كاكىنەچ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاكىنەچبۇ پىدىگەن ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 35 ~ 100 سانتىمېتىر ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىتئۈزۈمىنىڭ بىر خىل بولغان شوخلەك (酸浆) بولۇپ، قۇرۇتۇلغان مېۋىسى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، پانۇسسىمان، ئوتتۇرىسى كاۋاك بىر تال قىزىل رەڭلىك مېۋىسى بار، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «كاكىنەچ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ياۋا ھالدا باغلاردىمۇ ئۆسۈپ قالىدۇ.يەنە چاۋشيەن، ياپونىيە، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.
1. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى: ھۆل كاكىنەچنىڭ سۈيى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭلىق تاياقچە باكتېرىيىلىرىنى تورمۇزلايدۇ.
2. ياپونىيە كاكىنىچى قىزىتما قايتۇرۇش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.كلىنكىدا ئۆتكۈر يىرىڭلىق بادامسىمان بەز ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر بوغۇز ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، مەزى بېزى ياللۇغى، گال ئاغرىقى، ئۆتكۈر قىزىتما، قان تولغاق، قان بۇزۇلۇشتىن بولغان تېرە كېسەللىكلىرى، بۆرەك يىرىڭلىق يارىسى، دوۋساق يارىسى، بۆرەك تېشى، يىرىڭ سىيىش، بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى
1. كاكىنەچنى ئەمەن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، ئۈچەيدىكى مەددىلەرنى چۈشۈرىدۇ.2. ئايال كىشى ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنلا كاكىنەچ مېۋىسىدىن يەتتە دانە يېسە ھامىلە بولۇشنى توسايدۇ.
3. كاكىنەچنى سىقىپ سۈيىنى ئىچسە، قاتتىق ئىششىقلارغا ۋە بوۋاسىر ئىششىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ.
4. كاكىنەچ يىلتىزىنى سۇغا چىلاپ جاراھەت ۋە ئاقما يارىلارغا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ، قۇلاقنىڭ كونا چاقىلىرىنى يوق قىلىدۇ.
5. كاكىنەچنى قاينىتىپ سۈيىدە غار – غار قىلسا، بادامسىمان بەز ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ.
6. كاكىنەچ، بەدىيان، قىزىلگۈل قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
7. كاكىنەچ، شاھتەررە، يەرلىك شوخلا 10 گرامدىن ئېلىپ، بۇ دورىلارنى قاينىتىپ سىرتتىن يۇسا، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۈزدە مېۋىسى قىزارغاندا ئۈزۈپ ئېلىنىدۇ
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.