ تۇياق چارۋا باققىلى بولىدۇ. بۇلاق ئەتراپىدا يۇلغۇنلۇق بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

قىز قوتان يايلاق

  بۇ يايلاق يەكەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ شىمالىدىن 21 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 300  مىڭ مو كېلىدۇ. ئاساسەن قومۇش، چۈچۈكبۇيا، يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. يەر شەكلى تۈز بولۇپ، 100 مىڭ تۇياق چارۋا باققىلى بولىدۇ.

 ئاق سۇ قۇدۇق يايلاق

  بۇ يايلاق مەكىت ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىدىن 14 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 50 مىڭ مودەك كېلىدۇ. يەر شەكلى تۈز بولۇپ، ئاساسەن قومۇش، شۇرداق ئۆسىدۇ. بۇ جايدا 15 مىڭ تۇياق چارۋا باققىلى بولىدۇ. ئاق سۇ بۇلاق بۇ يەرنى كۆكەرتكەچكە شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#