چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرى

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرى

چەرچەنلىكلەر تۇرمۇش داۋامىدا ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتى ياراتقان بۇلۇپ، كاۋاپلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.



تۈرلىرى زىخ كاۋاپ، چاپلىما كاۋاپ، قاقلىما كاۋاپ، كۈل كاۋاپ
نامى چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرىچەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تائاملىرىمۇ باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇش بىرگە يەنە يەرلىك 

ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قىسىم تائاملارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنى كاۋاپلار، ئۇن تائاملىرى، نانلار دېگەن تۈرلەر بويىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش مۈمكىن.

كاۋاپلارنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا قاراپ زىخ كاۋاپ، چاپلىما كاۋاپ، قاقلىما كاۋاپ، كۈل كاۋاپ،ئاسما كاۋاپ، تاۋا كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، قىيما كاۋاپ، باشقا جاندارلارنىڭ گۆشلىرىدىن قىلىنىدىغان كاۋاپلار قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. كاۋاپلار ئاساسەن قوي، ئۆچكە گۆشلىرىدىن قىلىنىدۇ، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ كاۋاپ قىلىنىدىغان گۆشلىرى ۋە شۇ ھايۋانلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە قوۋۇرغا كاۋاپ، بەل كاۋاپ، جىگەر كاۋاپ، تال كاۋاپ ( تال بوداق)، ئۆپكە كاۋاپ قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

زىخ كاۋاپ

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرىزىخ كاۋاپ: پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان كاۋاپ بولۇپ ئادەتتە يۇلغۇن زىخ ياكى تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن  قوي، ئۆچكە گۆشلىرىنى مەخسۇس كاۋاپتاندانلاردا يەلپۈپ پىشۇرىلىدۇ. بۇرۇنلاردا زىخ كاۋاپ يۇلغۇن زىخ بىلەن پىشۇرلىدىغان  بولۇپ تۆمۈر زىخلار پەيدا بولغاندىن كېيىن يۇلغۇن زىخ كاۋاپ ئايرىمچە نام بىلەن ئاتالدى ھەم كىشىلەردە يۇلغۇن زىخ كاۋاپقا نىسبەتەن ئالاھىدە قىزىقىش پەيدا بولدى. زىخ كاۋاپنىڭ يەنە خاس جىگەردىن پىشۇرىلىدىغانلىرىمۇ بولۇپ جىگەر كاۋاپ دېگەن ئايرىم نام بىلەن ئاتىلىدۇ.جىگەرنى يەنە چوغ ياكى قوقاسقا تاشلاپ پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

چاپلىما كاۋاپ

چاپلىما كاۋاپ: بۇ كاۋاپ قوينىڭ دۈمبە ياكى سان، قول گۆشلىرىنى نېپىزرەك شىلغاندىن كېيىن ئۇنى  نان  ياققاندەك تونۇرغا چاپلاپ پىشۇرۇلىدىغان بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە.

قاقلىما كاۋاپ

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرىقاقلىما كاۋاپ: بۇ ئىككى تىللىق تۆمۈر زىخقا مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى (تەخمىنەن 150-200 گىرام ئەتراپىدىكى) قوۋۇرغا گۆشلەرنى ئۆتكۈزۈپ پىشۇرىلىدىغان كاۋاپ تۈرى. بۇ خىل كاۋاپ بىلەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن چىققان قوۋۇرغا كاۋاپنى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.

كۈل كاۋاپ

كۈل كاۋاپ: بۇ گۆشنى چوغ ياكى قوقاسنىڭ ئۈستىگە تاشلاپلا پىشۇرلىدىغان كاۋاپ بولۇپ بۇنىڭمۇ تەمى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئاسما كاۋاپ

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرىئاسما كاۋاپ:بۇ مەخسۇس ياسالغان تۆمۈر ئىلمەككە قوي، ئۆچكە گۆشلىرىنى ئىلىپ تونۇرغا ئېسىپ قاقلاپ پىشرۇدىغان كاۋاپ بولۇپ يەنە ئىلمە كاۋاپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تاۋا كاۋاپ

تاۋا كاۋاپ: تاۋا يەنى كۆمەچدانغا ئوخشاش مەخسۇس تۆمۈر قازاندا پىشۇرىلىدىغان كاۋاپ بولۇپ ئۇنىڭغا تۇخۇم، قوناق 

ئۇنى، بۇغداي ئۇنى قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدىغان شىرە ئىشلىتىلىدۇ.

