ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقمەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى

1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەلتىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 11-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇرچە نامى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورۇن مەملىكەلتىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国消费者权益保护法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقمەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى(1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەلتىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 11-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىندى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقلىدى.

2-ماددا ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالى ئۈچۈن تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتى مۇشۇ قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىرى مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن-نىزاملار بويىچە قوغدىلىدۇ. 

3-ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتىدىغان تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى لازىم؛ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى لازىم.

4-ماددا تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار سودىلاشقاندا، ئىختىيار قىلىش، باراۋەر، ئادىل بولۇش، سەمىمىي، ئىشەنچلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى لازىم. 

5-ماددا دۆلەت ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتمايدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 

6-ماددا ئىستېمالچىلارنىڭ قانونلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش-پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

دۆلەت بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئىجتىمائىي نازارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى جامائەت پىكرى جەھەتتىن نازارەت قىلىشى لازىم. 

2-باب ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى 

7-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتا جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. 

ئىستېمالچىلار تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەتتە جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

8-ماددا ئىستېمالچىلار ستېىۋالىدىغان، ئىشلىتىدىغان تاۋار ياكى قوبۇل قىلىدىغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار باھاسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى، ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىقتىدارى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى، ئاساسىي تەركىبى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، لاياقەتلىكى، تەكشۈرۈلگەن ئىسپاتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ساتقاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ياكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئۆلچىمى، راسخوتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

9-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، تاۋار خىللىرى ياكى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، ھەر قانداق بىر خىل تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى، ھەر قانداق بىر مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق. 

ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاشتا سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ۋە تاللاشقا ھوقۇقلۇق.

10-ماددا ئىستېمالچىلار ئادىل سودىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، سۈپىتى ئىشەنچلىك، باھاسى مۇۋاپىق، مىقدارى توغرا بولۇشتەك ئادىل سودىلىشىش شارائىتىغا ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق، تىجارەتچىلەرنىڭ زورلاپ سېتىش قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

11-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ياكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش سەۋەبلىك جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتىن زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغاندا، قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

12-ماددا ئىستېمالچىلار قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. 

13-ماددا ئىستېمالچىلار ئىستېمال ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر ساۋاتلارغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار ئېھتىياجلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ساۋات ۋە ئىشلىتىش ماھارىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. 

14-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت ھۆرمىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

15-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا تەنقىد، تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق. 

3-باب تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى

16-ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ۋەدىلەشكەن بولسا، ۋەدىسى بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ۋەدىسى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە زىت بولماسلىقى كېرەك.

17-ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە بولغان پىكرىنى ئاڭلىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

18-ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزلىرى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت توغرىسىدا ئىستېمالچىلارغا ئەينەن چۈشۈنچە ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ۋە خەۋپ يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىزاھلىشى ۋە ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم.

تىجارەتچىلەر ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئېغىر نۇقسان بارلىقىنى، تاۋارنى توغرا ئىشلەتكەن، مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزگەن ھامان، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە خەۋپ يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم. 

19-ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ھەقىقىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى لازىم. خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. 

تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستېمالچىلار سورىغان سوئاللارغا ئەينەن، ئېنىق جاۋاب بېرىشى لازىم.

ماگىزىنلار تەمىنلەيدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك. 

20-ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامى ۋە بەلگىسىنى ئېنىق ئىپادىلشى كېرەك. 

باشقىلارنىڭ پەشتاختا ياكى مەيدانلىرىنى ئىجارىگە ئالغان تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامى ۋە بەلگىسىنى ئېنىق ئىپادىلشى كېرەك. 

21-ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ياكى سودا ئادىتى بويىچە ئىستېمالچىلارغا مال سېتىۋېلىش ئاساسى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتى بېرىشى كېرەك؛ ئىستېمالچىلار مال سېتىۋېلىش ئاساسى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتىنى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر يېزىپ بېرىشى كېرەك. 

22-ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار نورمال ئىشلىتىلگەن ياكى مۇلازىمەت نورمال قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا، ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەت ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئورنى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ لېكىن، ئىستېمالچىلار شۇ تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى نۇقسان بارلىقىنى بىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

تىجارەتچىلەر ئېلان، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، ئەمەلىي نەرسە ئەۋرىشكىسى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسا، ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىنىڭ ئېنىق ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

23-ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى ئىستېمالچىلار بىلەن قىلىشقان ۋەدىسى بويىچە رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش ياكى باشقا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، قەستەن كەينىگە سۈرۈشكە ياكى يولسىر رەت قىلىشقا بولمايدۇ. 

24-ماددا تىجارەتچىلەر رەسمىي توختام، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالچىلارغا ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدۇ. 

رەسمىي توختام، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىقلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلار بولغانلىرى كۈچكە ئىگە ئەمەس. 

25-ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى ھاقارەتلەشكە، ئىستېمالچىلارغا تۆھمەت چاپلاشقا، ئىستمالچىلارنىڭ يېنىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئاختۇرۇشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. 

4-باب دۆلەت ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ 

26-ماددا دۆلەت ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە، ئىستېمالچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى لازىم.

