- قارىئۆرۈك (خام دورا)
- قارىئۆرۈك (ئۆسۈملۈك )
قارىئۆرۈك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارىئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى، ئەينۇلاغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، يوپۇرماق سېپىدا ئاق تۈكلەر بولىدۇ، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشسىمان كېلىدۇ؛ گۈلى ئاق، گۈلتاجىسى بەش، ئۈچكىلىك مېۋىسى سوقىچاق، رەڭگى قارامتۇل سۆسۈن، ئۈچكىسى كىچىكرەك، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ.
چوڭ تەرەتنى بوشىتىش، قان سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىسسىق تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپقا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.
12 گرام قارىئۆرۈك قېقىنى 12 گرام سوغىگۈل، 01 گرام پاقىيۇپۇرمىقى، تۆت گرام كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزە بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام قارىئۆرۈك قېقىنى ئىككى گرام قارا ئەندىز، ئۈچ گرام زىرىق يىلتىز پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبىدىن سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىئۆرۈك قېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قارىئۆرۈكنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.