تونۇر كاۋاپ

تونۇر كاۋاپ: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان كاۋاپ بولۇپ قوينىڭ پۈتۈن گۆشى پارچلانمىغان ھالەتتە تونۇرغا سېلىپ قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ، ئۇنىڭمۇ تۇخۇمدىن تەييارلىدىغان مەخسۇس شىرىسى بار. بۇ مەشھۇر كاۋاپلارنىڭ بىرى بولۇپ چەرچەن ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ئالاھىدە نەزەر بىلەن قارىلىدۇ ۋە ھۆرمەتلىك مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ.

قىيما كاۋاپ

قىيما كاۋاپ: بۇ زىخ كاۋىپىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ قوي، ئۆچكە گۆشى توغراپ قىيما قىلىنغاندىن كېيىن زىرە، پىياز، تۇز دېگەندەك خۇرۇچلار سېلىنىپ مۇجۇپ كىچىك كاللەك ھالەتە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن زىخقا ئۆتكۈزۈپ پىشۇرىلىدۇ، بۇ خىل كاۋاپ يېيىشلىك، يۇمشاق ۋە سىڭىشلىك بولۇپ، بالىلار ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

قوۋۇرغا كاۋاپ، بەل كاۋاپ

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرىقوۋۇرغا كاۋاپ، بەل كاۋاپ قاتارلىقلار مۇۋاپىق توغرالغان قوۋۇرغا، بەل (دۈمبە گۆش) ۋە زىخقا ئۆتكۈزۈپ  ياكى ئىلىپ  تونۇردا  ئوتقا 

قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ.

كەپتەر، توخۇ، قىرغاۋۇل، كەكلىك، قۇشقاچ كاۋىپى

چەرچەنلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرىكەپتەر، توخۇ، قىرغاۋۇل، كەكلىك، قۇشقاچ قاتارلىقلارنىڭ كاۋاپلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، يۇقۇرىقى قۇشلار بوغۇزلىنىپ پاكىزلانغاندىن كېيىن، تونۇرغا ئېسىپ ياكى زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ. بەزىلىرىگە تۇخۇم بىلەن ئۇندا (بۇغداي ئۇنى ياكى قوناق ئۇنى) قىلىنغان شىرە سۈرتۈلۈپ پىشۇرىلىدۇ.

قېرىن كاۋاپ

قېرىن كاۋاپ ئېتىشتە يۇمشاق قۇمنىڭ ئۈستىگە گۈلخان يېقىپ قۇم تازا قىزىتىلىدۇ. قۇم قىزىپ بولغىچە سويۇلغان مالنىڭ  قېرىنى پاكىزە يۇيۇلۇپ گۆشلىرى پارچىلىنىپ قېرىننىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ ھەمدە قېرىننىڭ گۆش سېلىنغان ئېغىزى مەھكەم تىكىپ ئېتىلىدۇ. ئاندىن قىزىغان قۇمغا كۆمۈلىدۇ، بۇنىڭدا قېرىننىڭ زېدىلىنىپ يېرىلىپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ خىل كاۋاپ ناھايىتى مەززىلىك ھەم سىڭىشلىك بولۇپ قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ياغ بېغىر

ياغ بېغىرمۇ ئالاھىدە بىر خىل كاۋاپ تۈرى بولۇپ، پىشۇرۇش جەريانى مۇنداق : قوي ياكى ئۆچكىنىڭ يېڭى جىگىرىنى سۇغا سېلىپ چالا پىشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇششاق قىيما قىلىپ،تۇز، زىرە، پىياز قاتارلىق خۇرۇچلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز، ئاندىن ئۇنى ئوتتۇرىھال سەمرىگەن قوينىڭ چاۋا يېغى بىلەن ئوراپ تۈگىمىز، بۇنى زىخقا ئۆتكۈزۈپ قاقلاپ پىشۇرىمىز ياكى كۆمەچدانغا سېلىپ داغلاپ پىشۇرىمىز.

تال بوداق

تال بوداق : ئالدى بىلەن قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تېلىنىڭ بىر تەرىپىدىن يېرىپ ئىچىنى يېرىپ كېڭەيتىپ تۇز، زىرە، پىياز قاتارلىقلاردىن قىلىنغان قىيمىنى تالنىڭ ئىچىگە تىقىپ يېرىلغان جاينى يىڭنە بىلەن ياكى يۇلغۇن دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئۇششاق شاخلىرى بىلەن تىكىپ قاقلاپ پىشۇرىمىز.

ئۆپكە كاۋىپى

ئۆپكە كاۋىپى تەييارلاشتا قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئۆپكىسىگە تۇز سۈيى بېرىپ بولغاندىن كېيىن تونۇردا قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ، كىشىلەر بۇنى ئۆپكە كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#