جىياڭ زېمىن

جىياڭ زېمىن

جىياڭ زېمىن 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدىن . 1943 - يىلدىن باشلاپ يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 1946-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن ، 1947 - يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنۋىرسىتىتى ئېلېكتىر ماشىنىلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن . 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جىياڭ زېمىن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 江泽民
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى 1946-يىلى 4-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىياڭ زېمىنجىياڭ زېمىن 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدىن . 1943 - يىلدىن باشلاپ يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 1946-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ، 1947 - يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىر ماشىنىلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن . 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان . 

جىياڭ زېمىنشاڭخەي ئازاد بولغاندىن كېيىن، شاڭخەي يىمىن يېمەكلىكلەر 1-زاۋۇتىدا مۇئاۋىن ئىنژېنېر، سانائەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، قوشۇمچە ئېنېرگىيە سېخىنىڭ مۇدىرى بولغان، زاۋۇت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 1-مۇئاۋىن باشلىقى ، شاڭخەي سوپۇن زاۋۇتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى، 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي 2-لايىھىلەش شۆبە ئىدارىسى ئېلېكتر سايمانلىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان . 1955 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋادىكى ستالىن ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا پراكتىكا قىلغان . 

1956-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، چاڭچۇن 1-ئاپتوموبىل زاۋۇتى ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن باش ئېنېرگىيە ئىنژېنېرى، ئېنېرگىيە شۆبە زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 

1926-يىلى 1-ماشىنىسازلىق مىنىستىرلىكى شاڭخەي ئېلېكتر سايمانلىرى پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1-ماشىنىسازلىق مىنىستىرلىكى ۋۇخەن ئىسسىقلىق ماشىنىسازلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، 1-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىدارە باشلىقى بولغان.

1980-يىلدىن كېيىن دۆلەت ئىمپورت-ئېكسپورت باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت چەت ئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1982- يىلدىن كېيىن، ئېلېكترون سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مىنىستىرى، پارتىيە گۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 

1985-يىلدىن كېيىن شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى، جا ك پ شاڭخەي شەھەرلىك كومىېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان. 

1982-يىل 9-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 21-قۇرۇلتىيىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 

1987-يىل 11-ئايدا ج ك پ 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 

1989-ئايدا ج ك پ 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ سايلانغان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغان. 

1986-يىل 11-ئايدا ج ك پ 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 

1990 _ كۈنى 7 _ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھەربى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 

1992-يىلى 10-ئايدا ج ك پ 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ  سايلانغان،  دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى , مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 

1993-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ سايلانغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 

1997-ئايدا ج ك پ 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ سايلانغان،  دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان.

1998-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى  بۇلۇپ سايلانغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 

2002-يىل 11-ئايدا ج ك پ 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 

2003 -يىل 3- ئايدا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ سايلانغان.

2004-يىلى 9-ئايدا ج ك پ  16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش جياڭ زېمىن ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى  رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىش ماقۇللانغان.

2005-يىلى 3-ئايدا  10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى ئارقىلىق  جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش  توغرىسىدىكى قارارى قۇبۇل قىلىنغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1781.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#