نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى

نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区优抚对象医疗保障实施办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى»گە قوشۇلدى، بۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىڭلارنى ۋە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ھەربىيلەرگە نەپىقە-ئېتىبار بېرىش نىزامى»، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ «<1-دەرىجىلىكتىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى> نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (خ [2005] 199-نومۇرلۇق)، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، سابىق ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «<نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى> نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (خ [2007] 101-نومۇرلۇق) ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، سابىق ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ «نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە ۋە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئى (م ئى [2008] 35-نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ چارە ھەربىيدىن چېكىنگەن مېيىپلەر (مەجرۇھ خەلق ئەسكىرى، خەلق ئىشچىسى)، قەرەللىك نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى («3 ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» دەپ قىسقارتىلدى)، ھەربىيدىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقانلار، كېسەل سەۋەبىدىن قىسىمدىن چېكىنگەنلەر، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان جەڭگە قاتنىشىپ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان سابىق 8023-قىسىم، شۇنداقلا يادرو سىنىقىغا قاتنىشىپ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە تەدبىقلىنىدۇ.

3-ماددا تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، نەپىقە ئوبيېكتلىرى شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى، داۋالىنىش ئېتىبارى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

2-باب 1-دەرىجىلىكتىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى

4-ماددا 1-دەرىجىلىكتىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ياردىمى تۈزۈمىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ۋە كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ياردىمى سىياسىتىدىكى مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

خىزمەت ئورنى بار 1-دەرىجىلىكتىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەر ئۆز ئىدارىسىدە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛ خىزمەت ئورنى يوقلارنى غەملىگۈچى رايوندىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىرلىكتە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ، ئىدارە ۋە شەخس ئۆزى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ھەقنى غەملىگۈچى رايوندىكى ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، مالىيە تارماقلىرى ئورتاق تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، غەملىگۈچى رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانى قىلىدۇ، مېيىپ ھەربىينىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مالىيە تارمىقى مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى شەخس تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقنى تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىق بولسا تۇرۇشلۇق ئورۇن ھەل قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ قۇربى يەتمىسە غەملىگۈچى رايوندىكى ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى ئورتاق تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، مېيىپ ھەربىينىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مالىيە تارمىقى مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

1-دەرىجىلىكتىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىشقا كەتكەن خىراجىتىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى دورا كاتالوگى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈرى كاتالوگى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى تۈرى» (تۆۋەندە ئۈچ كاتالوگ» دەپ قىسقارتىلدى) دىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگىنىنى ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرگۈچى ئاپپارات غەملىگۈچى رايوندىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە چىقىم قىلىدۇ، شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش قۇتقۇزۇش فوندىدىن مۇۋاپىق ياردەم قىلىدۇ، ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ ھەممىسى نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىش مەبلىغىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. 

3-باب باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى

5-ماددا 7-دەرىجىلىكتىن 10-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەر (مەجرۇھ خەلق ئەسكىرى، خەلق ئىشچىسى)، «3 ئائىلە تاۋابىئاتلىرى»، «قىسىمدىن يۇرتىغا قايتقانلار، كېسەل سەۋەبىدىن قىسىمدىن چېكىنگەنلەر، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان جەڭگە قاتنىشىپ قىسىمدىن چېكىنگەنلەر ۋە يادرو سىنىقىغا قاتنىشىپ قىسىمدىن چېكىنگەنلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ھالدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش قۇتقۇزۇش تەمىناتى ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

خىزمەت ئورنى بارلار شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى نەپىقە ئوبيېكتلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك، ئورۇننىڭ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، نەپىقە ئوبيېكتلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت شەھەر-يېزا داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش فوندى ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.

شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى شەھەر نوپۇسلۇق باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ؛ يېزىدا تۇرۇشلۇق نەپىقە ئوبيېكتلىرى يېڭىچە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلارنى نەپىقە ئوبيېكتلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەتلەر شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش فوندى ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.

7- دەرىجىلىكتىن 10-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا كەتكەن خىراجەتلەردىن 3 كاتالوگدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگىنىنى ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرگەن ئاپپاراتلار غەملىگۈچى رايوننىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە چىقىم قىلغاندىن كېيىن، شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ياكى يېزا داۋالاش-قۇتقۇزۇش فوندىدىن مۇۋاپىق ياردەم قىلىدۇ، ئېشىپ قالغان قىسمىغا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىدىن مۇۋاپىق ياردەم قىلىنىدۇ. كونكرېت ياردەم قىلىش ئۆلچىمىنى غەملىگۈچى رايون ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.

