كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى

كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى

2011-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان، 2011-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 2011-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区流动人口服务和管理办法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 2011-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى

               شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

                                 167-نومۇرلۇق

2011-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان، 2011-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

                                                                        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

                                                                                 2011-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كۆچمەن ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدىكى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن كۆچمە ئاھالە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىن ئايرىلىپ باشقا مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرگە قاراشلىق رايوندىن ئايرىلىپ شۇ شەھەرگە قاراشلىق باشقا رايوندا ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

4-ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتا باراۋەر، ئادىل بولۇش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، مۇۋاپىق يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەۋە جاي بويىچە باشقۇرۇش بىلەن دەرىجە، تارماق بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

5-ماددا كۆچمە ئاھالە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.

6-ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر:

1) ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر سىياسەت، نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

2) پىلانلىق تۇغۇت، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ۋە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

3) ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

4) ساغلاملىق، ساقلىق ساقلاش ۋە قانۇنچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش؛

5) تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملاش، ئۆينى ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش؛

6) كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛

7) قانۇن، نىزام، قائىدىدە بەلگىلەنگەن باشقا ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى نىشانلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدە باراۋەرلىكنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى، كېتەرلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يىللىق خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مۇناسىپ ھالدا ئاشۇرۇشى لازىم.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ چارە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

كوچا ئىش باشقارمىلىرى، يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

جامائەت جەۋىپسىزلىكى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئەدلىيە، مالىيە، مائارىپ قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى لازىم.

9-ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئالاقىدار تارماققا پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. پاش قىلىش ئۇچۇرى ۋە ئەرز-شىكايەت قوبۇل قىلغۇچى تارماقلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئۆز تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە تارماققا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

10-ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى چەك قويۇش؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆچمە ئاھالىنى قانۇنلۇق قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ئارىلىشىش؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆچمە ئاھالىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ھەق ئېلىش تۈرىنى تەسىس قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىشى ۋە تەقدىرلىشى لازىم.

2-باب كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچمە ئاھالىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە جامائەت مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، جامائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مەجبۇرىيەت مائارىپى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق جامائەت سىياسىتى جەھەتتە كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك قىلىش يېشى ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار كۆچمە ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر سىياسەت، نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تىزىملاش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشى لازىم.

كۆچمە ئاھالە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھازىر تۇرۇشلۇق جايدا كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىش سالاھىيەت ئىمتىھانى، كەسىپ (كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش) سالاھىيەت ئىمتىھانى ياكى سالاھىيەت بېكىتىشكە قاتناشقاندا، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش باھالاش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىمتىھان ئالغۇچى، سالاھىيەت بېكىتكۈچى ئاپپاراتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىمتىھان ۋە سالاھىيەت بېكىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

14-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى كۆچمە ئاھالە بويىچە ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تىزىملاش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن كۆچمە ئاھالە ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك ماجىرالىرىنى ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆچمە ئاھالىنىڭ ئەمگەك كاپالىتى بويىچە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

15-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى تۇغۇت يېشىدىكى كۆچمە ئاھالە ئارىسىدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر سىياسەت، نىزام، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيەلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تۇغۇت يېشىدىكى كۆچمە ئاھالىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە بىلەن ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

16-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كۆچمە ئاھالە ئىچىدە ئاياللار-بالىلار ساغلاملىقى تەربىيەسى ۋە ئەيدىز، تۇبېركۇليۇز قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە بىلەن ئوخشاش ئىممۇنىتېتلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە كۆچمە ئاھالە مەركەزلەشكەن جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى لازىم.

17-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى شەھەر-يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۇرمۇشتا چىقىش يولى يوق كۆچمە ئاھالىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى كۆچمە ئاھالىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتىنى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت ئىجارە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى لازىم.

19-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ تارمىقى كۆچمە ئاھالىنى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مائارىپىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆچمە ئاھالە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە بىلەن باراۋەر قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

20-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆچمە ئاھالىنى تىزىملاپ، نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

21-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەدلىيە تارمىقى كۆچمە ئاھالە ئارىسىدا قانۇنچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسى ۋە ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىنى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يېتەكلىشى لازىم.

قانۇن جەھەتتىن ياردەم بەرگۈچى ئاپپاراتلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كۆچمە ئاھالىگە ۋاقتىدا قانۇن بويىچە قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىشى لازىم.

