يامانيار يېزىسى

يامانيار يېزىسى

يامانيار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 32 كىلومېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى يامانيار يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 19 مىڭ ئادەم
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى رابىيە-سەئىدىن قەبرىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚曼牙乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
يەر مەيدانى 124 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تۆت پەسىلى ئېنىق. ئەتىياز، ياز پەسلى لەيلەپ-چۆكۈپ تۇرىدىغان ھاۋا رايى
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رابىيەسەئىدىن قەبرىسىيامانيار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.

يامانيار ناھىيە ئۇيغۇر تىلى تەزكىرىسىگە ئاساسلانغاندا، خەتەرلىك قىيا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ بولسا ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي. رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى، تەلۋىچۈك دەرياسىغا تۇيۇقسىز كەلكۈن كىلىپ دەريا قېشىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كەتكەن، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن بېسىپ كىرىپ، ئۆركەشلەپ ئېقۋاتقان كەلكۈن دەريا ئوتتۇرىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ناھايىتى ئۇزۇن، ناھايىتى چوڭقۇر جىلغىلار دەريانىڭ ئىككى تەرەپىدىكى تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان جەنۇب-شىمال قاتنىشىنى ئۈزۈپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكىلەر بۇ جاينى «خەتەرلىك قىيا» دەپ ئاتىغان. يامانيار نامىمۇ شۇنىڭدىن كەلگەنىكەن. يامانيار يېزىسى سۇبىھاناللا كەنتى ئۇيغۇرچە نەشرى دەپ ئاتالغان لياڭ سەنبەي بىلەن جۇيىڭتەي بىرلەشمە قەبرىسى (رابىيە-سەئىدىن قەبرىسى)، رابىيە بىلەن سەئىدىن باتۇر ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ھېكايىسىغا مەدىھيە ئۇقۇغان. بىرلەشمە قەبرىسى ئۈستىدە بىر تۈپ قىزىل سۆگەت ئۆسكەن بۇلۇپ، ھەر پەسلىدە قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك گۈل چېچەكلەيدۇ، گۈلى كۆپىنچە قىزىل يۇلغۇن رەڭگىدە، بۇنىڭدەك چېچەك ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز كۆرىلىدۇ.

يامانيار يېزىسىيامانيار يېزىسى يېڭىشەھەر ناھىيەسى قاراشلىق يېزا بۇلۇپ، مىنگو دەۋرىدە بايتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تەۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 1950-يىلى 1958-يىلى 2-رايوننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 

1958-يىلى 1962-يىلى ياندۇما گۇڭشېسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان.  

1962-يىلى 1965-يىلى ياندۇما رايوننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە تەۋە بۇلۇپ، ياندۇما رايونى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئايرىم-ئايرىم ياندۇما گۇڭشې ۋە يامانيار گۇڭشېسى قۇرۇلغان. 

1967-يىلى يامانيار گۇڭشېسى ياندۇما گۇڭشېسىغا قوشۇۋېتىلگەن. 

1972-يىلى يامانيار گۇڭشې «كۈنگەي كوممۇنىسى» (ئەسلىدىكى ياندۇما گۇڭشې)، 1984-يىلى يامانيار يېزىسى دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن. 

ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 32 كىلومېتىر. كۆلىمى 124 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش تۇرىدۇ. شەرقىي پەيزاۋات ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي قاتار چوكا بىلەن يېڭىئېرىق يېزىسى ئاۋات دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي ياندۇما يېزىسى، شىمالدا كونا شەھەر ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزىنىڭ شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى 19.5 كىلومېتر، جەنۇب-شىمال كەڭلىكى 16.5 كىلومېتىر، نوپۇسى 19 مىڭ، ئۇيغۇر مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى، قىرغىز مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.6. قىزىل دەرياسى يېزا تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 

يامانيار يېزىسىيامانيار يېزىسى تەۋەسىدە خانىقا كەنتى، ئاياغ سېغىزلىق كەنتى، شېكەرباغ كەنتى، ئونتاش كەنتى، ئاياغ گەمەساڭ كەنتى، يۇقىرىقى گەمەساڭ كەنتى، قارا جىلغا كەنتى، مازاردۆڭ لەڭگەر كەنتى، كالتە پىلال كەنتى، خاداتىك كەنتى، ئاياغ كۆكچى كەنتى، يۇقىرىقى كۆكچى كەنتى، مازار كەنتى، سۇبىھاناللا كەنتى، بايتوقاي كەنتى قاتارلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 

 يېزا ئىگىلىكى

يامانيار يېزىسىيامانيار يېزىسىدا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىقلار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك بېقىش قاتارلىقلار بار. بۇ يېزىنىڭ سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول، جەنۇبىي تەرىپى پەيزىئاۋات دەرياسى، شىمالىي قىزىل دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قىزىلتام سۇ ئامبىرى يېزىنىڭ جەنۇب بۇرجىكىگە جايلاشقان. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ قولاي بۇلۇشى ئۈچۈن شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇل ئەسلىھەلىرى 

يامانيار يېزىسىنىڭ قاتناش-تىرانسپورت ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا بانكا تىجارەت پونكىتى، پوچتا تېلېگىراف ئىدارىسى، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق پونكىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى، رادىئو كۈچەيتىش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#