بالىياتقۇ غەيرىيلىك كېسلى

بالىياتقۇ غەيرىيلىكى

بالىياتقۇ غەيرىيلىكى - ئاياللارنىڭ غەيرىيي نورمال جىنسىي ئەزالىرى كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان غەيرىيلىك بولۇپ، كلىنكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ غەيرىيلىك كېسلى
خەنزۇچە نامى 子宫发育异常
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگىلىزچە نامى dysplasia of uterus
جۇڭيى تىبابىتى نامى بالىياتقۇ غەيرىيلىكى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ غەيرىيلىكىبالىياتقۇ غەيرىيلىكى - ئاياللارنىڭ غەيرىيي نورمال جىنسىي ئەزالىرى كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان غەيرىيلىك بولۇپ، كلىنكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. تۈرلۈك بالىياتقۇ غەيرىيلىكى قوش بالىياتقۇ؛ تاق بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ؛ تەكرارلانغان بالىياتقۇ؛ قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ؛ ئىگەر شەكىللىك بالىياتقۇ؛ ئۇزۇن كىرگىتلىق بالىياتقۇ قاتارلىقلار. 

 بالىياتقۇ غەيرىيلىكىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

 تۇغما بالىياتقۇ بولماسلىق

بۇ خىل غەيرىيلىكتە بالىياتقۇ تېنى بولمايدۇ، بۇنىڭغا كۆپىنچە جىنسىي يول بولماسلىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، لېكىن تۇخۇمداننىڭ يېتىلىشى نورمال بولىدۇ. شۇڭا ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەرمۇ نورمال بولىدۇ. لېكىن ھەيز كەلمەيدۇ، قولنى سېلىپ تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنى تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ.

 گۆدەك بالىياتقۇ

بۇ خىل بالىياتقۇ ئىنتايىن كىچىك، بالىياتقۇ تېنى بىلەن بالىياتقۇ بويىنىڭ نىسبىتى بوۋاقلارنىڭكىدەك بولىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى پەقەت 1 ~ 3 سانتىمېتىرلا بولىدۇ (بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشى ۋە خىزمىتى ياشقا ماس كەلمەيدۇ) . يەنى بالىياتقۇنىڭ شەكلى كالتەكسىمان بولۇپ، بالىياتقۇ تېنى بىلەن بوينىنىڭ نىسبىتى 1:1 ياكى 2:3 بولىدۇ. بالىياتقۇ بوشلۇقى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بولمايدۇ، ھەيز كەلمەيدۇ، كۆپ ساندىكىلىرىدە جىنسىي يولمۇ بولمايدۇ.

تاق بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ

بىر تەرەپتىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى تەرەققىي قىلىپ يەككە بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرىپى ئۆسۈپ يېتىلمەي تۇخۇم نەيچىسىدىن بىرىلا شەكىللىنىپ جىنسىي يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرچۇق شەكىلدىكى بالىياتقۇغا ئۇلىنىدۇ. بالىياتقۇ بىلەن ئۇرۇق نەيچىسىنى مايلىق يود بىلەن سايىلاندۇرغاندا بالىياتقۇنىڭ بىر تەرەپكە سۈرۈلگەنلىكىنى، بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ ئورچۇق شەكلىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزى ئەھۋالدا ھەددىدىن زىيادە قىيسىيىپ كېتىدۇ ياكى ئۇزۇن ئوقى تولغىشىپ قالىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىش يۈز بېرىدۇ ياكى ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە بالىياتقۇ يېرىلىپ كېتىش، تولغىشىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ

ئىككى تەرەپتىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ بىرىككەندىن كېيىن يېتىلىشى تولۇق بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينى يەككە بۇلۇڭلۇق بولۇپ ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل يوقاپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ تېگى پۈتۈنلەي بىرىكەلمىگەنلىكتىن ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بىردىن بۇلۇڭ شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ تېگىدىكى مەركىزىي ئويۇقنىڭ ئىككى بۇلۇڭى ئازراق پۇلتىيىپ چىقسا، ئىگەرگە ئوخشاپ قالغاچقا ئىگەرسىمان بالىياتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ. قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ بىلەن ئىگەرسىمان بالىياتقۇنى قوش تەكشۈرۈش ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ ياكى بالىياتقۇ تۇخۇم نەيچىسىنى مايلىق يود بىلەن سايىلاندۇرۇپ ئىسپاتلىنىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە غەيرىيي نورمال جايلىشىش، تۇغۇت مەزگىلىدە بالىياتقۇ قىسقىرىش، ھالسىزلىنىش پەيدا بولىدۇ.

قوش بالىياتقۇ

ئىككى تەرەپتە بىردىن يېتىلگەن بالىياتقۇ بولۇپ، ھەر بىرىدە بىردىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بولىدۇ، بۇ قوش بالىياتقۇ دېيىلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ يېتىلىشى بىرقەدەر مۇكەممەل بولسىمۇ، لېكىن بالىياتقۇ بوينى قىسمى تۇتاش بولۇپ تەكرارلىنىدۇ، بۇ تەكرارلانغان بالىياتقۇ بوينى دېيىلىدۇ، ھەر ئىككىسىدە بىردىن جىنسىي يول بولىدۇ.

