شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈتچىلىك نىزامى

سۈتچىلىك نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈتچىلىك نىزامى 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 2011-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈتچىلىك نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区奶业条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 41–نومۇرلۇق ئېلانى 

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈتچىلىك نىزامى» 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاپتونوم رايونىمىز سۈتچىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان سۈتچىلىك سېغىن چارۋا بېقىش، خام سۈت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش شۇنىڭدەك سۈت ياسالمىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش-قاچىلاش، سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان سۈت خام سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

4–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ، شۇ جاينىڭ بايلىق شارائىتى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، سۈتچىلىك كەسپىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەسىللىك سۈت چارۋىسىنى كۆپەيتىشكە مەدەت بېرىشى، سۈتچىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى لازىم.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ «سۈت سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» ۋە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە سۈتچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئادا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز قارىمىقىدىكى سۈتچىلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش بۇنىڭ سىرتىدا.

6-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار قانۇن بويىچە سۈتچىلەر كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان، پايدىنى تەڭ كۆرىدىغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سۈتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

7-ماددا سۈت ياسالمىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ سېغىن چارۋا باققۇچىلار، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن مەبلەغ، يەر، تېخنىكا قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن پايدىلىنىپ، سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىرلەشمىسى قۇرۇپ، سۈتچىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ، سۈتچىلىكنىڭ بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە، سۈتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى زىيانسىز، يېشىل، ئورگانىك سۈتكە ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ھەمدە يولغا قويۇپ، ئىسپات بېرىلگەن سۈتنىڭ نامىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. سۈت ياسالمىسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ۋە سېغىن چارۋا باققۇچىلارنىڭ يېشىل ياكى ئورگانىك مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەنگەن جاينى ئېتىراپ قىلدۇرۇشىغا، مەھسۇلاتىغا ئىسپات ئېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

2-باب سېغىن چارۋا بېقىش

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سېغىن چارۋىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ بېقىشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. سېغىن چارۋا باققۇچىلار، كارخانىلار ياكى شەخسلەرنىڭ سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە سېغىن چارۋا فېرمىسى ۋە باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

10-ماددا سېغىن چارۋا فېرمىسى، باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرغانلار ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شارائىتى لاياقەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ «سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

11-ماددا سېغىن چارۋا فېرمىسى، باقمىچىلىق مەھەللىسى ئىشلەتكەنتوكنىڭ باھاسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش توك باھاسى بويىچە بولىدۇ، ئىشلەتكەن يېرىگە يېزا ئىگىلىك يېرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ؛ سېغىن چارۋا فېرمىسى، باقمىچىلىق مەھەللىسى ئىشلىتىۋاتقان يەر دائىرىسىدە مەڭگۈلۈك ئىمارەت سالماقچى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. باقمىچىلىق مەھەللە يولى قۇرۇلۇشىنى يېزا-كەنت يول قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. سېغىن چارۋا باققۇچىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل، سۇغۇرتا ھەققى ياردىمى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېرىلغۇدىن (يايلىتىشتىن) بوشىتىلغان يەردە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتلىك مال-چۆپ سورتىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۈپەتلىك يەم-چۆپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، يەم-خەشەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى لازىم.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نەسىللىك سېغىن چارۋا يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش پىلانىنى تۈزۈپ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، سېغىن چارۋا باققۇچىلارنىڭ سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە تۆرەلمە كۆچۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېغىن چارۋا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، سېغىن چارۋىنىڭ بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. سېغىن چارۋا فېرمىسى، باقمىچىلىق مەھەللىسىنىڭ سىيىرلارنىڭ سۈت بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆلچىشىگە، ئارىلاشما يەم بىلەن بېقىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

14-ماددا سېغىن چارۋا بېقىشتا تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ: 

(1) قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەم-خەشەك، يەم-خەشەك خۇرۇجى ۋە مال دوختۇرلۇق دورىلىرىنى ئىشلىتىش؛ 

(2)سېغىن چارۋىغا ۋە ئادەمگە بىۋاسىتە ياكى يوشۇرۇن خەۋپى بولغان نەرسىلەرنى قوشۇش؛ 

(3) يۇقۇملانغان سېغىن چارۋىغا ئايرىش، زىيانسىزلاندۇرۇش قاتارلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىق؛

(4) قانۇن، نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

15-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ساغلاملىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەمدە سېغىن چارۋىسىنى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە ئاپپاراتى سېغىن چارۋىنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلىگەن بولسا، سېغىن چارۋا ساغلاملىق ئىسپاتى بېرىشى؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئايرىش، داۋالاش ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىم.

