يېنىك ئاتلېتىكا

يېنىك ئاتلىتىكا
يېنىك ئاتلېتىكا «تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى»بولۇپ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېنىك ئاتلىتىكايېنىك ئاتلېتىكا ئەزەلدىنلا «تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇزاق قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئىنسانلار ھاياتلىق ئۈچۈن ئۇزۇن ئارىلىقلارغا ماڭغان ياكى يۈگۈرگەن، ئېرىق، جىرا قاتارلىق خىلمۇخىل تەبىئىي توسالغۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ھايۋانلارنى قوغلىغان، مېۋىلەرنى تەرگەن ھەمدە قولىغا تاش، دەرەخ شاخلىرىنى ئېلىپ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقان. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەملەر بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى تەكرارلاپ، مېڭىش، يۈگۈرۈش، ئېتىش، سەكرەشتەك تۇرمۇش ئىقتىدارلىرىنى − يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى ھاسىل قىلغان.

ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇشلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيگەن. باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ساغلام بەدەنلىك ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، مېڭىش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئېتىشلار ھەربىي قوشۇننىڭ ئاساسلىق مەشىق ۋاسىتىسى قىلىنغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا بۇ تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسى شەكىللەنگەن. كېيىن مۇناسىپ ھالدا ھەر خىل يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانلىرى، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ۋۇجۇدقا چىققان. مۇشۇنداق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققىي قىلىپ، 1896-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يېنىك ئاتلېتىكا رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

يېنىك ئاتلېتىكايېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە نەتىجىسى ئېگىزلىك ۋە يىراقلىق بويىچە ھېسابلىنىدىغان ئېتىش، سەكرەش ۋە نەتىجىسى ۋاقىت بويىچە ھېسابلىنىدىغان يۈگۈرۈش، يورغىلاپ مېڭىش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىش، سەكرەش، يۈگۈرۈش تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئومۇمىي ماھارەت ھەرىكىتىمۇ بار. ھازىر دۇنيا رېكورتى بار سىرتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان يېنىك ئاتلېتىكا تۈرلىرى80 گە يەتكەن بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىدىن41 تۈر بار. ئەڭ ئاساسلىق دۇنياۋى مۇسابىقىلەردىن ئۈچى بولۇپ، بىرىنچىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، ئىككىنچىسى1977-يىلىدىن باشلانغان دۇنيا لوڭقىسى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى، ئۈچىنچىسى 1983-يىلىدىن باشلانغان دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#