ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ

ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ

1957-يىلى 12-ئايدا، شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى جۇڭگولۇق ئىككى ئالىم ياڭ جېننىڭ (ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، 1921-) بىلەن لى جېڭداۋ(ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، 1926 -) غا بەرگەن. ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ جۇڭگو چايخانىسىدىن يېتىلىپ چىققان ئالىم. ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ خېفىي ۋە شاڭخەيدىكى زىيالىي ئائىلىلىرىدە دۇنياغا كەلگەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ1957-يىلى 12-ئايدا، شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى جۇڭگولۇق ئىككى ئالىم ياڭ جېننىڭ(ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، 1921-) بىلەن لى جېڭداۋ (ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، 1926-) غا بەرگەن. 1901-يىلدىن باشلاپ، بۇ مۇكاپات مۇراسىمى نەچچە ئون قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتقان. 

چۈنكى، بىرىنچىدىن، ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋنىڭ ئاجىز ئۆزئارا تەسىر شارائىتىدا تەڭ ۋالېنتلىقنىڭ ساقلانماسلىقى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنىڭ 1956-يىل ئېلان قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەجرىبە 1957-يىلنىڭ بېشىدا تاماملىنىپ، شۇ يىلىلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى تارىختا كۆرۈلمىگەن.

ئىككىنچىدىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى پروفېسسور لى جېڭداۋ ئەينى چاغدا ئاران 31 ياشتا بولۇپ، تارىختا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ئىچىدە ئۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياش. ياڭ جېننىڭمۇ ئەينى چاغدا تېخى 36 ياشتىلا ئىدى.

ئۈچىنچىدىن، 57 يىلدىن بۇيان بۇ ئالىي شەرەپكە ئېرىشكۈچىلەر نەچچە يۈزگە يەتكەن بولسىمۇ، بىرەرمۇ جۇڭگولۇق يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە باھا بېرىلگەندە، ئامېرىكا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ «ئىككى ياش ئالىمنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيىتى ئىنسانلارنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت قاتلىمىدا شەرقلىكلەر بىلەن غەربلىكلەرنىڭ تامامەن ئوخشاش ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دەپ قارىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. 

تۆتىنچىدىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئازابىدا قالغان دۆلەتتە ئۆتكەن. بۇلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇلارنىڭ تومۇرىدا يەندى-خۇاڭدى ئەۋلادلىرىنىڭ قېنى ئاققان، ھەتتا مۇشۇ تۈرلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىدىمۇ خۇاشيا ئۇسلۇبىنى نامايان قىلغان. لى جېڭداۋ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە: «ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسىي قارىشىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دوكتور ياڭ جېننىڭ بىلەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى جۇڭگوچە رېستوراندا غىزالىنىۋېتىپ دائىم مۇزاكىرىلىشىپ ھاسىل قىلىنغان يەكۈن ئاساسىدا دۇنياغا ئېلان قىلىندى» دېگەن.

ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ جۇڭگو چايخانىسىدىن يېتىلىپ چىققان ئالىم. ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ خېفىي ۋە شاڭخەيدىكى زىيالىي ئائىلىلىرىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۈننەننىڭ كۇنمىڭ شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گۈيجۇنىڭ زۇنيى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئوقۇغان، ئەينى چاغدىكى ماددىي شارائىت ئىنتايىن ناچار بولۇپ، فىزىكا تەجرىبىخانىسى كونا بۇتخانىدا ئىدى، سىنىپ ۋە ياتاقلار يىغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىتاب ئوقۇغىدەكمۇ جاي يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىلاجسىز سەھەردىلا چايخانىغا بېرىپ چاي ئىچكەچ، كەچكىچە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. دەسلىپىدە بۇنىڭغا تازا كۆنەلمىگەن بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدىمۇ كىتاب ئوقۇيالايدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن. 

ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، ئېينىشتېين، تايلور، فېرمى قاتارلىق مەشھۇر ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مىكرو فىزىكا ئوقۇپ، روشەن نەتىجە قازانغان. ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى فىزىكا دەرسلىكىدە «ياڭ جېننىڭ-لى جېڭداۋ قانۇنى»، «ياڭ جېننىڭ تەڭلىمىسى» ۋە «لى جېڭداۋ نەزەرىيەسى» بار، بۇلار چوقۇم ئۆگىنىلىدىغان مەزمۇنلاردۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#