7- دەرىجىلىكتىن 10-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ كونا يارىسى قوزغىلىپ، داۋالىنىشىغا كەتكەن خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارنىڭ خىراجىتىنى خىزمەت ئورنى ھەل قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەر ياكى خىزمەت ئورنى يوقلارنىڭكىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش فوندى ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىش مەبلىغىدىن ھەل قىلىپ بېرىدۇ. كونكرېت ياردەم ئۆلچىمىنى غەملىگۈچى رايونلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.

4-باب داۋالىنىشقا ئېتىبار بېرىش ۋە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش

6-ماددا بۇ چارىدە تەدبىقلىنىدىغان نەپىقە ئوبيېكتلىرى داۋالىنىشىدا ئېتىبار ۋە ياخشى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. نەپىقە ئوبيېكتلىرى ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) سەھىيە ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بەرگەن «نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش گۇۋاھنامىسى» (كارتىسى) نى ئېلىپ، تېببىي داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرۈنسە، ئامبۇلاتورىيىدە كۆرۈنۈش (مۇتەخەسسىس) ھەققى، جىددىي كېسەل بويىچە نومۇر ھەققى ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئالدىن كۆرۈنۈش، ئالدىن دورا ئېلىش، ئالدىن بالنىتسىدا يېتىش قاتارلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. تېببىي داۋالاش ئورگانلىرى بەلگىلەنگەن دورا كاتالوگى، دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈرلىرى كاتالوگى ۋە داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئەسلىھە كاتالوگى بويىچە داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

7-ماددا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ بېكىتكەن دوختۇرخانىدا بالنىتسىدا ياتقان مەزگىلىدىكى ئوكۇل ئۇرۇش ھەققى، دورا يەڭگۈشلەش ھەققىدە 10% ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ تازىلىق پۇلى، كىيىم پۇلى، ھاۋا تەڭشىگۈچ پۇلى، ئىسسىنىش پۇلى ئېلىنمايدۇ؛ جىددىي، ئېغىر بىمارلار ۋە 75 ياشتىن يۇقىرى بىمارنى بالنىتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالاش ئۈچۈن بىمارنى توشىغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىل ھەققى يېرىم باھادا ئېلىنىدۇ؛ پەرۋىش ھەققىدە %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ كارىۋات ھەققىدە %30 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ دورا ھەققىدە %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ شەھەر ۋە يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان نەپىقە ئوبيېكتلىرى بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، «ھىممەت كارىۋىتى ۋە ئېتىبارى» سىياسىتىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

8-ماددا بېكىتىلگەن تېببىي داۋالاش ئورگانلىرى تۈرلۈك ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇۋاپىق تەكشۈرۈشى، مۇۋاپىق ئىشلىتىشى، مۇۋاپىق ھەق ئېلىشى، تۈرلۈك دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

9-ماددا قىيىن، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالاشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە دېھقانچلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەمدە شەھەر ۋە يېزا داۋالىنىش قۇتقۇزۇش تۈزۈمىگە دائىر بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ ھەمدە ئېتىبار تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

5-باب داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال تۈردە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى غەملىشى لازىم. نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى:

(1) يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاجرىتىپ بەرگەن مەبلەغ؛

(2) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە خام چوت مەبلىغى؛

(3) پاراۋانلىق لاتارىيىسى جامائەت پاراۋانلىق مەبلىغىدىن نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغ؛

(4) جەمئىيەتنىڭ ئىئانە مەبلىغى؛

(5) باشقا مەبلەغ؛

(6) نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى مەبلىغى مەركەز مالىيىسىنىڭ مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاساسىدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ناھىيىدىن ئىبارەت 3 دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاجىز رايونلارغا ۋە نەپىقە ئوبيېتكلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان رايونلارغا مۇۋاپىق ياردەم قىلىدۇ؛

(7) نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى مەبلىغى ئاساسلىقى: 1-دەرىجىلىكىدىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشقا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىكى ئۆلچەمدىن تۆۋەن، ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش پۇل چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۆزى چىقىم قىلىدىغان داۋالاش خىراجىتىگە مۇۋاپىق ياردەم قىلىشقا؛ 7-دەرىجىلىكتىن 10-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ كونا يارىسىنى داۋالاشقا كەتكەن خىراجىتىنى خىزمەت ئورنى چىقىم قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ۋە خىزمەت ئورنى يوقلارغا ياردەم قىلىشقا؛ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ۋە يېڭىچە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونئىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، شۇنداقلا شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدە بەلگىلەنگەن تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، شەخسىي ئۆزى كۆتۈرىدىغان داۋالاش خىراجىتى بىرقەدەر ئېغىر بولغان باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

11-ماددا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى مەبلىغىنى مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى مەخسۇس سچوتىغا قويۇپ، مەخسۇس ھېساباتتا باشقۇرۇش، ئايرىم ھېسابات قىلىش، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك. ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغى مەخسۇس ھېساباتى تۇتۇپ، داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى ئاجرىتىش، چىقىم قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىدۇ، شۇ يىلى ئېشىپ قالغان مەبلەغنى كېيىنكى يىلدا داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خام چوتىنى تەڭشەشكە ۋە داۋالاش ياردىمى مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. 6-باب تەشكىللەش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش

12-ماددا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى شەرتكە ئۇيغۇن نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى شەھەر ۋە يېزا داۋالاش ياردىمى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، خىزمەت ئورنى يوق نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى تىزىملاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بىرلىكتە بېجىرىشى؛ ياشانغان، تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى قۇلايسىز نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش (داۋالىنىش) قاتارلىق كونكرېت قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىشى ھەمدە يىل ئاخىرىدا نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا مالىيە، ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىغا تەمىنلىشى كېرەك.

