ھاۋا رايىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش قىلىش

قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئېلىمىزدىن چەت ئەللەرگىچە، ھاۋا رايى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئەھۋاللىرى ئۇرۇش تارىخىدا كۆپ بولغان. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەخمىنەن 1800 يىل ئىلگىرىكى ئۈچ پادىشاھلىق دەرىدىلا، مەشھۇر ھەربىي ئالىم جۇگې لىياڭ زېمىستان قىش پەسلىدە كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ ياردىمىگە تاينىپ، ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساۋ ساۋنىڭ 100 مىڭ لەشكەرلىىرنى مەغلۇب قىلىپ، ھاۋا رايى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ جەڭ قىلىشنىڭ تىپىك مىسالىنى ياراتتى، بۇ ئۇرۇش چىبى ئۇرۇشى ئىدى.

1794-يىلى كەچ كۈز مەزگىلىدە فرانسىيە مارشالى ناپولېئون قوشۇن باشلاپ گوللاندىيىگە ھۇجۇم قىلدى. گوللاندىيىلىكلەر قانالنىڭ توسمىسىنى ئېچىۋېتىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا كەلكۈن بىلەن تاقابىل تۇرماقچى بولىدى. ناپولېئون ئىلاجىسىز قوشۇنىغا چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، ئويلىمىغان يەردىن قول ئاستىدىكى بىرەيلەن چېكىنىشكە قەتئىي قارشى تۇردى. ئەسلىدە، بۇ كىشى بۇ يەردە نۇرغۇن ئۆمۈچۈكلەرنىڭ تور قالماي كۆرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. دەرۋەقە، كەم كۆرۈلىدىغان جۇدۇنلۇق ھاۋا ياۋرۇپانى قاپلاپ، كەلكۈن سۈيى بىر كېچىدىلا قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتتى. فرانسىيە ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇزدا يۈرۈپ دەريادىن ئۆتۈپ، گوللاندىيىلىكلەرنى بىر يولىلا مەغلۇب قىلدى. بۇمۇ ھاۋا رايىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىلىپ، غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن مەشھۇر جەڭ مىساللىرىنىڭ بىرى.

ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدىمۇ ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا ئىلغار يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭىچە «ھاۋا رايى قوراللىرى» نى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا. مەسىلەن، سۈنئىي ئۇسۇلدا تەيفېڭ بورىنى چىقىرىپ دۈشمەن مۇئەسسەسەلىرىنى ۋەيران قىلىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر، مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، تۇمان پەيدا قىلىپ، جەڭگاھتىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش، ھەتتا بەزىلەر سۈنئىي ئۇسۇلدا چاقماق ھاسىل قىلىپ، دۈشمەننىڭ خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى ۋەيران قىلشنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. بۇ ئۇسۇللار تەبىئىي ھاۋا رايى شارائىتىغا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق جەڭگاھنىڭ ئەھۋالى ۋە جەڭ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتەتتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#