چىڭگىلىك يىلتىزى
چىڭگىلىك بولسا يۆگىشىپ ئۆسىدىغان، تېنىدە ئاق سۈت بار سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى بۇلۇپ، ياللۇغنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىڭگىلىك بولسا چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يۆگىشىپ ئۆسىدىغان، تېنىدە ئاق سۈت بار سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى
بۇلۇپ، ئۆسۈملۈكى يېتىلگەندە كولاپ ئېلىپ يىغۋىلىنىدۇشىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە تېپىلىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردە، تاغ باغرىدا ، چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ .شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە تېپىلىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردە، تاغ باغرىدا ، چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ .
پەي مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش ، ھۆللۈكنى تارىقىتىش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
1. ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ 2.بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى چىقىرىۋېتىش؛ 3. قاندىكـى خولـىستىرىنـنى تـۆۋەنلىتىـش؛ 4. ئۆسمىنى تىزگىنلەش تەسىرى بار .
تەركىبىدە مول ئامىنو كىسلاتاسى ، ۋېتامىنلار ، ئاز ئۇچرايدىغان ئېلىمىنىتلار، فوسفورىد مايلار، پولى ساخارىد، C21 سىترول قاتارلىقلار بار .
چىڭگىلىك1.چىڭگىلىكتىن 12 گرام، سوغىگۈلدىن 15 گرام، كۆپىكى دەريادىن 200 گرام، چۈچۈكبۇيدىن 20 گرام ئېلىپ ، سوقۇپ سوپۇپ قىلىپ ئىچسە ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا شىپا قىلىدۇ.
2.چىڭگىلىك 12 گرام، لاجۇۋەردتىن 6 گىرام ، سۆرىنجاندىن 10 گرام، بەدىياندىن 10 گرام ئېلىپ سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە رىماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
2. چىڭگىلىكتىن 12 گرام ، ئانار گۈلى ، ئانار پوستى، بەللۇت قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن، تەمرى ھىندىدىن 30 گرام، ئاق مەۋسەلدىن 10 گرام ، ئاقىر قەرھادىن 5 گرام ئېلىپ سوپۇپ قىلىپ ئىچسە ئاق خۇننى ئازايتىدۇ.
سۇپۇپى سۇس
ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۇلۇق ئىششىق، سوزۇلما خاراكـتېرلىـك ئاشـقازان يالـلۇغـى، رىمـاتـىزىملىق بوغۇم ئاغـرىقـى قـاتارلـىقـلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.