تور ئابونت ھېسابات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى

تور ئابونت ھېسابات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى

دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ تور ئابونت ھېسابات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ تور ئابونت ھېسابات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 国家网信办网络用户账号及网站名称管理规定

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا تور ئابونت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت تور–ئۇچۇر ئىشخانىسىغا تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش توغىرسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرى نىزاملار بويىچە بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چېگرىسى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنغان، ئىشلىتىلىۋاتقان تور ئابونت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشقا بۇ بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ. 

بۇ بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەن تور ئابونت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش، ئورگان ياكى شەخسىلەرنىڭ بلوگ، مىكرو بلوگ، ئالاقە ۋاستىلىرى، تور، مۇنبەرلەردە تېما يوللاش، ئىنكاس-باھا يېزىش ئۈچۈن تىزىملانغان ھېساۋات نومۇرى ۋە تور ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت تور–ئۇچۇر ئىشخانىسى، پۈتۈن دۆلەتتىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار ئۆز رايونلىرىدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

4-ماددا تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن بىخەتەر باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇلازىمەت كېلىشىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزالىرى قاتارلىق تىزىملاش ئۈچۈرلىرىدا قانۇنسىز ۋە يامان ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى سەپلەپ، ئابونتلار تەمىنلىگەن ھېساۋات نومۇرى، ئابونت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزالىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا بولغان تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، قانۇنسىز ۋە يامان ئۇچۇرلار بولسا ئابونت نامىنى تەستىقلىماسلىقى، ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغدىشى، ئاڭلىق ھالدا ئاۋامنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئاۋام پاش قىلغان ھېساۋات نومۇرى، ئابونت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزالىرى قاتارلىق ھالقىلاردىكى قانۇنسىز ۋە يامان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5-ماددا تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر «‹ئارقا سۇپى› دا(ئارخىپ) ئېنىق ئىسىم-فامىلىسى بولۇش، ‹ئالدى بەت› (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دە ئىختىيارى بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقى سالاھىيىتىنى ئېنىق تاپشۇرۇپ، تورغا تىزىملىنىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.

تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر تورغا تىزىملانماقچى بولغاندا، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئاممىۋىي تەرتىپكە بويسۇنىدىغانلىقىنى، ئىجدىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

6-ماددا ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخسىنىڭ تورلارغا تىزىملانغاندا ۋە تور ئابونت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىمىزگە خىلاپ مەزمۇنلار.

(2) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلايدىغان، دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.

(3) دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋىي مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.

(4) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش تارقىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.

(5) دۆلەتنىڭ دىننىي سىياسەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،بىدئەتلىك ۋە خۇراپاتلىقنى تارقىتىدىغان مەزمۇنلار.

(6) ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجدىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.

(7) شەھۋانى، سېرىق، قىمار، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېرورلۇق ۋە جىنايەتكە قۇترىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار.

(8) باشقىلارغا ھاقارەت قىلىپ، تۆھمەت چاپلاپ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.

(9) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىمىز يول قويمايدىغان باشقا مەزمۇنلار.

7-ماددا تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق تىزىملانغانلىقى ۋە باش سۈرىتى، ئىمزالىرى قاتارلىقلاردا قانۇنسىز ياكى يامان ئۇچۇرلار بايقالغاندا تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئىشلىتىشنى مەجبۇرىي توختىتىش، نامىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بولىدۇ.

8-ماددا ئورگانلار ۋە جەمىئىيەتتىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ تور ھېساۋاتى ۋە تور ناملىرىنى قارىسىغا ئىشلىتىۋالغانلار سېزىلگەن ھامان تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇلارنىڭ ھېساپ نومۇرى ۋە تور نامىنى دەرھال بىكار قىلىپ، مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكلات قىلىشى لازىم.

9-ماددا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

10-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#