ئالمالى يېزىسى

ئالمالى يېزىسى

ئالمالى يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 21 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالمالى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 411.4 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿勒玛勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى
نوپۇسى 10397 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى ā lè mǎ lè xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالمالى يېزىسىئالمالى يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 21 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 411.4 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58 مىڭ مو، ئوتلاق 460 مىڭ مو، قارمىقىدا ياۋا مېۋە دەرەخلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانى ۋە تەلقارا چارۋىچىلىق فېرمىسى ۋە بەش كەنت (2004-يىلى، ئەسلىدىكى سەككىز كەنت بىرلەشتۈرۈلۈپ، بەش كەنت بولغان) بار.

ئالمالى يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان، شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1818 مېتىر. ئۈچ يەر شەكلى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 1.تاغلىق رايون، ئاساسلىقى جەنۇبىي قىسىمىغا تارقالغان، ئەڭ ئېگىز يېرى كۆكچوققا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2870 مېتىر. 2. ئېدىرلىق رايون، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1680 مېتىر. 3. دەريا تۈزلەڭلىك رايونى، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 906 مېتىر.

ئالمالى يېزىسىئالمالى يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن يېزا، قىزىلچا، كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداي، سېرىق پۇرچاق، زىغىر قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش بازىسى، چۈچۈكبۇيا، كەتىراچىن، پەربۇن، تار يوپۇرماقلىق پەربۇن، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگو تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىش بازىسى بەرپا قىلغان. 2003- يىلى، يېزا بويىچە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىش كۆلىمى 2000 موغا يەتكەن. ئەلا سورۇتلارنى سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئارقىلىق بىر تۈركۈم كۆلىمى چوڭ، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك كۈچلۈك بولغان ئەلا سورتلۇق چارۋا باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلغان، نەسىللىك سىمنتال كالىسى، قارا ئالا كالا، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان، سۈپەتلىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي توپى ناھىيە بويىچە بىرىنچىلىكنى ئالغان.

2008-يىلى، يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 140 مىليون يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 4686 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 860  يۈەن ئاشقان.

ئالمالى يېزىسىئالمالى يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىنى قۇرۇپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى . پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلگەن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى كەنت ئىشخانا بىناسى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئورگان، ئىككى قېتىم، ئۈچ كەنتنىڭ بازىسى يانداش قۇرۇلۇشى تاماملانغان.

پۈتۈن يېزىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنى بارغانسېرى راۋاجلانغان، يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت پونكىتى» بولۇپ باھالانغان، يېزىلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مۇھىتى گۈزەل، ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان، مۇكەممەل مەكتەپ ئىستىلى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا داڭلىق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي ئورۇن» قاتارلىق 30 نەچچە شەرەپكە ئېرىشكەن، ئاپتونوم ئوبلاستى، ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى جەھەتتىكى بىر بايرىقى. 

ئالمالى يېزىسىنىڭ ھاۋاسى يېقىملىق، كېلىماتى قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، قىروسىز مەزگىلى 145 ~ 165 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتىر، يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش نېسبىتى %61 ، ئەمەلىي كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2400 ~ 2700 سائەت. شەرقىي جەنۇب تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان، شەرقى ئېگىز، غەربى پەس، شەرقىنىڭ كىلىماتى سوغۇق، غەربىنىڭ ئىسسىق بولۇشتەك مۆتىدىل تېمپېراتۇرا قاتلىمى شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربتىن كەلگەن نەمخۇش ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، قىشتا ئىللىق يازدا سالقىن بولۇشتەك كىلىمات ئالاھىدىلىكى شەكىللەنگەن.

ئالمالى يېزىسىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ياۋا مېۋىلىك ئورمىنى بار، كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ مو، ياۋا مېۋە ئاساسلىقى، ياۋا ئالما، ياۋا ئۆرۈك، قىزىل دولانا، ئازغان ئاساس قىلىنغان.

ياۋا كۆكتات تۈرلىرى تولۇق، ئاساسلىقى ياۋا سامساق، ياۋا چاققاق، كۆك پۇرچاق ئۇچى، ياۋا كەرەپشە قاتارلىق 10 نەچچە خىلى بار.

ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسلىقى ئەمەن، سۇغۇر، سېسىقئوت، چۈچۈكبۇيا، ئۇرۇقدانلىق ماستىكسىيە قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق. ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاساسلىقى بۆرە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، ياۋا بۇغا، سۇغۇر قاتارلىق نەچچە ئون خىلى بار.

قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى ئالتۇن كان، سىرەك، بارىت، تۆمۈر رۇدىسى، مىس كان، مەرمەر كان، بولۇپمۇ ئاق مەرمەر كان ۋە گرانىت تاش كانى ئەڭ جىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#