22-ماددا كۆچمە ئاھالىنى قوبۇل قىلغان، تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئورۇنلار قوبۇل قىلىنغان، تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋاتقان كۆچمە ئاھالە بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ، كۆچمە ئاھالىنى بىخەتەر، پاكىز ئەمگەك مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىش ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. كۆچمە ئاھالە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بىلەن تەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە تەڭ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ.

3-باب كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇش

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كۆچمە ئاھالە ئۇچۇر تورىنى باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر توپلاش، رەتلەپ يەتكۈزۈش، تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەش، قەرەللىك ئېلان قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە بىرلىككە كەلگەن كۆچمە ئاھالە ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلار ئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

كۆچمە ئاھالە تۇرۇۋاتقان جايدىكى كوچا ئىش باشقارمىسى، يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى، جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى، كۆچمە ئاھالىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا ئىش باشقارمىسى، يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتى، جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن كۆچمە ئاھالە ئۇچۇرىنى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش، خەۋەر قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆچمە ئاھالە ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا دائىر ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشى، خەۋەر قىلىشى لازىم.

24-ماددا جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى، ئۇنى قانۇندا بېكىتىلگەن مەسئۇلىيەت سىرتىدىكى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىكى لازىم.

25-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى كۆچمە ئاھالە بويىچە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماق، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كۆچمە ئاھالە بويىچە ئامانلىق ساقلاش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

26-ماددا كۆچمە ئاھالە تۇرىدىغان جايغا بارغاندىن كېيىنكى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئۆزىنىڭ كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە كىملىك ئىسپاتى، شۇنداقلا تۇرالغۇ ئىسپاتىنى ئېلىپ، شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى تىزىملىتىشى كېرەك. شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى قورامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئۇلارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى چىقىرىپ بەرگەن پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى؛ پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى بولمىسا، تىزىملىغاندا ئەسكەرتىپ قويۇشى لازىم.

كۆچمە ئاھالە تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئۆزگەرتسە ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تىزىملىتىشى لازىم.

27-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆچمە ئاھالىنى تىزىملىشى ھەمدە تىزىملىغاندىن كېيىنكى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە تىزىملىغان ئۇچۇرنى شۇ جايدىكى جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ياكى شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يوللىشى لازىم:

1) ئۆي ئىجارە ئېلىشتا ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچى كۆچمە ئاھالە كۆچۈپ كىرگەندە تىزىملىتىدۇ؛

2) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرالغۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەمىنلىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆچمە ئاھالىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ۋاقىتتا تىزىملىتىدۇ؛

3) مەكتەپلەر ئوقۇشقا كىرىپ مەكتەپتە قونىدىغان كۆچمە ئاھالىنى ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقىتتا تىزىملىتىدۇ؛

4) قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئاپپاراتىدا قونىدىغان كۆچمە ئاھالىنى شۇ ئاپپارات تىزىملىتىدۇ؛

5) باشقا قوندۇرىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر كۆچمە ئاھالىنى كىرگەن ۋاقىتتا تىزىملىتىدۇ.

28-ماددا كۆچمە ئاھالە مېھمانخانا، مېھمانساراي، مېھمانلارنى قوندۇرىدىغان يۇيۇنۇش سورۇنى قاتارلىق ئورۇنلاردا قونسا، قوندۇرغان ئورۇن مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تىزىمغا ئېلىپ، تىزىملىغان ئۇچۇرنى يوللىشى لازىم.

29-ماددا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەر ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا قانۇنلۇق ئىسپاتنى ئېلىپ، ناھىيە (شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماققا بېرىپ، ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆينى تىزىملىتىشى ھەمدە جامائەت جەۋىپسىزلىكى ساقچىخانىسىغا بېرىپ ئامانلىق ساقلاش مەسئۇلىيەت كاپالەتنامىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

30-ماددا ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1) ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆي بىخەتەر بولۇپ، ئاساسىي تۇرالغۇ ئۆلچىمىگە يېتىش؛

2) كۆچمە ئاھالىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا يوللاش؛

3) ئۆيىنى قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە كىملىكى بولمىغان كۆچمە ئاھالىگە ئىجارىگە بەرمەسلىك؛

4) كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيدىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ياكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغانلارنى تۇرغۇزغانلىقىنى بايقىغاندا، جامائەت جەۋىپسىزلىكى ساقچىخانىسىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش؛

5) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش.