13-ماددا مالىيە تارماقلىرى نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەبلەغنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

14-ماددا ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى شەرتكە ئۇيغۇن نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىلغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردىمى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ياردىمى ۋە كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ياردىمى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنى بەلگىلىمە بويىچە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىپ بولغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىشى، خام چوت باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ يىللىق داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى خام چوت قىلىپ تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى جايىغا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

15-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇشتا كۆرۈلگەن ساختا مەلۇمات يوللاپ، باشقىلارنىڭكىنى ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، خىيانەت قىلىش، ئىسراپ قىلىشتەك ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، جىنايەت شەكىللەندۈرگۈچىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىش لازىم.

16-ماددا سەھىيە تارماقلىرى شەرتكە ئۇيغۇن نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى يېڭىچە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشى، تېببىي داۋالاش ئورگانلىرىنى نەپىقە ئوبيېكتلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. تېببىي داۋالاش ئورگانلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا بولغان داۋالاش خىراجىتىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ۋە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

17-ماددا ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىشى، ئورۇنلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋالنى ئەينەن تەمىنلەپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

18-ماددا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خەلق ئىشلىرى، مالىيە، ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە سەھىيە تارماقلىرى بۇ چارىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپىنى تۈزۈپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش تەمىناتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. قوش سالاھىيەتلىك ياكى كۆپ سالاھىيەتلىك نەپىقە ئوبيېكتلىرى يۇقىرى تەمىنات پرىنسىپى بويىچە داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

19-ماددا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھەربىيدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلارنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» (م ب [2004] 2-نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا، شۇنداقلا ئورۇنلاشقان جايدىكى دۆلەت ئورگىنىدىن پېنسىيىگە چىققان مەمۇرلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە مەمۇرلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمىگە ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەربىي قىسىمدىن پېنسىيىگە چىققان مېيىپ ھەربىي كادىرلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتى ئوخشاش ۋەزىپە، ئوخشاش دەرىجىدىكى پېنسىيىگە چىققان مەمۇرلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمى تەمىناتى بويىچە بولىدۇ. قىسىمدىن پېنسىيىگە چىققان 1-دەرىجىلىكتىن 6-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ كادىرلار مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالەت تەمىناتىدىنمۇ بەھرىمەن بولىدۇ.

20-ماددا بۇ چارىدە ئاتالغان «جەڭگە قاتنىشىپ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر: 1954-يىل 1-نويابىردىن كېيىن ھەربىيگە قاتناشقان ھەمدە سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەت زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، دۈشمەن تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان قوراللىق زەربە بېرىش ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، ھازىر قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن يېزىلارغا قايتقان ياكى شەھەرلەردە خىزمەت ئورنى يوق، شۇنداقلا تۇرمۇشى قىيىن بولۇۋاتقان ھەمدە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر» نى كۆرسىتىدۇ.

21-ماددا بۇ چارىدە ئاتالغان «سابىق 8023-قىسىم ۋە باشقا قىسىملاردىن يادرو سىنىقىغا قاتنىشىپ قىسىمدىن چېكىنگەنلەر: 1960-يىلدىن 1996-يىلغىچە سابىق 8023-قىسىم ۋە قاراشلىق قىسىملار ۋە باشقا قىسىملاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ھەمدە يادرو سىنىقىغا قاتناشقان، ھازىر ھەربىيدىن چېكىنگەن، مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالاشقا ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىيدىن چېكىنىپ، يۇرتىغا قايتقانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن، لېكىن كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار بولغان يېزىلاردىكىلەر ۋە شەھەرلەردە خىزمەت ئورنى يوقلار ھەمدە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر» نى كۆرسىتىدۇ.

22-ماددا بۇ چارىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، سەھىيە نازارىتى مەسئۇل بولۇپ چۈشەندۈرىدۇ.

23-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمى ۋاقىتلىق چارىسى قاتارلىق 6 ھۆججەتنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئى (ش ھ [2000] 84-نومۇرلۇق) نىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2-ب دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان ئىنقىلابىي مەجرۇھ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» تەڭلا بىكار قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/16/c_131530216_7.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#