شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى

شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتى

شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 169-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللارنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئىشلىرى ئورگىنىدۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1956-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆教育出版社
قۇرۇلغان ئورنى شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتىشىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 169-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللارنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئىشلىرى ئورگىنىدۇر.

1956-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى دەرسلىك كىتابلارنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان. 

شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتى 1962-يىلى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەڭشىلىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1973-يىلى يەن بىر قېتىم ئايرىلىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى مائارىپ كەسپىي نەشرىياتقا ئايلانغان. كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە قاتارلىق تىللاردا تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئاپپاراتلىرىنى ۋە باشقۇرۇش بۆلۈملىرىنى تەسىس قىلىپ، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئاپپاراتلىرىنى ۋە باشقۇرۇش بۆلۈملەرنى تەسىس قىلىپ، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىغان.

 1956-1966-يىلغىچە 10 يىل جەريانىدا جەمئىي ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق بەش مىللەتنىڭ تىل يېزىقىدىكى كىتاب ماتېرىياللاردىن 1742 خىل 22مىليون 700 مىڭ پارچىنى تەھرىرلەپ، تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش ئاز سانلىق مىللەت مىللەت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاساسلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرغان. قايتا قۇرۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلر «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دېگەن نەشرىيات قۇرۇش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت ئېڭى، كۆركەملىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېرىياللىرنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشىر قىلىش خىزمەتلىرىنى ھەر مىللەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇردى.

 ئىشخانا 

 ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ھۆججەت باشقۇرۇش، ئىش بېجىرىش،  يىغىن ئېچىش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، ئارقا سەپ جىزمەت مۇلازىمىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بۇلۇپ ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇ.

تەشكىلىي كادىرلار بۆلۈمى 

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: نەشىريات بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەڭشەش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇپ تەشكىلات باشقۇرۇش،  كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۇنۋان باھالاش، نەشرىيات بويىچە يوقلىما قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان خادىملار ئۆگىنىشىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مالىيە بۆلۈمى 

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: نەشىريات ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3200 خىلدىن ئاشىدۇ،تەخمىنەن 200 مىليون  پارچىدىن ئارتۇق كىتاپلارنى بېسىپ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، پىداگوگىكا  مەكتەپلىرى دەرسلىكىنى ۋە قازاقچە ئۈچ خىل تىلدىكى كىتاب- ژۇرناللارنى سېتىپ چىقىرىدۇ. 

باش مۇھەررىر ئىشخانىسى

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: نەشىريات بويىچە يىللىق ۋە پەسىللىك كىتاب تېما پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بۇلۇش، توختاملىق باشقۇرۇش، خەت-چەك ئالاقىسى، ئەۋەتىلگەن ماقالە ياكى خەت چەكلارنى يېزىش ياكى بىر تەرەپ قىلىش، كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش، كىتاب ماتېرىياللىرىنى ساقلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

نەشرىيات بۆلۈمى

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: پۈتۈن جەمئىيىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا كەسپىي خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن2300 دەرسلىك قالدۇق تۈر ۋە ئۈچ خىل يېزىقتا ژۇرنال، گېزىت نەشر قىلىش تېخنىكىسى ۋە بېسىشنى تەرتىپىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدۇ. 

دەرسلىك ماكېتىڭ بۆلۈمى 

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: مۇناسىۋەتلىك دەرسلىك بىلەن تەمىنلەش تىپىدىكى ياخشى دەرسلىك بازىرىنىڭ كېڭىيىشىنى ئاسراش،  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەرسلىك (تەجرىبە رايونى) تاللاپ ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئىگىلەش ۋە جەملەش؛ قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە مۇناسىۋەتلىك دەرسلىك ئۇچۇر ئالاقىسىگە مەسئۇل بولدۇ. 

ئېلان بۆلۈمى

ئاساسلىق ۋەزىپىسى:  ئېلان قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش،ئېلان تىجارەت باشقۇرۇش كۈچەيتىپ، سەمىمىي كىتابخانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش،  ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچىنى تەكلىپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش، ئىمتىھانلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشخانا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېلانلارنى ھەم  ئىچكى جايلار بىلەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇش، ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك كىتاب بىلەن تەمىنلەش بۇيۇملىرى ۋە زاكاز قىلىش يوللىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقۇرۇرۇش  قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدۇ. 

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: بارلىق ئەزالار سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ، بارلىق ئەزالارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن دېموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، دۆلەت خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى پۇقرا بولۇش، بارلىق ئەزالار ئىجتىمائىي پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ئەزالارنىڭ تەنتەربىيە، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتلىرى قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدۇ.  

گۈزەل-سەنئەت تەھرىر بۆلۈمى 

ئاساسلىق ۋەزىپىسى: نەشىريات ئۈچۈن جەمئىيىتى ئالتە خىل يېزىقتىكى بارلىق دەرسلىك ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ نەشىرىيات لايىھەلىنىشى ۋە خەرىتە سىزىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدۇ.  

شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتى 1975-1999-يىلغىچە جەمئىي ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىدىكى ماتېرىياللىرىدىن 14389خىل، 366390000 پارچىنى نەشىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم باشقا تۈردىكى كىتابلارنى نەشىر قىلدى. نۆۋەتتە بۇ نەشرىياتتا باش تەھرىر بۆلۈمى، نەشىر قىلىش بۆلۈمى، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، موڭغۇل تىلى، قىرغىز تىلى، شىبە تىلى، خەنزۇ تىلىك گۈزەل سەنئەت قاتارلىق توققۇز كەسپىي بۆلۈم تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە قاتلاملىرى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان، سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش قوشۇنىغا ئىگە. ھازىر كەسپىي ئىشچى-خىزمەچىلەر 149 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار كەسپىي خادىملار 40 نەپەر، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىككىدىن ئارتۇق تىل-يېزىقنى ئىگىلىگەن. 

شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتىكۆپ ساندىك مۇنەۋۋەر كەسپىي خادىملار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. ئايال مۇھەررىر سائادەت ئىمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار خىزمەتچى، 10 مۇنەۋۋەر ئايال خىزمەتچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ۋە 1995-يىلى مەملىكەتلىك 4-نۆۋەتلىك تاۋفېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1108586.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#