31-ماددا كۆچمە ئاھالە ئۆي ئىجارە ئالغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1) ئۆزىنىڭ ۋە باشقا تۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە كىملىكىنى كۆرسىتىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئەينەن تولدۇرۇش؛

2) ئۆيدە تۇرغۇچىلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش ھەمدە ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ئۆي ئىجارىگە بېرىش تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىشىغا ھەمكارلىشىش؛

3) ئىجارىگە ئالغان ئۆيدىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛

4) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش.

32-ماددا ئۆي ئىجارە بېرىش ۋە كۆچمە ئاھالىنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش ۋاسىتىچى مۇلازىمەت ئاپپاراتى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1) ئۆي ئىجارە بېرىش، ئىشقا تونۇشتۇرۇش بويىچە تىزىملاش دەپتىرىنى تۇرغۇزۇش؛

2) ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆينى ئىجارىگە بېرىشنى تىزىملىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

3) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش.

33-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆچمە ئاھالىنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كۆچمە ئاھالە تۇرۇش كىنىشكىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان جايدا ئالاقىدار مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىدۇ.

16 ياشتىن ئاشقان كۆچمە ئاھالە 30 كۈندىن ئارتۇق تۇرىدىغان جايدا تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىللە تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، تۇغقان يوقلاشقا، ساياھەتكە، داۋالىنىشقا ۋە كاماندىروپكىغا چىققانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

ناھىيە (شەھەر) لىك جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كۆچمە ئاھالىنى تىزىملاش ۋە تۇرۇش كىنىشكىسى تارقىتىش خىزمىتىنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

تۇرۇش كىنىشكىسى ئېلىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىدۇ.

34-ماددا كۆچمە ئاھالىنى قوبۇل قىلغان، تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەر، ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچىلەر، ئۆي ئىجارە بېرىش ۋە كۆچمە ئاھالىنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار كۆچمە ئاھالىنىڭ ۋاقتىدا تىزىملىتىپ، تۇرۇش كىنىشكىسى ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم.

35-ماددا جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى، تۇرۇش كىنىشكىسىنى تەكشۈرگەندە كۆچمە ئاھالە بۇنىڭغا ماسلىشىشى لازىم.

ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كوچا ئىش باشقارمىلىرى، يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا ياكى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلغاندا، كۆچمە ئاھالىنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، كىنىشكا ئىگىسى بۇنىڭغا ماسلىشىشى لازىم.

جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىن باشقا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ.

4-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

36-ماددا بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە (شەھەر) لىك جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىلمىسە شەخسكە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئورۇنغا 500 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

1) كۆچمە ئاھالىنى ۋاقتىدا تىزىملاتمىسا، تۇرۇش كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا بېجىرمىسە تۇرۇشلۇق ئادرېسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىسا؛

2) ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر كۆچمە ئاھالە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تىزىملىتىپ يوللىمىسا؛

3) ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشىنى بايقىغاندا جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىسا.

37-ماددا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەر بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆيىنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسا، ناھىيە (شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئىجارە ئۆينى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمەي ئۆينى شەخس ياكى ئۆز ئائىلىسىنىڭ تۇرۇشىغا ئىشلىتىلگەن بولسا، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى قىلىنغان بولسا ئايلىق ئىجارە ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن بولسا ئايلىق ئىجارە ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەمما ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

38-ماددا ۋاسىتىچى ئاپپارات بۇ بەلگىلىمىدىكى چارىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىجارە بېرىش، ئىشقا تونۇشتۇرۇش تىزىملىك دەپتىرىنى تۇرغۇزمىغان بولسا، ناھىيە (شەھەر) لىك جامائەت جەۋىپسىزلىكى ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەرگە 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

39-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئۇلارغا مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

1) كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، ئارقىغا سوزۇش، بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، قەستەن قىيناش قاتارلىق قىلمىش كۆرۈلسە؛

2) قانۇنىي ئاساسى يوق ئەھۋالدا ياكى تەستىقلانغان تۈر، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۆچمە ئاھالىدىن ھەق ئالسا؛

3) كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي جازا بەرسە؛

4) كۆچمە ئاھالىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلسا؛

5) خىزمەتتە بىخۇدلۇق قىلىش، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلسا.

40-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن-نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

41-ماددا بۇ چارە 2011-يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#