ئېلېكتر سايمانلىرى

ئېلېكتىر سايمانلىرى
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئاساسلىقى ئائىلە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر . ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زامانىۋى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالدى .

نامى ئېلېكتىر سايمانلىرى
خەنزۇچە نامى 家用电器

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئاساسلىقى ئائىلە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر . ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زامانىۋى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالدى . ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى دائىرىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشاشمايدۇ ، دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى تېخى شەكىللەنمىدى .

قولايلىقى ۋە تەسىرى

ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بارمۇ؟

ئېلېكتىر سايمانلىرىئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر سايمانلىرى گەرچە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ناھايىتى نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپمۇ كەلدى. بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار بۇنىڭغا تېخىمۇ سەزگۈر، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە، ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھامىلىگە خەتەرلىك ئامىللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئالىملار ھامىلىدار ئاياللارنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن يىراقراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئېلېكتىر سايمانلىرى ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن شاۋقۇن-سۈرەنمۇ تەڭ كىرىپ كەلدى. ئىنسانلارغا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئاۋاز 18 ~ 35 دېتسىبېل بولۇپ، بەزى ئائىلە سايمانلىرىدىن چىقىدىغان ئاۋاز بۇنىڭدىن يۇقىرى، شۇنداقلا بىز بۇنى ئوڭايلىقچە ھېس قىلالمايمىز. مەسىلەن: شامالدۇرغۇچنىڭ 40 ~ 50 دېتسبېلغىچە، كىرئالغۇدىن چىققان ئاۋاز 60 ~ 80 دېتسبېلغىچە، تېلېۋىزوردىن چىققان ئاۋاز 50 ~ 70 دېتسبېلغىچە، چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ 65 ~ 85 دېتسبېلغىچە، ئۈنئالغۇ ۋە رادىيونىڭ 70 ~ 90 دېتسىبېلغىچە.

تونۇش ۋە دىققەت قىلىش

ئېلېكتىر سايمانلىرىئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق شاۋقۇن-سۈرەن ئىچىدە تۇرسا، ھامىلىگە ناھايىتى پايدىسىز. خىلمۇخىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا توك ئۇلىنىپ تۇرغاچقا، ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە چاستوتىلىق ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى پەيدا قىلىدۇ. ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى ئادەم بەدىنىدىكى بىيو رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. توكلۇق گىلەم پەيدا قىلغان ئېلېكتىر ماگنىت كاشىلىسىدا، بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ. باشقا مىكرو ئېلېكتىر ئوچاق، كومپيۇتېر، ئېلېكتىرونلۇق سائەت، شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار ئوڭايلا ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشى ۋە ئىشلەتكەندە بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#