ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

ئۈرۈمچى تىلۋىزىيە ئىستانسىسى

ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(utv) شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇلۇپ،1985-يىلى 4-ئايدا قۇرلغان،شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سېستىما ئومۇمى سوممىسىنى ئاجراتقان ناھىيە دەرىجىلىك ئورنلارغا رادىئو ئاڭلىتىشنى باشلىغان . تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 20 مىڭ كۇۋاددىرات كىلومىتىردىن ئاشىدۇ ،ئادىرسى ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ يولى 1-تار كوچا 28-نۇمۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
كەسپ تەۋەلىكى ئېلان ،ئۇچۇر مۇلازىمىتى
خىزمەتچى سانى 304 نەپەر
باشقا نامى Urumqi TV station
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐电视台
قۇرۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 4-ئاي
تىپى شەھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(utv) شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇلۇپ،1985-يىلى 4-ئايدا قۇرلغان،شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سېستىما ئومۇمى سوممىسىنى ئاجراتقان ناھىيە دەرىجىلىك ئورنلارغا رادىئو ئاڭلىتىشنى باشلىغان . تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 20 مىڭ كۇۋاددىرات كىلومىتىردىن ئاشىدۇ ،ئادىرسى ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ يولى 1-تار كوچا 28-نۇمۇر.تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا يىگىرمىدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى ،ئىككى دانە  1000 ۋاتلىق تارقاتقۇچ بار بۇلۇپ،ھەر كۈنى خەنزۇتىلى نۇمىرى تەخمىنەن بەش سائەت قۇيۇلغان.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مەركىزى شەھىرى ،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىنىڭ ئىقتىساد،پەن -تېخنىكا،مەدەنىيەت تەراققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ كۈنسىرى ئۈسىۋاتقان ماددى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،1992-يىلى شەھەرلىك كومتىت،شەھەرلىك خەلق ھۈكۈمىتى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇتىلى 27 قانالنى ئاساس قىلغان ھالدا،يېڭىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى 33 قانال تېلېۋىزىيە پىروگگىراممىسىنى تەستىقلىغان.

ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پائال 33 قانالنى قۇرۇرۇشنى پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ،بەش مىليۇن مەبلەغنى يىغىپ ،تارقاتقۇچ مۇنارىنىڭ ئەسلى ئورنىغا يېڭىدىن غەربى-شىمال رايۇنىدىكى بىردىنبىر 137 مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق تېلېۋىزىيە تاقىتىش مۇنارىنى قۇرۇلغان،يېڭىدىن ئىككى دانە 10مىڭ ۋاتلىق تارقاتقۇچ سېتىۋېلىنىپ ،ئۇيغۇر تىلىدىكى 33 قانال ھەر كۈنى 4 سائەتلىك پىروگگىرامما قۇيۇلغان،شۇنىڭدڭن باشلاپ ،تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە پىروگگىراممىلىرى 130 كىلومىتىرلىق رادىئوسنى قاپلىغان،2 مىليۇن 200 مىڭ ئادەم سانىنى قاپلىغان،  ھەممە تېلېۋىزىيە ئاپراتلىرى بىر قەدەر ئىلغار،ئىشلىگەن خادىملار بولسا ياش تېلېۋىزىيە كەسپى تېخنىكا ئىختىساسلىق خادىملار بولغان.