27-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان رەھبەرلىك، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى لازىم. 

28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 

مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار ئىستېمالچىلار ۋە ئىستېمالچىلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ سودا ھەرىكىتى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلاپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 

29-ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرىنى جازالىشى لازىم. 

30-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ دەۋا قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» دىكى دەۋا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت ماجىرالىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋاقتىدا قاراپ چىقىشى لازىم. 

5-باب ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى 

31-ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە باشقا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئىجتىمائىي نازارەت قىلىدىغان، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردۇر. 

32-ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تۆۋەندىكى فۇنكىسىيلەرنى يۈرگۈزىدۇ: 

(1) ئىستېمالچىلارنى ئىستېمال ئۇچۇرى ۋە مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ 

(2) مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ؛ 

(3) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئائىت مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مەمۇرىي تارماقلارغا ئىنكاس قىلىدۇ، ئۇلاردىن سۈرۈشتە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تەكلىپ بېرىدۇ؛ 

(4) ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئەرز قىلىنغان ئىشلارنى تەكشۈرىدۇ، مۇرەسسە قىلىدۇ؛ 

(5) ئەرز قىلىنغان ئىشلار تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسىلىسىگە چېتىلسا، باھالاش تارماقلىرىنىڭ باھالىشىغا سۇنىدۇ. باھالاش تارماقلىرى باھالاش يەكۈنىنى ئۇقتۇرىشى لازىم؛

(6) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى يۈز بەرسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشنى قوللايدۇ؛ 

(7) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلايدۇ، تەنقىدلەيدۇ. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۆز فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى لازىم. 

33-ماددا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرى تاۋار تىجارىتى ۋە پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ جەمئىيەتكە تاۋار ۋە مۇلازىمەت تونۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ. 

6-باب تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش 

34-ماددا ئىستېمالچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ: 

(1) تىجارەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ يارىشىش؛

(2) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلىش؛ 

(3) مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارغا ئەرز بېرىش؛ 

(4) تىجارەتچىلەر بىلەن ھاسىل قىلغان كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن، كېسىم ئورگىنىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇش؛

(5) خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بېرىش. 

35-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان ۋە ئىشلەتكەندە، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، ساتقۇچىلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ساتقۇچىلار تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيەت ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى تاۋار بىلەن تەمىنلىگەن باشقا ساتقۇچىلاردا بولسا، ساتقۇچىلار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋلىشقا ھوقۇقلۇق. 

زىيانغا ئۇچرىغان ئىستېمالچىلار ياكى باشقا كەسىپلەر تاۋار نۇقسانى تۈپەيلىدىن جىسمانىي تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسئۇلىيەت ئىشلەپچىقارغۇچىلاردا بولسا، ساتقۇچىلار تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، مەسئۇلىيەت ساتقۇچىلاردا بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچىلار تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىستېمالچىلار مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇلازىمەت قىلغۇچىدىن تۆلەپ تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

36-ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئەسلىدىكى كارخانا بۆلۈنۈپ ياكى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ھوقۇق، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

37-ماددا باشقىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەن قانۇنسىز تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئىستېمالچىلار ئۇلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئىگىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. 

38-ماددا ئىستېمالچىلار يەرمەنكە، ئىجارىگە بېرىلگەن پەشتاختىلاردىن تاۋار سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ساتقۇچىلار ياكى مۇلازىمەتچىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يەرمەنكە ئاياغلاشقان ياكى پەشتاختىنى ئىجارىگە بېرىش مۇددىتى توشۇپ كېتىپ قالغان بولسا، يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى، پەشتاختا ئىجارە بەرگۈچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى، پەشتاختا بەرگۈچى تۆلەم تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ساتقۇچى ياكى مۇلازىمەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلىق.

39-ماددا تىجارەتچىلەر يالغان ئېلان بېرىشتىن پايدىلىنىپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلكى تۈپەيلىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىستېمالچىلار تىجارەتچىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تىجارەتچىلەر يالغان ئېلان بەرگەن بولسا، ئىستېمالچىلار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇلارنى جازالىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئېلان تىجارەتچىلىرى تىجارەتچىنىڭ ھەقىقىي نامى، ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

40-ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغاندىن باشقىلىرىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

(1) تاۋاردا نۇقسان بولۇش؛

(2) تاۋاردا ئىشلىتىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان بولۇش ھەم ساتقاندا چۈشەندۈرمەسلىك؛ 

(3) تاۋار ياكى تاۋار قېپىدىكى ئىزاھاتلار تاۋار ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولماسلىق؛ 

(4) تاۋارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە ئەۋرىشىكىسى قاتارلىقلاردا كۆرسىتىلگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولماسلىق؛

(5) دۆلەت شاللىۋېتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن تاۋارلارنى ئىشلەش ياكى ئۈنۈمىنى يوقاتقان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋارلارنى سېتىش؛ 

(6) ساتقان تاۋارنىڭ مىقدارى تولۇق بولماسلىق؛ 

(7) مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە راسخوتى ۋەدىگە خىلاپ بولۇش؛

(8) ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، مال قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بېرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سۈرۈش ياكى يولسىز رەت قىلىش؛ 

(9) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار. 