3-باب خام سۈت سېتىۋېلىش، سېتىش ۋە كىرگۈزۈش

16-ماددا خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەنگە ئالغان سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلىگۈچى كارخانا، سېغىن چارۋا فېرمىسى، سۈتچىلەر كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشى ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىشى، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى؛ خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرغان، كېڭەيتكەنلەر ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى لازىم.

17-ماددا خام سۈتنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن دائىرىدە سېتىۋېلىش كېرەك.

خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر ئوتلاق چارۋىچىلىقى رايونلىرىدا يايلىتىپ بېقىلغان سېغىن چارۋىنىڭ سۈتىنى سېتىۋالماقچى بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مالدوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى ھەمدە سېتىۋالغان سۈتىگە لايىق سوۋۇتۇش، سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە تەكشۈرۈش تۈرىگە لايىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم ئۈسكۈنىسىنى تەييارلىشى كېرەك.

 18-ماددا خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ سۈت سېتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن سۈت كىرگۈزۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.

19-ماددا سۈت ساتقۇچىلار ۋە سېتىۋالغۇچىلار قانۇن بويىچە يازما توختام تۈزۈپ، سۈت سودىسى بويىچە سان، سۈپەت، باھا، ئورۇن ھەم باھا ھېسابلاش ئۆلچىمى، پىرىيوم قىلىش ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق پۈتۈشۈشى لازىم. سېتىۋالغۇچىلار ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش، شۇنىڭدەك خام سۈتنى چەك قويۇپ سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش قاتارلىق نامۇۋاپىق شەرت قويۇلغان مەزمۇنلارنى توختامغا كىرگۈزۈۋالسا بولمايدۇ.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى خام سۈت باھاسىنى تىزگىنلەش ۋە خەۋەرلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشى، بازارنىڭ تەمىنات-تەلەپ ئۇچۇرى ۋە باھا ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى باھا تارمىقى، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ھەمدە ساھە جەمئىيىتى، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا، خام سۈت سېتىۋالغۇچىلار، سېغىن چارۋا باققۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن خام سۈت باھاسىغا دائىر ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، سېتىۋالغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلارنىڭ توختام تۈزۈشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، خام سۈتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى، ئوبوروت خىراجىتى، كارخانىنىڭ پىششىقلاش خىراجىتى، بازارنىڭ ئاۋات، كاسات مەزگىللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى، سۈپەت پەرقى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، خام سۈت سودىسىدىكى پايدىلىنىش باھاسىنى بېكىتىشى كېرەك.

21-ماددا تۆۋەندىكى سېغىن چارۋىلارنىڭ سۈتىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) ساغلاملىق ئىسپاتى بولمىغان سېغىن چارۋا؛

(2) يېلىن ياللۇغى ياكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان سېغىن چارۋا؛

(3) ئېغىر يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇم قامال قىلىنغان رايوندىن كەلگەن سېغىن چارۋا.

تەركىبىدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنىڭ قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى باشقا نەرسە، ساختا نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن خام سۈتنى سېتىۋېلىش، سېتىش، كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

22-ماددا خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى سېتىۋالغان، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا كىرگۈزگەن سۈتنى توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت ئۆلچىمى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، سۈپەت تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرلەش ھەمدە پىرىيوم نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىش لازىم.

پىرىيوم نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلار مۇناسىپ ساپاسى بار پىرىيوم ئاپپاراتىغا خام سۈت ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا ھەر قانداق باھانە بىلەن دەرىجىنى، باھانى تۆۋەنلىتىپ سېتىۋالسا ياكى سېتىۋېلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ. خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنىڭ خاتا تەكشۈرۈشى تۈپەيلىدىن قارشى تەرەپ زىيان تارتقان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىش لازىم.

توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت ئۆلچىمى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش تۈرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

23-ماددا خام سۈت توشۇش ئاپتوموبىلىغا سۈت باكى ئورنىتىش ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىم:

(1) سۈت باكىنىڭ ئىچىنى چىرىمەس ماتېرىياللاردىن ياساش، ئۆز پېتى ساقلىيالايدىغان، خام سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولۇش؛

(2) سۈت باكىنىڭ سىرتىنى قاتتىق، سىلىق، چىرىمەس، يۇيغىلى بولىدىغان سۇ ئۆتمەس ماتېرىيالدىن ياساش؛

(3) سۈت باكىدا ئەۋرىشكە قويىدىغان ئورۇن ۋە ئەسۋابلارنى ئايرىم قويىدىغان ساندۇق بولۇش، پاكىز بولۇش؛

(4) سۈت باكىنى ھىملەشكە ئىشلەتكەن ماتېرىيال مايغا چىداملىق، زەھەرسىز، نورمال تېمپېراتۇرىدا تازلاش دورىسىغا چىداملىق بولۇش؛

(5) سۈت ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈستۈنكى قاپقاق قۇرۇلمىسى، ھاۋا ئۆتۈشۈش ۋە چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش قاپقىقىنىڭ لايىھەلىنىشى مۇۋاپىق بولۇش، سۈت باكى ۋە خام سۈتنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنالايدىغان بولۇش.

خام سۈت باكى سۈت ۋە ئىچىملىك سۇ توشۇشقىلا ئىشلىتىلىدۇ.

24-ماددا خام سۈت توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قانۇن بويىچە خام سۈت توشۇش ئىلتىماسى سۇنۇشى، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ، بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە سۈت توشۇش ئىجازەتنامىسى بېرىشى كېرەك. خام سۈت توشۇشتا، سۈت ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونىنى ئاپتوموبىلدا بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك. ئۆتكۈزۈپ بېرىش– ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونىغا خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ نامى، خام سۈت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇرى، قاچىلاش مىقدارى، قاچىلىغان ۋاقىت ۋە ئورۇن، قاچىلىغان ۋاقىتتىكى سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يېزىش ھەمدە خام سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ خادىمى، توشۇش نازارەتچىسى، شوپۇرى، سۈت ياسالمىسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنىڭ سۈت ئۆتكۈزۈۋالغۇچىسى ئىمزا قويۇش كېرەك.

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پارچە خام سۈت سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئىستېمالچىلارغا خام سۈتنى بىۋاسىتە پارچە ساتىدىغانلار ساتىدىغان جايدىكى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن جايدا ياكى رايوندا سېتىشى ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق تارمىقى چىقىرىپ بەرگەن سېغىن چارۋا ساغلاملىق ئىسپاتى بولۇش؛

(2) دۆلەتنىڭ خام سۈت سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(3) كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىپ بەرگەن بەلگىلەنگەن ئورۇندا سېتىش ئىسپاتى بولۇش؛

(4) ساتقۇچىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى چىقىرىپ بەرگەن ساغلاملىق ئىسپاتى بولۇش؛

(5) ئىشلەتكەن قاچىسى زەھەرسىز، زىيانسىز، يېڭى پېتى ساقلىيالايدىغان بولۇش، پاكىز بولۇش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خام سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خام سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش پىلانى تۈزۈپ ھەمدە يولغا قويۇپ، سۈتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگۈچىدىن ھېچقانداق ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ، خىراجىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

 26-ماددا سۈت ساغىدىغان، سېتىۋالىدىغان، ساتىدىغان، توشۇيدىغانلار ۋە سۈت ياسالمىسى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىلىدىغانلار سالامەتلىكىنى ھەر يىلى تەكشۈرتۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش، ساقلىقىنى-ساقلاش ئاپپاراتىدىن ساغلاملىق ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

4-باب سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش

27-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنىڭ جايلىشىشى سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە رايوننىڭ سۈت مەنبەسىگە ماس كېلىشى لازىم. سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنىڭ پىششىقلاش ئىقتىدارىغا لايىق سۈت مەنبە بازىسى بولۇشى ياكى توختام شەكلىدە پۈتۈشكەن مۇقىم سۈت مەنبە بازىسى بولۇشى لازىم. سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە ئاپتونوم رايوننىڭ سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ئىجازەت شەرتىنى ھازىرلاش كېرەك، ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارمىقى تەستىقلايدۇ؛ سۈت مەنبە بازىسىنى تەستىقلاشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

28-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقىدىن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىش لازىم.

29-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار سۈت ياسالمىلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلىشى؛ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، يەرلىكنىڭ ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى لازىم.

دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئۆلچىمى بولمىسا، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا ئۆزى كارخانا ئۆلچىمى بېكىتىشى، ئۇنى ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

30-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا سۈت ياسالمىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا خام ئەشيا زاۋۇتقا كىرگەندىن تارتىپ، مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ زاۋۇتتىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن جەرياندا سۈپەتنى كونترول قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

31-ماددا تۆۋەندىكى سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ: 

(1) يېمەكلىككە ئىشلىتىلمەيدىغان خام ئەشيانى ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىلغانلىرى؛

(2) قايتا يىغىۋېلىنغان سۈت ياسالمىلىرىنى خام ئەشيا قىلغانلىرى؛ 

(3) يېمەكلىك خۇرۇچىدىن باشقا خىمىيەلىك ماددا ياكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق باشقا ماددا قوشۇلغانلىرى؛

(4) يېمەكلىك خۇرۇچىنى دائىرىدىن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەنلىرى؛

(5) بوۋاقلار، بالىلار ۋە باشقا مۇئەييەن كىشىلەر مەخسۇس يەيدىغان سۈت ياسالمىلىرىدىن ئوزۇقلۇق تەركىبىي دۆلەتنىڭ سۈت سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرى؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان باشقا سۈت ياسالمىلىرى.

32-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنىڭ ئورۇسىغا زەھەرسىز، زىيانسىز ئورۇ ماتېرىيالى ئىشلىتىش لازىم. سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ قەغەز بىلەن سۇلياۋ بىرىكتۈرۈلگەن مىكروپسىز ئورۇ ۋە سىجىل پايدىلىنىشقا بولىدىغان يېشىل ئورۇ ماتېرىيالى ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئورۇ يارلىقىدا قانۇن-نىزام ياكى دۆلەتنىڭ سۈت سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

33-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ساتىدىغانلار قانۇن بويىچە سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلاردىن مۇناسىۋەتلىك كىنىشكا ئېلىشى لازىم.سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلار مال كىرگۈزۈشتە، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە سېتىش قونداق ھېساباتى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم.

34-ماددا تۆۋەندىكى سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بولمىغان كارخانا پىششىقلىغان ياكى سۈپەت لاياقەت ئىسپاتى بولمىغانلىرى؛

(2) باشقا نەرسە، ساختا نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان، ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ساختا، ناچارلىرى؛

(3) يارلىقى بولمىغان ياكى يارلىقى بېجىرىم بولمىغانلىرى؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا سېتىش مەنئى قىلىنغان باشقا سۈت ياسالمىلىرى.

5-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى سۈتچىلىك تەرەققىياتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى لازىم.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سۈتنى سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسدىن بىر-بىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى خام سۈت سېتىۋېلىش، سېتىش جەريانىدا باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى لازىم.

37-ماددا سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە سۈتچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇشىغا ياكى سۈتچىلىك جەمئىيىتىگە ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. سۈتچىلىك جەمئىيىتى ئۆز ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئۇچۇر، تېخنىكا، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى چىڭىتىپ، تەرتىپسىز رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

38-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس مۇشۇ نىزامغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن پاش قىلىش ياكى ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ پاش قىلىش ماتېرىيالى ياكى ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار تارماق ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قانۇنغا خىلاپ زور قىلمىشلارنى پاش قىلىپ ۋە ئەرز قىلىپ، تەكشۈرۈشتە راست بولۇپ چىقسا، ئۇلارنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

39-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزام بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ سېغىن چارۋا فېرمىسى، باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

40-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان خام سۈتنى پارچە ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا پارچە ساتقان خام سۈتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

41-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماق قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان، ساتقان، كىرگۈزگەن، توشۇغان خام سۈتىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە خام سۈت قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ خام سۈت سېتىۋالغان ياكى خام سۈت توشۇش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ خام سۈت توشۇغان بولسا؛

(2) سۈت ياسالمىسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا خام سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن خام سۈت كىرگۈزگەن بولسا؛

(3) مۇشۇ نىزامنىڭ 21-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سۈتنى سېتىۋالغان، ساتقان، كىرگۈزگەن بولسا.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

43-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، قانۇن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

44-ماددا ئوقۇغۇچىلار سۈتىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، تەمىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، مۇشۇ نىزامنى ئىجرا قىلىشتىن سىرت، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنىمۇ ئىجرا قىلىش كېرەك.

45-ماددا بۇ نىزام 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553606_8.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8228595.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#