توققۇزتارادىكى مەنزىرىلىك جايلار
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توققۇزتارا ناھىيەسىدە كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، تارىم مەنزىرە رايونى، چاچى مەنزىرە رايونى، ياڭاقلىق ساي مەنزىرە رايونى، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە قاپچىغاي سۇ ئۈستى باغچىسى، موخۇر مەنزىرە رايونى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. بۇلار ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇشتىكى ئالاھىدە بايلىقلاردۇر.
كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى
كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، 2005 – يىلى دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. بۇ يەر تەڭرىتاغدىكى شەمشاد ئەڭ مەركەزلىك ئۆسۈدىغان جاي بولغانلىقتىن، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون چوڭ ئورمانلىقنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
ياڭاقلىق ساي مەنزىرە رايونى
ياڭاقلىق ساي مەنزىرە رايونى توققۇزتارا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان رايون. بۇ سايدىكى ياۋا ياڭاق 10 مىڭ تۈپكە، ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك 350 خىلغا، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئون خىلغا يېتىدۇ. شۇڭا بۇ ساي ‹‹ياۋا ئۆسۈملۈكلەر مۇزېيى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2008 – يىلى بۇ ياۋا ياڭاقلىق دۆلەت تەرىپىدىن 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ يەردە يەنە ياۋا ئالما، ياۋا ئۆرۈك قاتارلىق مېۋە كۆچەتلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ ياۋا مېۋىزارلىق توپىنى ھاسىل قىلغان.
تارىم مەنزىرە رايونى
تارىم مەنزىرە رايونى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، 2007 – يىلى دۆلەت تەرىپىدىن 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ رايوننىڭ ئوتلاق كۆلىمى كەڭ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، ئۇ ئىلى رايونىدىكى ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
قاپچىغاي سۇ ئۈستى باغچىسى
قاپچىغاي سۇ ئۈستى باغچىسى قاپچىغاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. قاپچىغاينىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، ئەڭ ئېگىز توسما، ئەڭ كەڭ سۇ ئامبىرى، ئەڭ خەتەرلىك جىلغا ئېقىنى، شىنجاڭ ۋە غەربىي شىمالدىكى ئەڭ زامانىۋى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. ھازىر قاپچىغاي مەنزىرە رايونى كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيە ساياھەت بازىسىغا ئايلانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.