بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى

بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى

بۇ كېسەللىك، سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماق سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش، بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنتۇغاق بولۇش، قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى
كېسەللىك سەۋەبى سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ يېيىش
ئاساسلىق ئالامىتى باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش
كېسەللىك ئورنى باش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەك ئورۇقلاشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماق سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش، مۇنچىغا كىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماقلار سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش، مۇنچىغا كىرىش، داۋاملىق كۆپ خىلدىكى ئالىي سورتلۇق تاماقلارنى يەپ كىرىمنى جىق، چىقىمىنى ئاز قىلىش قاتارلىقلار. شۇڭا مەزكۇر كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.[0]

ئالامىتى: باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش، كۆزگە بىر نەرسە قادالغاندەك تېلىپ ئاغرىش، بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنتۇغاق بولۇش؛ باشنى تۇتۇپ كۆرگەندە سوغۇق بىلىنىش، ئېغىز ۋە بۇرۇندىن شالۋاق كۆپ ئېقىش، سوغۇق ھاۋا ۋە نەرسىلەرنى خالىماسلىق، ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىنىش، تومۇرى توم، ئاستا، كۈچسىز سوقۇش، سۈيدۈكى ئاق ۋە قويۇق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • باش قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەم ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. كۆزگە بىر نەرسە قادالغاندەك تېلىپ ئاغرىيدۇ. بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنۇتقاق بولىدۇ. باشنى تۇتۇپ كۆرگەندە سوغۇق بىلىنىدۇ. ئېغىز ۋە بۇرۇندىن شالۋاق كۆپ ئاقىدۇ. سوغۇق ھاۋا ۋە نەرسىلەرنى خالىمايدۇ. ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ. تومۇرى توم، ئاستا، كۈچسىز سوقىدۇ. سۈيدۈكى ئاق ۋە قويۇق كېلىدۇ.[0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: سۇمبۇل، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ھەب بىلسان، ئۇدبىلسان، سەلىخە، ئاسارۇن، زەپەر 10 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 80 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ھەركۈنى كەچتە قورساق توق ۋاقىتتا 7 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (ھامىلىدارلار، ھەيز كۆرۈۋاتقان ئاياللار، بوۋاسىر، ئاشقازان-ئۈچەي جاراھىتى، ئۈچەي تولغىشىپ قالغانلار ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ)

2-رېتسېپ

تەركىبى: سۇمبۇل، مەستىكى، زەپەر، تاباشىر، دارچىن، ئىزخىر، ئاسارۇن، قۇستە شېرىن، غاپەس ئوسارىسى، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئوردان، يۇيۇلغان لوك، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، ھەببى بىلسان، قەلەمپۇر، لاچىندانە، ئۇد ھىندى 30 گىرامدىن، ئېقى كېسىۋېتىلگەن قىزىلگۈل 600 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن 30 گىرام ئەرىقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

بۆرەك ئورۇقلاشتەركىبى: ئىتياڭىقى 40 گىرام، رەۋەن 30 گىرام، زەنجىۋىل، سەمغى ئەرەبى 12 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىشى كېرەك) .


  • ئالدى بىلەن زىيادە بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇمشاتقۇچى، ئېرىتكۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن: بەدىيان، رۇمبەدىيان، زۇپا، پىرسىياۋشان، ئۈستىقۇددۇس قاتارلىقلارغا گۈلقەنت قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىمدا بەدەن ۋە مېڭىنى زىيادە بەلغەم خىلىتىدىن تازىلاش ئۈچۈن مەتبۇخى ئۈستىقۇددۇس، مەتبۇخى ئەفتىمۇن، ئىپارەجى پەيقەرا، ھەبىبى ئىيارەج، ھەبىبى شەبيار، ھەبىبى قوقىيالار بېرىلىدۇ. زىيادە بەلغەم خىلىتى تازىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن مىزاجنى تەڭشەش لازىم. قۇندۇز قەھرى، پەرفىيۇنلارنى مەرزەنجۇش سۈيىدە ئىزىپ بۇرۇنغا تېمىتىش كېرەك.
  • ئوزۇقلىنىشى: تاماققا نوقۇت ۋەت ئوغرى تىكەن شىرىسى قوشۇپ بېرىش لازىم.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/bash/2014/0106/546.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#