گۇادېلوپ ئارىلى

گۇادېلوپ ئارىلى فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئۆلكىسى. گۇادېلوپ ئارىلى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كارىب دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان چوڭ ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ مارتىنىكا ئارىلى بىلەن جەنۇبىدىكى دومىنىكا ئارىلى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى گۇادېلوپ ئارىلى
قىسقارتىلغان نامى گۇادېلوپ
ۋاقىت رايونى غەربى3- ۋاقىت رايونى
دۆلەت تىلى فرانسۇز تىلى
يەر مەيدانى 1780 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 瓜德罗普
قىتئە تەۋەلىكى ئامېرىكا قىتئەسى
پايتەختى باستېر
نوپۇسى 452 مىڭ 766
چەتئەلچە نامى Department of Guadeloupe

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۇادېلوپ ئارىلىگۇادېلوپ ئارىلى فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئۆلكىسى. گۇادېلوپ ئارىلى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كارىب دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان چوڭ ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ مارتىنىكا ئارىلى بىلەن جەنۇبىدىكى دومىنىكا ئارىلى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

زېمىنى 1780 كۋادرات كىلومېتىر. گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 452 مىڭ 766. ئاھالىنىڭ %70 نى قارا تەنلىكلەر، %14 نى تامىللار ۋە ھىندىستانلىقلار، %11 نى فرانسۇزلار، %4 نى لىۋانلىقلار، %2 نى خەنزۇلار ئىگەللەيدۇ. فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر شالغۇت فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. پۇلى: ياۋرۇ. 

دىنى : گۇادېلوپ ئارىلى ئاھالىسىنىڭ %91 ى كاتولىك دىنىغا، %4 ھىندى دىنىغا، %1 ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.

بايرىمى : (1789-يىلى) 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى.

ۋاقىت رايونى : (غەربى3- ۋاقىت رايونى) .

پايتەختى : باسسېتېر، ئاھالىسى 110 مىڭ

گۇادېلوپ ئارىلىگۇادېلوپ ئارىلى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كارىب دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان چوڭ ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ مارتىنىكا ئارىلى بىلەن جەنۇبىدىكى دومىنىكا ئارىلى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئارالداياۋروپالىقلار كېلىشتى بۇرۇن ناھايىتى ئاز يەرلىك ئىندىئانلار بار ئىدى. 1513-يىلى ئىسپانىيىلىك دېڭىزچىلار بۇ جاينى بايقىغان. 1635-يىلى فرانسىيە پۈتۈن ئارالنى ئىشغال قىلغان ۋە ئافرىقىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ شېكەر قۇمۇشى ۋە ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان ئېكىنزارلىق قۇرغان. 1810-يىلى ئارالنى ئەنگىلىيىلىكلەر تارتىۋالغان، 1815-يىلى پارىژ ئەھدىنامىسىغا بىنائەن ئارالنى قايتۇرۇپ بەرگەن. 1958-يىلى فرانسىيە ئارالنى سىرتقى ئۆلكە دەپ جاكارلىغان. گۇادېلوپ يانار تاغدىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ ئارالنىڭ %43 قۇيۇق ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقى. %8 تېرىلغۇ يەر. ئارالنىڭ مۇھىتى گۈزەل، كان بايلىقى مول. باغۋەنچىلىك، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك گۇادېلوپ ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005-يىلى گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى %15، سانائەت %20، مۇلازىمەت %65 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2005- يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 272 مىڭ، يانفون ئابونتى 389 مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى107 مىڭ بولغان.

گۇادېلوپ ئارىلى2006 -يىلى گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ ئۇمۇمىي مىللىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 3 مىليارت 812 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 21 مىڭ 

700 دوللار توغرا كېلىدۇ. گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %3 بولۇۋاتىدۇ. 

سانائەت 

شېكەر ئىشلەش ئارقىلىق ھاراق ئېچىتىدۇ، يىمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. 1997 - يىلى سانائەت مەھسۇلات قىممىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 17 نى ئىگىلەيدۇ. 1998 - يىلى، كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك نوپۇسىنىڭ % 16.5 نى ئىگىلەيدۇ. 1998 - يىلى 38400 توننا شېكەر ئىشلەپچىقىرىش، 1996 - يىلى سېمونت سىتولبىدىن 283000 توننا ئىشلەپچىقىرىش، 1999 - يىلى توكتىن 1 مىليارد 300 مىليون  ئىشلەپچىقىرىش.

يېزا ئىگىلىك 

گۇادېلوپ ئارىلى1992 - يىلى دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %6.7 كۆپ. 1997 - يىلى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 4.1. ئاساسلىق زىرائەت بولسا شېكەر قۇمۇشى ۋە بانان. 1994 - يىلى بانان ئېكىسپورتى ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى % 21.8 . خەلقئارا ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئېھتىمال، 1997 - يىلى 625 مىڭ توننا چىقىدىغان شېكەر قومۇشى، باناندىن 87 مىڭ توننا، 5000 توننا تاتلىق ياڭيۇ، مانىخوتتىن 8000 توننا، كۆكتات 25 مىڭ توننا، 4000 توننا قوغۇن - تاۋۇز، ئاناناس 7000 توننا. 

ساياھەتچىلىك 

گۋادېلۇپ مەشھۇر ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. ساياھەت كەسپى مۇھىم ئىقتىسادىي تارمىقى بولۇپ، 1998 - يىلى باشلاپ شېكەر ئىشلەش كەسپى، 1 - كەسىپكە ئايلانغان. 1998 - يىلى، 693 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) ساياھەتچى ( قېتىم ) كۈتۈۋېلىندى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 458 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

ترانسپورت 

فىرانسىيە بىلەن شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قەرەللىك ھاۋا ۋە دېڭىز ئالاقىسى ساقلانغان. 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/139451.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#