تۇرپان ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

 تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 1952-يىلى تۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسىدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى تۇرپان ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
قىسقاتىلغان نامى تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا
مەكتەپ تۈرى ئوتتۇرا مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 吐鲁番市第二中学
قۇرۇلغان ۋاقتى 1952-يىلى
چەتئەلچە نامى the second middle school of tufan

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپان شەھەرلىك 2ئوتتۇرا مەكتەپ  تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 1952-يىلى تۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 38000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 11554 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ، خۇيزۇ مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتىپى. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىل قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مىللىي قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپى بار بولۇپ، سىياسەت، ئەدەبىياتنى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندىن باشقا بارلىق پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدۇ. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 86 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 27، ئوقۇغۇچى سانى 1320 نەپەر. 

تۇرپان شەھەرلىك 2ئوتتۇرا مەكتەپ1952-يىلى تۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1956-يىلى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈرۈمچى قارمىقىغا ئۆتكەن ھەم بىر خەنزۇ تولۇقسىز سىنىپىنى كۆپەيتىپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاشقان تولۇقسىز ئوتتۇرا بولۇپ قۇرۇلغان. 1957-يىلى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تورپان ناھىيىسىنىڭ قارمىقىغا ئۆتۈپ، يەنە بىر خەنزۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى كۆپەيتىپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان. 1974-يىلى تۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرىنىڭ خەنزۇ تىلى سىنىپى ئايرىلىپ چىقىپ، تۇرپان ناھىيىلك 2-ئوتتۇرا قۇرۇلغان. 1971-يىلى 2-ئوتتۇرا تورپان ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1986-يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا تۇرپان شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#