ناشى مىللىتى

ناشى مىللىتى

ناشىلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى لىجياڭ ناشى ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە ۋېيشى، جۇڭديەن، نىڭلاڭ قاتارلىق ناھىيىلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇلۇڭشەن تېغى «ئۆسۈملۈك ئامبىرى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ناشى مىللىتى
نوپۇسى 30.8839 تۈمەن (2000)
يىزىقى دۇڭبا يېزىقى
خەنزۇچە نامى 纳西族
چەتئەلچە نامى Naxi minority
دىنى دۇڭبا دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ناشى مىللىتىناشى مىللىتى مەشئەل بايرىمىنى چوڭ بىلىدۇ. ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ بېشىدا كەنتتىكىلەر گۈلخان ياقىدۇ، باشقا ئائىلىلەرمۇ مەشئەللىرىنى ياندۇرىدۇ، كەنتنىڭ ھەممە يېرى يوپيورۇق بولۇپ كېتىدۇ. كىشىلەر مەشئەل كۆتۈرۈپ ئېتىز-قىرلار ۋە تۇرالغۇلاردىن ئايلىنىپ ئۆتىدۇ ھەمدە مەشئەللىرىنى قىرلارغا سانجىپ قويىدۇ. ياش قىز-يىگىتلەر كېچىچە گۈلخاننى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ چىقىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ناشى مىللىتىنىڭ مەشئەل بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ئىلگىرى ئۇلارنى قۇتقۇزغان ئاسمان ئىلاھىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ ئىلاھ پانىي ئالەمنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياۋۇز يۇرېن سۇلتان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنىكەن. ئۇنىڭ قېنى قىزىل كىيىملىك كىچىك بالىغا ئايلىنىپ، ناشىلارغا مەشئەل بىلەن يۇرېن سۇلتاننى ئالداشنى ئۇقتۇرۇپ، پانىي ئالەمنى ساقلاپ قالغانىكەن. 

ناشىلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى لىجياڭ ناشى ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە ۋېيشى، جۇڭديەن، نىڭلاڭ قاتارلىق ناھىيىلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇلۇڭشەن تېغى «ئۆسۈملۈك ئامبىرى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.

ناشى مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئۇلارنىڭ قەدىمدە تەسۋىرىي يېزىقىمۇ بولغان بولۇپ، «دۇڭبا يېزىقى» دەپ ئاتالغان.ناشىلار ئومۇميۈزلۈك دۇڭبا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ بىر خىل كۆپ ئىلاھلىق دىن بولۇپ تاغ، چوققا(تاش) ، شامال ۋە ئوت قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەر ۋە تەبىئەتتىكى شەيئىلەر روھ، دەپ قارىلىدۇ.

ناشى مىللىتىلىجياڭدىكى ناشى ئاياللىرى بەل ۋە يەڭلىرى كەڭ كەمزۇل كىيىپ، بېلىگە قاتلاق بەللىك تاقايدۇ، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نادىكار ئارتىۋالىدۇ، كۈن، ئاي ۋە يەتتە سەييارىنىڭ شەكلىنى كەشتىلىۋالىدۇ، بۇ كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇشنىڭ بەلگىسى ۋە ئىشچانلىقنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ، ئەرلىرىنىڭ كىيىمى ئومۇمىي جەھەتتىن خەنزۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكى بىلەن ئوخشايدۇ.ناشىلار ئەزەلدىن مېيىتنى كۆيدۈرۈپ ئۇزىتىدۇ. نىڭلاڭ ناھىيىسىنىڭ يۇڭنىڭ رايونىدا، ناشى ياشلىرى 13 ياشقا كىرگەندە «كۆڭلەك كىيىش» ، «شىم كىيىش» تەك قۇرامىغا يەتكەنلىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىزلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى سېلىۋېتىپ قاتلاق يوپكا كىيىدۇ. ئوغۇللار قىسقا چاپان، ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار بەزى ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئەمگەكلەر ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. 

ناشى مىللىتىتارىختا، كۆپ قىسىم رايونلاردىكى ناشى ئائىلىلىرىدە ئەرلەرنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئەمما جۇڭنىڭ ۋە يەنيۈەننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ناشىلار ئارىسىدا، تاكى 50-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئاياللارنى مەركەز قىلغان ئائىلە تۈزۈمى بار بولۇپ، ئائىلە جەمەتى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىقى بويىچە بولاتتى، پەرزەنتلەر ئانىسى بىلەن بىللە تۇراتتى، ئاياللار ئائىلە باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مال-مۈلۈكلەرگە ۋارىسلىق قىلاتتى. نىكاھتا دائىم «ئاجۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مۇناسىۋەت ساقلانغانىدى، يەنى، ئادەتتە ئەرلەر ئاخشىمى ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئەتىسى سەھەردە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتەتتى، پەرزەنتلەر ئانىسىغا تەۋە بولاتتى، ئەر تەرەپنىڭ پەرزەنتلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولمايتتى. «ئاجۇ» مۇناسىۋىتى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە مۇقىملىشاتتى، بەزىلەر بالدۇرلا ئايرىم-ئايرىم ئائىلە قۇرۇۋالاتتى.

 دۇڭبا يېزىقى بىلەن يېزىلغان «ئەسىر يارىتىش» — ناشى خەلقىنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان تەبىئەت بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان ۋە ئەمگەكنى، مۇھەببەتنى مەدھىيىلەيدىغان مەشھۇر ئېپوسى ھېسابلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#