41-ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن ئىستېمالچىلار ياكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار زەخمىلەنگەن بولسا، داۋالىنىش ھەققى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى كۈتۈش ھەققى، خىزمىتىگە دەخلى يېتىپ ئازىيىپ كەتكەن كىرىمى قاتارلىقلارنى بېرىشى كېرەك، مېيىپ بولۇپ قالغانلارغا تۇرمۇش سايمىنى پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، مېيىپلىق تۆلەم پۇلى ۋە ئۇنى باققۇچى كىشىگە ئېھتىياجلىق تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق ھەقلەرنى تۆلىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانون بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

42-ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن ئىستېمالچىلار ياكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا باققان كىشىلەرگە كېرەكلىك تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

43-ماددا تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن بولسا، دەخلى-تەرۇزنى توختىتىشى، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى، ناماقۇل بولۇشى ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

44-ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن ئىستېمالچىلارنىڭ مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بېرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئايرىم ۋەدىلەشكەن بولسا، ۋەدە بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. 

45-ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن ياكى تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ۋەدىلەشكەن تاۋارلاردىن رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇشقا ھۆددە قىلىنغانلىرىنى رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى قايتۇرۇشقا تىجارەتچىلەر مەسئۇل بولۇشى كېرەك. رېمونت قىلىپ بېرىش ھۆددە قىلىنغان مەزگىل ئىچىدە ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولمىغانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى مال قايتۇرۇشقا تىجارەتچىلەر مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 

ئىستېمالچىلار رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇش ھۆددە قىلىنغان چوڭ تاۋارلارنى تىجارەتچىلەرنىڭ رېمونت قىلىپ بېرىش ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر توشۇش راسخوتى قاتارلىق مۇۋاپىق راسخوتلارنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

46-ماددا پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بويىچە تاۋار بىلەن تەمىنلىگۈچى تىجارەتچىلەر تاۋارنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىشى كېرەك. پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىمىگەنلەر ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىشى ياكى مال پۇلىنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئىستېمالچىلار تۆلەشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق راسخوتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

47-ماددا ئالدىن پۇل ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىشى كېرەك. پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىمىگەنلەر ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىشى ياكى ئالدىن ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئالدىن ئالغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى، ئىستېمالچىلار تۆلەشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق راسخوتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

48-ماددا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار قانون بويىچە لاياقەتسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلغان تاۋارلارنى ئىستېمالچىلار قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر مالنى قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

49-ماددا تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە ئالدامچىلىق قىلمىشى بولسا. ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە زىياننى كۆپەيتىپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك. كۆپەيتىپ تۆلەپ بېرىلگەن سومما. ئىستېمالچىلار مۇلازىمەت راسخوتىنىڭ بىر ھەسسىسىگە باراۋەر بولىدۇ. 

50-ماددا تىجارەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردا جازا بېرىدىغان ئورگان ۋە جازالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا بەلگىلىمە بارلىرى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. قىلمىشىغا قاراپ يەككە ياكى قوشۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلسا، قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلسا، تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ:

(1) جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان تاۋارلارنى ئىشلەش ۋە سېتىش 

(2) تاۋارغا باشقا ساختا تاۋارلارنى ئارىلاشتۇرۇش، ساختا تاۋارنى راسىت تاۋار قىلىپ كۆرسىتىش، ناچار تاۋارنى ياخشى تاۋار قىلىپ ياكى لاياقەتسىز تاۋارنى لاياقەتلىك تاۋار قىلىپ كۆرسىتىش؛

(3) دۆلەت شاللىۋېتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن تاۋارلارنى ئىشلەش ياكى ئۈنۈمىنى يوقاتقان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋارلارنى سېتىش؛ 

(4) تاۋار ئىشلەپچىقارغان جاينى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، باشقا زاۋۇتلارنىڭ نامى، ئادرېسىنى ئىشلىتىش ياكى سۇيىئىستېمال قىلىش، گۇۋاھلىق بەلگىسى، داڭلىق مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش ياكى سۇيىئىستېمال قىلىش؛ 

(5) تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك تاۋارلارنى تەكشۈرتمەي، كارانتىن قىلدۇرماي سېتىش ياكى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىش؛

(6) تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش؛

(7) ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، مال قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بېرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سۈرۈش ياكى يولسىز رەت قىلىش؛ 

(8) ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززەت ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش؛ 

(9) قانۇن-نىزاملاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر جازالىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. sf 

51-ماددا تىجارەتچىلەردىن مەمۇرىي جازا بېرىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار، جازا بېرىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەت 15 كۈن ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 15-كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 

52-ماددا زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشتا، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشتا، زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى قوللانمىغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش، جازالاش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ.

53-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن تىجارەتچىلەرنىڭ قىلمىشىغا چاپان ياپقانلىرىغا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

54-ماددا دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنىمۇ مۇشۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ. 

55-ماددا بۇ قانۇن 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#