- سانا (ئۆسۈملۈك)
- سانا (شەھەر)
- سانا ()
سانا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سانا دەرىخىنىڭ غولى كۆپ شاخلايدۇ، مېۋىسى قاسراقلىق ھەم ياپىلاق، ئىچىدە تەخمىنەن 20 تال ئۇرۇقى بار. كەنجى چاتقالسىمان، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 45 سانتىمېتىر. يوپۇرماقلىرى جۈپ پەيسىمان مۇرەككەپ شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسدۇ. ئۇزۇنلىقى 7 ~ 10 سانتىمېتىر، كىچىك يوپۇرماقلىرى 25 ~ 60 جۈپ، ئورغاقسىمان شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 3 ~ 5 مىللىمېتىر، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق. گۈل سېپى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ. گۈل سېپى يەككە ياكى بىرنەچچە تال بولۇپ قىسقا ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ گۈل كاسسا ياپراقچىسى بەش، تىمىنە شەكىللىك، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق؛ گۈل بەرگى بەش، سېرىق رەڭلىك، ئاز ئۇچرايدىغان گۈل چىنىسى ۋە گۈل يوپۇرماقچىسى بار؛ ئاتىلىقى 10، ئانىلىق قېپى 5 بۇلۇپ، بىرلىشىپ ئۆسىدۇ، ئانىلىقى 1 تال، ئۇرۇقدان يىپ شەكىللىك ھەم ياپىلاق، ئانىلىق بوينى ئىچكى قولتۇقتا، كەسمە تۈۋرۈك شەكىللىك. قاسىراقلىق مېۋىسى تاياقسىمان بولۇپ، تەكشى، ئۇزۇنلىقى 2.5 ~ 5 سانتىمىتىر؛ كەڭلىكى تەخمىنەن 5 مىللىمېتىر كىلىدۇ، شالاڭ تۈكلۈك. ئۇرۇق 16 ~ 25 تال، قارا قوڭۇر رەڭلىك، سىلىق، تەكشى، پارقىراق. چېچەكلەش مەزگىلى 9 ~ 8 ئاي، مېۋىلەش مەزگىلى 10 ~ 9 ئاي. پۈتۈن تۈپى قۇرغاق، يىلتىزى ئىنىچكە ھەم ئۇزۇن، چاچما يىلتىزى تەرەققىي قىلغان، تاشقى كۆرۈنۈشى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، جىسمى قاتتىق بۇلۇپ ئوڭاي سۇنمايدۇ، ساغۇچ جىگەر رەڭ ياكى قوڭۇر رەڭدە، قىسقا يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى بۈدۈر، تۆۋەنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى كۆپىنچە چۈشۈپ كېتىدۇ، سېرىق قوڭۇر رەڭلىك ھەم كۈلرەڭ يېشىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، چۈرۈك بولۇپ ئوڭاي ئىزىلىدۇ، يان يوپۇرمىقى بىگىزسىمان ئۇچلۇق، ئازراق پۇرقى بار، تەمى سۇس، يوپۇرمىقى كۆپ.
سانانىڭ تەمى تاتلىق، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ ،سۈيدۈكنى، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. بۆرەك ياللۇغى، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. يۆتۈلۈپ بەلغەم كۆپىيىش، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.