ليۇماۋۋەن بازىرى

ليۇماۋۋەن بازىرى

ليۇماۋۋەن بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى قارمىقىدىكى بازار.

ئۇيغۇرچە نامى ليۇماۋۋەن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 174.6 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 柳毛湾镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 11700 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى liǔ máo wān zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇماۋۋەن بازىرىليۇماۋۋەن بازىرى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى نىڭ شىمالىغا، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 56 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. قۇملۇق تاشيولى بىلەن بازار رايونى تۇتىشىدۇ، قارماي يولى يېزا تەۋەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 174.6 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 83 مىڭ مو.

ليۇماۋۋەن بازىرى قارمىقىدا: ۋاڭجياجاڭزا كەنتى، ليۇماۋۋەن كەنتى، بەنچياۋسۇن كەنتى، چىنجياچۈي كەنتى، يېجاجاڭ كەنتى، تاۋجياجاڭ كەنتى، شىنخۇ كەنتى، خۇيمىنچۇ كەنتى، خۇلۇيۇ كەنتى، تۇپىڭ كەنتى، دۇجياجاڭ كەنتى، خۇاڭچۈ كەنتى، ئەرپىڭ كەنتى، شۈجياجاڭ كەنتى، ياڭجاۋەن كەنتى، لېيجاجاڭ كەنتى، خۇاڭچۇمياۋ كەنتى، سامىنزا كەنتى قاتارلىق 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ليۇماۋۋەن بازىرىليۇماۋۋەن بازىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 11700 دىن ئارتۇق ئادەم، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ لار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %95.1 نى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %4.9 نى ئىگەللىگەن.

ليۇماۋۋەن بازىرى 2000-يىلى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت-بازار قىلىپ قۇرۇلغان.

2001-يىلى، تارباغاتاي ۋىلايىتى تەرىپىدىن كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 500 نۇقتىلىق كىچىك شەھەر-بازار ئۇنىۋېرسال ئېچىش قۇرۇلۇشى ئۈلگە كۆرسىتىش نوقتىسى قىلىنغان.

2002-يىلى، 2003-يىلى ئۇدا ئىككى يىل ساۋەن ناھىيەسى بويىچە، يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك تەرەققىياتىدا 1-بولغان.

2003-يىلى، يەنە قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت-بازار بولۇپ باھالانغان.

2004-، 2005-يىلى، ئۇدا ئىككى يىل ساۋەن ناھىيەسى تەرپىدىن ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال باھالاش بويىچە 1-بولۇپ باھالانغان.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە 16-قۇرۇلتاي روھى يېتەكچىلىكىدە ناھىيەلىك پارتىكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ليۇماۋۋەن بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت پۈتۈن بازاردىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بازار بويىچە سانائەتتە كۈچلۈك، يېزا ئىگىلىكتە مۇقىم، سودىدا جانلىق، مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەنگەن بازار بولۇش تەرەققىيات تەپەككۇر يولى ئارقىلىق، سانائەتلىشىش، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «10-بەش يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ بازارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان.

2005-يىلى، پۈتۈن بازاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 210 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 1-، 2-، 3- كەسىپلىرى ئورۇندىغان قوشۇلما قىممەت ئايرىم 920 مىڭ يۈەن، 12 مىڭ يۈەن، 55 مىڭ يۈەن بولغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6743 يۈەنگە يەتكەن.

ليۇماۋۋەن بازىرىيېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېزلىكتە قەدەمگە قويۇپ، شىنجاڭ يىنيىڭ سانائەت-سودا، دېشېڭ پاختىچىلىق، كاڭرۈي پاختىچىلىق، پەنلوڭ مايلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنى ئارقا-ئارقىدىن باشلاپ كىرگەن، ليۇماۋۋەن سانائەت باغچىسى ساۋەن ناھىيەسى تەرىپىدىن نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان سانائەت باغچىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ھازىر يىلىغا 80 مىڭ توننا پاختا بوتقىسى، 60 مىڭ توننا پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، 12 مىڭ توننا ياغ، 10 مىڭ توننا ئۇن، 2000 كۇب ئالدىن ياسالغان بۇيۇم قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى شەكىللەندۈرگەن، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز سۈرئەتتە ئاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#