تىك پاسىللىق بالىياتقۇ

(ئۇزۇن كىرگىتلىق بالىياتقۇ) : بالىياتقۇنىڭ سىرتقى شەكلى نورمال بولىدۇ، تىك پاسىل (ئۇزۇن كىرگىت) بالىياتقۇ بوشلۇقىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ، بۇ تولۇق تىك پاسىللىق بالىياتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ. تىك پاسىل قىسمەن يوقالسا، بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ يۇقىرى قىسمى ئىككىگە بۆلىنىدۇ، بۇ قىسمەن تىك پاسىللىق (قىسمەن ئۇزۇن كىرگىتلىق) بالىياتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ.

ھەيز قالايمىقانلىشىش

 تۇغما بالىياتقۇسى يوقلاردا ھەيز بولمايدۇ، گۆدەك بالىياتقۇدىمۇ كۆپىنچە ھەيز كەلمەسلىك ئالامىتى بولىدۇ، قوش بالىياتقۇدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ھەجىمى چوڭ بولغاچقا ھەيز مىقدارى كۆپ بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ھەر خىل غەيرىيي نورم−ال بالىياتقۇلارنىڭ ئورتاق ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

ھامىلىدار بولماسلىق

بالىياتقۇ بولماسلىق ۋە گۆدەك بالىياتقۇدا ھامىلىدار بولمىغاننىڭ سىرتىدا باشقا تۈردىكى غەيرىيي نورمال بالىياتقۇلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بويىدىن ئاجراش يۈز بەرگەنلىكتىن يېتىلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنى تۇغماسلىق بىلەن ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.

نورمالسىز ھامىلىدارلىق

بالىياتقۇنىڭ شارائىتى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولغاچقا دائىم بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش كېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، كۆپىنچە ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمى نورمالسىز بولۇش، مەسىلەن: ساغرىسى ئالدىن كېلىش، توغرىسىچە ئالدىن كېلىش (يانپاش ئالدىن كېلىش) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇنىڭ يېتىلىشى نورمال بولمىغانلىقتىن ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە بالىياتقۇ تولغىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

نورمالسىز تۇغۇت

ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولۇش، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى كۈچسىز بولۇش، بالا ھەمراھىنىڭ يېپىشىپ تۇرىدىغان ئورنى نورمالسىز بولۇش، بالىياتقۇ ھامىلىنىڭ تۆۋەنلىشىگە توسالغۇ بولۇش تۈپەيلىدىن تۇغۇت قىيىنلىشىش ياكى تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش يۈز بېرىدۇ.

بالىياتقۇ غەيرىيلىكى1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بىماردا ھامىلىدار بولماسلىق ياكى بويىدىن ئاجراش، نورمالسىز ھامىلىدارلىق قاتارلىقلار بولۇش بىلەن بىرگە ھەيز قالايمىقانلىشىش ياكى ھەيز كەلمەسلىك، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. بەدەن تەكشۈرۈش (خاس بۆلۈملۈك تەكشۈرۈش) ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

3. تەكشۈرۈش يىڭنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 4. بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يود مېيى ئارقىلىق سايىلاندۇرۇش (سۈرەتكە ئېلىش) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق غەيرىي نورمال بالىياتقۇنىڭ تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ دىئاگنوز مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.

1. كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغۇچىلارنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.

2. ھەيز مىقدارى نورمالسىزلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، بالىياتقۇ يېتىلەلمەسلىك، ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشلار قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەرگە قارىتا ئالامەتلىرىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. بىر قىسىم غەيرىيلىكلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بالىياتقۇسى غەيرىيي نورمال بولغۇچىلاردا ھامىلىدارلىق بولسا قاتتىق كۆزىتىپ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئەگەر ھامىلە ئورنى توغرا بولمىسا كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئاسانلىقچە توغرىلىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا تاكى تۇغقىچە كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. تۇغۇتتا قىيىنچىلىق بولۇش، بالىياتقۇ يېرىلىپ كېتىش، تۇغۇتتىن كېيىن چوڭ قاناش يۈز بېرىشى مۇمكىن. زۆرۈر تېپىلغاندا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر كېسەلنىڭ ئەھۋالى يار بەرمىسە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىياتقۇدىكى نورمالسىزلىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. ھەيز مىقدارى نورمالسىز بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشى ئالامەتلىرىگە قارىتا مائۇلجەبىن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ھەببى شىپا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 7 ~ 5 دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. گۆدەك بالىياتقۇ، بالىياتقۇ يېتىلىشى نورمال بولمىغۇچىلارغا لوبۇبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن 10 گرامدىن، مەجۈنى نانخا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇنى ماسلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى، كەمتۈك مۈڭگۈزلۈك بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىلىدۇ.

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ، تەس ھەزىم بولىدىغان، يەللىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش، شەخسى تازىلىقىقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1297

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/289372.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#