ئورچۇق دەرەخ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئورچۇق دەرەخ ()
  2. ئورچۇق دەرەخ ()

ئورچۇق دەرەخ

ئورچۇق دەرەخ
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيە ئېگىزلىكىدە بەدىنى ناھايىتى يوغان، تۇرقى كېلىشكەن بىر خىل دەرەخ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى30 مېتىر كېلىدۇ، ئىككى بېشى ئۇچلۇق ئىنچىكە، ئوتتۇرىسى ناھايىتى توم بولىدۇ. ئەڭ توم يوغان جايىنىڭ دىئامېتىرى 5 مېتىر بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا غايەت زور ئورچۇقلارنى بىر-بىردىن يەرگە سانجىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئورچۇق دەرەخ
خەنزۇچە ئىسمى 瓶树
تىپى پېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى تۈگمىگۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى بوتۇلكا دەرىخى ئۇرۇقدىشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Brachychiton
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پاختا دەرىخى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورچۇق دەرەخجەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيە ئېگىزلىكىدە بەدىنى ناھايىتى يوغان، تۇرقى كېلىشكەن بىر خىل دەرەخ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى30 مېتىر كېلىدۇ، ئىككى بېشى ئۇچلۇق ئىنچىكە، ئوتتۇرىسى ناھايىتى توم بولىدۇ. ئەڭ توم يوغان جايىنىڭ دىئامېتىرى 5 مېتىر بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا غايەت زور ئورچۇقلارنى بىر-بىردىن يەرگە سانجىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئورچۇق دەرەخ دەپ ئاتايدۇ. 

ھۆل-يېغىن پەسلىگە كەلگەندە بۇ خىل دەرەخنىڭ ئېگىز دەرەخ ئۇچىدىن شالاڭ شاخلىرى ۋە يۈرەك شەكىللىك يوپۇرماقلىرى ئۆسۈپ چىقىپ، خۇددى بىر چوڭ تۇرۇپقا ئوخشاپ قالىدۇ. يامغۇر پەسلى ئۆتۈپ قۇرغاق پەسىلنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، يېشىل يوپۇرماقلىرى كەينى-كەينىدىن سولىشىپ، قىزىل رەڭلىك گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. بۇ چاغدىكى ئورچۇق دەرىخى يەنە قىزىلگۈللەرنى چىلاپ قويغان ئالاھىدە چوڭ لوڭقىغا ئوخشاپ قالىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى لوڭقا دەرەخ دەپمۇ ئاتايدۇ. 

لوڭقا دەرەخ ماداگاسكار راۋېنالا دەرىخىگە ئوخشاش، چۆل-جەزىرىدىكى يولۇچىلارنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. ئادەملەر دەرەخقە بىر كىچىك تۆشۈك تېشىپ قويسىلا، ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرىدىغان سۈزۈك «ئىچىملىك» ئۈزۈلمەي ئېقىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆز يەتكۈسىز قۇم دېڭىزىدىكى سۇ كەمچىللىك جىددىيلىكى ھەل بولىدۇ. 

ئورچۇق دەرەخلوڭقا دەرەخنىڭ  غەلىتە شەكىلدە ئۆسۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك. برازىلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسى تومۇز ئىسسىق ھەم ھۆل-يېغىنى كۆپ بولغان تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنىلىق رايون ھېسابلىنىدۇ، جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا بولسا قۇرغاقچىلىق پەسلى ئۇزۇنراق بولۇپ، كىلىماتى قۇرغاق، تۇپرىقى ئىنتايىن قۇرغاق، شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاق بەلۋېغى ھېسابلىنىدۇ. تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىرى بىلەن شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاقلار ئارىلىقىدىكى رايونلاردا بىر يىل ئىچىدە ھەم قۇرغاقچىلىق پەسلى، ھەم يامغۇرلۇق پەسلى بولىدۇ، لېكىن، يامغۇرلۇق پەسلى بىرقەدەر قىسقا بولىدۇ. لوڭقا دەرەخ دەل مۇشۇ ئارىلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ ئېكولوگىيىسى بۇ ئالاھىدە مۇھىتقا ماسلاشقان. يوپۇرماقلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىق پەسلىدە تۆكۈلۈشى ياكى يامغۇرلۇق پەسلىدە ئاز ساندىكى يوپۇرماقلارنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ چىقرىشى ئۆسۈملۈك تېنىدىكى سۇنىڭ پارلىنىشى ۋە زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈندۇر. 

لوڭقا دەرەخنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يامغۇرلۇق پەسلى كەلگەندىن كېيىن، ئىمكانقەدەر سۇ سۈمۈرۈپ، كېيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن زاپاس ساقلاپ قويىدۇ. ئادەتتە بىر تۈپ يوغان دەرەخ ئىككى توننىدىن ئارتۇق سۇنى زاپاس ساقلاپ، خۇددى بىر يېشىل سۇ مۇنارىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇ، ناھايىتى ئۇزۇن قۇرغاقچىلىق پەسلىدىمۇ قۇرۇپ قالمايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#