لەمجىن بازىرى

لەمجىن بازىرى

لەمجىن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ غەربىگە، ناھىيە بازىرىدىن 21.8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى لەمجىن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 2400 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 连木沁镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى
نوپۇسى 33520 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لەمجىن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيىسىنىڭ غەربىگە، ناھىيە بازىرىدىن 21.8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

لەمجىن بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرشەرقىي پىچان يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى تۇيۇق يېزىسى سۇبېشى كەنتى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي تەرىپى ئىدىقۇت تېغى ( يالقۇنتاغ) بىلەن، شىمالدا لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن تەڭرىتاغ بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، « 312 » دۆلەت يولى ۋە ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، ئومۇمىي كۆلىمى 2400 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300~ 400 مېتىر كېلىدۇ.

 لەمجىن بازىرى ئۈزۈم تېرىقچىلىقىنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان يېزا ئىگىلىك بازىرى، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئۈزۈم تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى.

لەمجىن بازىرى 1958-يىلى، قىزىل بايراق خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، 1984-يىلى قايتىدىن لەمجىن يېزىسى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1994-يىلى، لەمجىن بازىرى لەمجىن يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

لەمجىن بازىرى تەۋەسىدە 12 مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللە، بىر چارۋىچىلىق ئەترەت، 61 تەبىئىي كەنت، جەمئىي نوپۇسى 33520 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 29607 ئادەم، ئۇيغۇرلار 27239 ئادەم، %81.3 ىنى ئىگەللىگەن، بازارلىق پارتكوم قاراشلىق ئورۇنلار: بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 32 پارتىيە ياچېيكىسى، 1028 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان، چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى 615 ئادەم، دېھقان - چارۋىچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 2.2 ىنى ئىگەللىگەن، ئايال پارتىيە ئەزاسى 333 ئادەم، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى 32 ئادەم بولغان. بازار بويىچە جەمئىي « ئۈچ پېشقەدەم » لەر 101 نەپەر. ياچېيكا قۇرۇش ھەمدە تەۋەلىك بازارلىق پارتكوم باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى تۆت پونكىت، 12 مەمۇرىي كەنت بار.

بازار بويىچە جەمئىي 75 دىنىي سورۇن، بۇنىڭ ئىچىدە خىرىستىيان دىنى سورۇنى بىر، 74 نەپەر دىنىي زات، جەمئىي ئالتە مەسچىت بار، ناھىيە دەرىجىلىك « قوش بەشتە ياخشى » مەسچىت  بولۇپ باھالانغان، 16 مەسچىت بازار دەرىجىلىك « قوش بەشتە ياخشى » مەسچىت بولۇپ باھالانغان.

بازار بويىچە جەمئىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ 14، بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ 10، مىللىي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3، خەنزۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، بىر يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى، شىپاخانا بىر، يەككە شىپاخانا بىر. پۈتۈن بازاردىكى « 10 يۇلتۇزلۇق » مەدەنىيەتلىك ئائىلە 1002 گە يەتكەن، ئومۇمىي سانىنىڭ %12.79 نى ئىگەللىگەن.

لەمجىن بازىرى، ئۈزۈم تېرىشنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان يېزا ئىگىلىك بازىرى، تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئۈزۈم تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37052 مو، ئۈزۈم تېرىش كۆلىمى 3.33 مىڭ مو.

2007-يىللىق پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 290 مىليون يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5054 يۈەنگە يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#