چايان دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چايان (دورا )
  2. چايان (ھايۋانات)
دورا
چايان

بۇ ئامبۇرسىمان سېرىقئېشەك ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چاياننىڭ قۇرۇتۇلغان تېنىدىن ئىبارەت، زەھەر قايتۇرۇش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ئىسپازما بوشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش، ئارتۇق گۆشنى يوقىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش قاتارلىق رولى بار.

دورا نامى چايان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 全蝎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ئامبۇرسىمان سېرىقئېشەك ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چاياننىڭ قۇرۇتۇلغان تېنىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە تۇتۇۋېلىپ، سۈزۈك سۇ ياكى تۇز سۈيىدە يۇيۇپ لاي ۋە توپلىرى چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئاندىن قازانغا سېلىپ چايان چۆككۈچە سۇ قۇيۇلىدۇ، ئۈستىگە بىر جىڭ چايانغا 60 ~ 50 گىرام تۇز سېلىپ، چاياننىڭ دۈمبىلىرىگە سىزىق پەيدا بولغۇچە ۋە بەدىنى قاتقۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ، سالقىن جايدا قۇرۇتۇلىدۇ. ئاپتاپتا قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك قۇرۇتۇلغان تېنى «چايان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

چايان زەھىرى (Katsutoxin) بولۇپ، بۇ چايان زەھىرىنىڭ بىر خىل ئاقسىلىدىن ئىبارەت. تىرىمتىلامىن (Trimethylamine)، بېتائىن (Batain) ، يۇمشاق ماي كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى تۈرلىرى بار.

1. چاياندىن ھەر كۈنى بىر گىرام ئىشلەتسە، تارتىشىشقا قارشى تۇرالايدۇ.

2. چايان تىنكتورىسى ۋە قايناتمىسى ۋىنادىن كىرگۈزۈلسە، قان بېسىمى چۈشۈرىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

زەھەر قايتۇرۇش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ئىسپازما بوشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش، ئارتۇق گۆشنى يوقىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش.

زەھەرلىنىش، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، بوغۇم ئاغرىقى، كۆز ئاغرىقى، سۈيدۈك يولىدىكى تاش ۋە يىرىڭلىق جاراھەت، ئاق ۋە قارا داغ، چاچ چۈشۈش، بەرەس، چاقا، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. چاياننىڭ يېغىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ.

2. چاياننى كۆيدۈرۈپ چاشقان مايىقى بىلەن ئېزىپ كۆزگە تارتسا، كۆزگە ئاق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. چايان كۈشتىسى 3 گىرام، ئوغرىتىكەن 7 گىرام، ھەجرۇليەھۇد 25 گىرام ئېلىپ ، سوقۇپ سوپۇپ قىلىپ ئىچسە، دوۋساقتىكى تاشنى پارچىلايدۇ.

4. چاياننى كۆيدۈرۈپ زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. چاياننى تۇتۇپ قارنىنى يېرىپ، چايان چاققان ئورۇنغا تاڭسا زەھەر قايتۇرىدۇ.

6. ھەر خىل چاقا ۋە ئوڭاي پۈتمەيدىغان يارىلارغا چاياننى كۆيدۈرۈپ چېپىلىدۇ. 

كۈشتىسىدىن 5.0 ~ 3.0 گىرام.

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

ھاك تۇخۇم بىلەن چېپىلىدۇ، ياڭاق مېغىزى، ئەنجۈر، سامساق بەرگى چېپىلىدۇ، بېدە ئۇرۇقىنى ئېزىپ سىركە بىلەن چېپىلىدۇ، ئىچىدىن بۆرە سويمىسى يىلتىزى، ئەمەن، زىراۋەندە قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ، كالا يېغى، قوي يېغى ئېرىتىپ چېپىلىدۇ، كاسىنە، ئارپا، قاپاق سۇلىرى ۋە قۇرسى كاپۇر ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ خېنەن، سەندۇڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ھەم چەت ئەللەردىن چىقىدۇ. 

چايان مەشھۇر بولغان زەھەرلىك ھاشارات بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى كۆپ، بىر خىلى ماڭغاندا قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ، ئۇنى (شەييالە)، يەنە بىر خىلى ماڭغاندا قۇيرۇقىنى يەرگە سۆرەپ ماڭىدۇ، ئۇنى (جەررارە) دەيدۇ. بۇ شەييالەدىن كىچىكرەك بولىدۇ، بۇنىڭ زەھىرى ئارتۇق ھەم كۈچلۈك بولۇپ ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ، چىشى چاياننىڭ زەھىرى ئەركەك چاياندىن ئارتۇقراق، قارا چايان بەك يامان، قارا تۈكلۈك چوڭ قاناتلىق بولغىنى ئەقرەبىي ئەسكىرىيە دېيىلىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ زەھەرلىرى ئارتۇق بولۇپ، بەدەندىن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىش بىلەنلا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#