ئىقتىساد

ئىقتىساد − ماددىي بايلىقنى ئىشلەپچىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش، ئىستېمال قىلىشتەك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئىقتىساد − ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىكى تېجەشلىك بولۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.ئىقتىساد كىشىلەر ماددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا ئورناتقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىقتىساد
چەتئەلچە نامى Economy
خەنزۇچە نامى 经济

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ئىقتىساد» دېگەن نېمە؟ قەدىمكى گرېتسىيىلىك پەيلاسوپ ئارىستوتېل ئىقتىساد بىر خىل تىرىكچىلىك ماھارىتى، تۇرمۇشقا لازىملىق بۇيۇملارغا ئېرىشىش پائالىيىتى دەپ قارىغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئىقتىساد «يۇرت سوراپ، ئاۋامنى قۇتقۇزۇش» ، «دۆلەتنى سوراپ، دۇنياغا يار-يۆلەك بولماق» دېگەنلىك بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتەتتى. 

بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىساد كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولدى.

بىرىنچى مەنىسى 

بىرىنچى، ئىقتىساد − ماددىي بايلىقنى ئىشلەپچىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش، ئىستېمال قىلىشتەك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

ئىككىنچى مەنىسى 

ئىككىنچى، ئىقتىساد − ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىكى تېجەشلىك بولۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادىي پرىنسىپقا ئۇيغۇن بولۇشىنى، يەنى قۇرۇلۇشتا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى تېجەشنى كۆرسىتىدۇ؛ تۇرمۇشتا بولسا ئىنچىكە ھېساب-كىتاب قىلىش، ئاز پۇل خەجلەپ كۆپرەك ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

 ئۈچىنچى مەنىسى 

 ئۈچىنچى، ئىقتىساد كىشىلەر ماددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا ئورناتقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «ئىقتىساد − بازىس، سىياسى − ئۈستقۇرۇلما» دېگەندىكى ئىقتىساد ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، مۇناسىپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. 

ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىۋى ئاساسى :ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىۋى ئاساس بولغان سىياسىي-ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىقتىسادشۇناسلىقىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى نۇقتىسىدىن بۈلىنىشى :ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ سانائەت ئىقتىسادشۇناسلىقى، يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادشۇناسلىقى، سودا ئىقتىسادشۇناسلىقى، بىناكارلىق ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. 

ماددىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن بۈلىنىشى :ماددىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ شەھەر ئىقتىسادشۇناسلىقى، يېزا ئىقتىسادشۇناسلىقى، رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

تارىخىي نۇقتىدىن بۈلىنىشى :تارىخىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخى، ئىقتىسادىي تەلىمات تارىخى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قورالى:يەنە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قورالى ھېسابلىنىدىغان ستاتىستىكا ئىلمى، بوغالتىرلىق ئىلمى، ماتېماتىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىقلارمۇ بار.

 بۇنىڭدىن باشقا، غەيرىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىدىن مائارىپ ئىقتىسادشۇناسلىقى، سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلار بار. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#