ئوسمانتۇس گۈلى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئوسمانتۇس گۈلى ()
  2. ئوسمانتۇس گۈلى ()

ئوسمانتۇس گۈلى

ئوسمانتۇس گۈلى ساپسېرىق رەڭگى، قويۇق خۇش پۇرىقى بىلەن كۈز مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئالتۇن كۈزنىڭ ئەركىسى دەپ ئىززەتلىشىدۇ.

خەلق ئىچىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ۋۇگاڭ ئەۋلىيالىقنى ئۆگىنىمەن دەپ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئايغا ئوسمانتۇس دەرىخىنى كېسىشكە سۈرگۈن قىلىنغانىكەن، ئوسمانتۇس دەرىخى كېسىش بىلەنلا يەنە بىرىكىۋالغاچقا، زادىلا كېسىپ يىقىتىشقا بولمىغانىكەن. . . گۇاڭشىنىڭ گۇيلىن شەھىرىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە دېڭىز سۇ ئىلاھىنىڭ ئۈچىنچى مەلىكىسى ياردەم قىلغاچقا خەلق تاغلارنى يۆتكەپ غار-ئۆڭكۈرلەرنى كولاپ، تاغ سۇلىرى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولغان گۇيلىن مەنزىرىسىنى بەرپا قىلغانىكەن. مەلىكە ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆمۈلگەن يېرى بىر كېچىدىلا ئوسمانتۇس(گۇيخۇا) دەرەخزارلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەنىكەن. مانا بۇ گۇيلىن(گۇيخۇا ئورمانلىقى) دېگەن نامنىڭ كېلىش سەۋەبىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئوسمانتۇس گۈلى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈلۈكلەر سىنىپى
تۈرى ئوسمانتۇسگۈلى
خەنزۇچە ئىسمى 桂花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى ئوسمانتۇس ئائىلىسى
باشقا ئاتىلىشى كەركىدانگۈل ، مۇررايا ، سېرىق قوڭۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسمانتۇس(گۇيخۇا) گۈلى بىر خىل دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئەسلىي ماكانى جۇڭگو. ئۇنىڭ گەرچە گۈلى بىلەن داڭقى ئالەمگە تارالغان بولسىمۇ، بىراق گۈللىرى ناھايىتى ئۇششاق، خۇش پۇراقلىرى ئۆتكۈر بولۇپ، دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. ئوسمانتۇس گۈلى نەيچىسىمان گۈل بولۇپ، بەش تال گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن، ئۇ «گۈل تاج نەيچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. نەيچە ئىچىدە ئىككى ئاتىلىق، بىر ئانىلىق ئۆسىدۇ. گۈلدىن كېيىن سۆسۈنسىمان قارا رەڭلىك، ئېللىپس شەكىللىك كىچىك ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ.

ئوسمانتۇس گۈلىنىڭ ئاساسەن تۆت سورتى بار. بىر خىلىنىڭ نامى سېرىق ئوسمانتۇس گۈلى(جىنگۇي) ، گۈلى سېرىق، خۇش پۇرىقى ئەڭ ئۆتكۈر، دەرەخ شەكلى چوڭ بولۇپ، چوڭ دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ؛ يەنە بىر خىلى ئاق ئوسمانتۇس گۈلى(يىنگۈي) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈلى سۇس سېرىق ياكى سۈتتەك ئاق، خۇش پۇرىقى خېلى ئۆتكۈر، بۇلارمۇ چوڭ دەرەخسىمان ئۆسەلەيدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى، قىزىل ئوسمانتۇس گۈلى(دەنگۈي) دەپ ئاتىلىدۇ، گۈلى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك، خۇش پۇرىقى ناھايىتى سۇس، دەرەخ شەكلى بىرقەدەر كىچىك، پاكار، گۈلى ئاسانلىقچە توزۇپ چۈشمەيدۇ؛ تۆتىنچى خىلىنىڭ نامى تۆت پەسىللىك ئوسمانتۇس گۈلى(سىجىگۈي) بولۇپ، گۈلى ئاچ سېرىق، خۇش پۇرىقى سەل سۇسراق، دەرەخ شەكلى توپلىشىپ ئۆسكەن شەكىللىك، زىمىستان سوغۇق ۋە تومۇز ئىسسىقتىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە گۈلى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ تۇرىدۇ.

ئوسمانتۇس گۈلى تاماشا قىلىدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنغاندىن سىرت، يەنە گۈلىدىن مۇئەتتەر(پۇراق جەۋھىرى) ئېلىشقا بولىدۇ ياكى ئۆزىنى يېمەكلىكلەرگە بىۋاسىتىلا پۇراق ماتېرىيالى قىلىپ قوشۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن، گۇيخۇا ھارىقى قاتارلىقلارنى ئېچىتىپ ياساشقا بولىدۇ؛ گۈلى بىلەن شاخ يوپۇرماقلىرىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.

جۇڭگودىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ شەھەر گۈلى

بېيجىڭ − ئەتىرگۈل، جۇخار گۈل

تيەنجىن − ئەتىرگۈل 

شاڭخەي − ئاق ماگنولىيە 

شىجياجۇاڭ − فىلادېلفىن چاتقىلى

باۋتۇ − كىچىك لىخۇا گۈلى 

تەييۈەن − جۇخار گۈل 

خېيلۇڭجياڭ − سېرىنگۈل ياكى قىزىلگۈل 

شېنياڭ − قىزىلگۈل

داليەن − ئەتىرگۈل

چاڭچۈن − شاھزادىگۈل

جىنەن − نېلۇپەر

خېفىي − ئانارگۈل، ئوسمانتۇس گۈلى 

خاڭجۇ − ئوسمانتۇس گۈلى 

نىڭبو − چايگۈل

فۇجۇ − نەرگىسگۈلى

نەنچاڭ − مازارىيون(كىرىمدانە)

نەنجىن − مېيخۇا گۈلى

گۈيلىن − ئوسمانتۇس گۈلى

گۇاڭجۇ − پاختا دەرىخى،

چاڭسا − كاككۇكگۈل

ۋۇخەن − مېيخۇا گۈلى 

جىڭجۇ − ئەتىرگۈل

كەيفىڭ − جۇخار گۈل

لوياڭ − مودەنگۈل 

شىئەن − ئانارگۈل 

لەنجۇ − قىزىلگۈل

شىنىڭ − سېرىنگۈل

يىنچۇەن − سۆگەتگۈل

ئۈرۈمچى − قىزىلگۈل

چېڭدۇ − پەرەڭگۈل دەرىخى 

گۇيياڭ − داۋىدىيە دەرىخى

كۈنمىڭ − چاي گۈل

لخاسا − قىزىلگۈل 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#