ئىشىكنى سىرتقا ئېچۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چۇڭقۇرلىشىشى،رادىئو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى نقىلىشىغا ئەگىشىپ ،رادىئو-تېلېۋىزىيەكەسپىنى باشقۇرۇش سېستىمىسىدا يېڭى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان.تېلېۋىزىيە ئاپاراتىنىڭ پۈتۈنلىكىنى كۈچەيتىش ،تېلېۋىزىيە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن،2000-يىلى 5-ئايدا شەھەرلىك كومتىت،شەھەرلىك خەلق ھۈكۈمىتى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رەسمى ھالدا قۇشۇشنى تەستىقلىغان.قۇشۇشتىن كىيىنكى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ،ئۈزلۈكسىز سىمسىز خەنزۇتىلىدىكى 27 قانال بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى 33 قانالنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت،يەنە 4 دانە سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنى قوشتى.پۈتۈن تېلېۋىزىيەدە 6 دانە قانال بار بۇلۇپ،ئۇلار بولسا UTV-1(خەنزۇتىلى ئاخبارات ئۇنۋىرسا قانىلى)، UTV-2(ئۇيغۇر تىلى ئاخبارات ئۇۋىرسال قانىلى)، UTV-3(فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى)، UTV-4(تۇرمۇش مۇلازىمەت قانىلى) ، (مەدەنىيەت تەنتەربىيە كۈڭۈل ئېچىش قانىلى)UTV-5، UTV-6 (ئاياللار-بالىلار قانىلى) قاتارلىقلار.6 دانە قاناللدا جەمئىى 30 دىن ئارتۇق سەھىپە بار بۇلۇپ،پىروگگىراممىلار پۈتۈن كۈن 20 سائەت قۇيۇلغان،بۇنىڭ ئىچىدە <ئۈرۈمچى خەۋىرى>،<چوڭ-كىچىك ئىشلار>،<تېلېۋىزىيە ئۇدۇل ماشىنىسى>،<ئاياللار ھەپتىلىك ژورنىلى>،<راس گەپ قىلىش>،<شەھەر تىز يەتكۈزۈش>،سەنئەت . جەنئىتى>،<تۇرمۇش'جەمئىيەت،تور،ئىستىمال،ساغلاملىق سەھىپىسى'>،<قىسقىچە خەلقارا خەۋەر>قاتارلىق سەھىپىلەر شەھىرىدىكى مىليۇنلىغان تىلۋىزور كورگىچىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە ماختىشىغا ئىرىشكەن.تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان ،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان مەخسۇس فىلىم ،ئىجتىمائىي ئالاقە،ئېلان،ئەدبىيات-سەنئەت تۈرىدىكى پىروگگىراممىلار دۆلەتلىك سېلىشتۇرۇپ باھالاشتا مۇكاپاتقا ئىرىشتى،پىروگگىراممىلارنىڭ كۈرۈش نىسپىتىمۇ ئۈرۈمچى رايۇنىدىكى ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغان.

ھازىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا 304 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بار ،ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 120 نەپەردىن ئارتۇق،مەخسۇس ۆۇرۇستىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %76 نى ئىگەنلەيدۇ.يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشچى-خىزمەتچى 18 نەپەر،ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچى –خىزمەتچى 66 نەپەر،تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچى-خىزمەتچى 124 نەپەر،مۇقىم مال مۈلۈك 40 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق.

2002-يىلى ،ھەممە تېلېۋىزىيە پىروگگىراممىلىرى سۈپەتلىك ھالدىكىسى 70 تىن ئارتۇق،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىرى 6 دانە ،ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىرى 56 دانە،ئېلاندىن ياراتقان كىرىم 15 مىليۇن 80 مىڭ يۇەن .1998-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ،تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈزلۈكسىز ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن دىگەن نام بىلەن شەھەر دەرىجىلىك جەمىئەت ئامانلىقىنى ئۇنۋىرسال تىزگىنلەشتىكى نەمۇنىلىك ئۇرۇن دىگەن نامنى ساقلاپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتىتا،1993-يىلىدىن باشلاپ  ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شەھەرلىك كومتىت،شەھەرلىك ھۈكۈمەت،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە كومتىتى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن «تەشۋىقات خىزمىتىدە ئىلغار كوللىكتىپ»،«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ئىلغار كوللىكتىپ»،روھى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىلغار كوللىكتىپى»،«قوش خىزمەت ئىلغار كوللىكتىپى»قاتارلىق تەقدىرنامىلەرگە ئىرىشتى.ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ دائىرلىك تەسىرى ۋە ئوبرازى بار.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،جۇڭگۇ شەھەر تېلېۋىزىيە بىرلەشمە كوللىكتىپىنىڭ ئەزاسى ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىلەن كەڭ دائىرلىك دوستانە پىروگگىرامما ئالاقە مۇناسىۋىتى بار.

مۇقىم مال مۈلۈك 40 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق.

 (خەنزۇتىلى ئاخبارات ئۇنۋىرسا قانىلى) UTV-1

 (ئۇيغۇر تىلى ئاخبارات ئۇۋىرسال قانىلى) UTV-2

 (فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى) UTV-3

 (تۇرمۇش مۇلازىمەت قانىلى) UTV-4

(مەدەنىيەت تەنتەربىيە كۈڭۈل ئېچىش قانىلى)UTV-5

(ئاياللار-بالىلار قانىلى) UTV-6

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#