مەشرەپ ئويۇنلىرى

مەشرەپ

ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن ئۇنۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناخشا-ئۇسسۇلدىن تاشقىرى، مەشرەپكە «جان كىرگۈزىدىغان» خىلمۇ خىل خەلق ئويۇنلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئويۇنلار شەرتلىك ھالدا مەشرەپ پائالىيەتلىرىدىلا ئوينالغاچقا، ئۇلار «مەشرەپ ئويۇنلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مەشرەپ ئويۇنلىرى
خەنزۇچە ئىسمى 麦西来甫表演

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەشرەپمەشرەپنىڭ قويۇق مىللىيلىققا، كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكا ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدىغان نەغمە ئۇسسۇللاردىن تاشقىرى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ھەر خىل مەخسۇس قىزىق ئويۇنلارنىڭمۇ ئاينىلىدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەشرەپ ئوينىلىش شەكلى بويىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىككىمۇ ئىگە بولۇپ، تۈرىمۇ كۆپ، نامىمۇ ھەر خىل. مەسىلەن، دولان مەشرىپى، مېيلىس قېيىت، كۆك(مايسا) مەشرىپى، توي مەشرىپى، بەزمە دېگەنلەرگە ئوخشاش. بۇندىن باشقا ھېيىت-بايراملاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇشلار ۋە تونۇشۇش چېيى، خوشلىشىش چېيى، ناماقۇللۇق چېيى قاتارلىقلارمۇ مەشرەپ تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭۈل ئېچىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مەشرەپلەر ئىچىدە دولان مەشرىپى بىلەن تۇرپان، قۇمۇل مەشرەپلىرى(مېيلىس) ، كۆك(مايسا) مەشرىپىدە نەغمە-ماۋا، ناخشا-ئۇسسۇل ئاساس قىلىنغان بولۇپ، قوشۇمچە ھالدا كومىدىيە خاراكتېرلىك ئويۇنلار ئوينالسا، باشقىلىرىدا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل، لەتىپە-چاقچاق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئويۇنلار ئوينالمايدۇ. 

مەشرەپ-ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئىشتىن سىرتقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى. مەشرەپ كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ۋە توي-تۆكۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈشتىن سىرت، قېرى-ياش، ئەر-ئايال ئارىلاشقان دائىرىدە نۆۋەت بىلەن بەلگىلىك قەرەلدە ئاخشاملىرى ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەشرەپ بەرگۈچى ساھىبخان مەشرەپ ئەھلىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چامىسىنىڭ يېتىشىچە داستىخان تەييارلايدۇ.

مەشرەپ بىر-بىرى بىلەن سىردىشىش، چۈشىنىش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئىنتايىن ياخشى سورۇن بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەزمۇنلار، لىرىكىلىق، ھېسسىياتقا باي نەپىس ھەرىكەت شەكىللىرى مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مەشرەپ سىردىشىش، بېيىت ئېيتىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، قىزىقچىلىق قىلىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تالانتلىق سازەندىلەر غېجەك، نەي، ناغرا-سۇناي، دۇتار، تەمبۇرلارنى چېلىپ نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقان سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسى مەشرەپنىڭ تەرتىپ ئىنتىزامىغا رېئايە قىلغان ھالدا خىلمۇ خىل شەكىلدىكى ئويۇنلارغا تولۇق ۋە قىزغىن قاتنىشىدۇ. 

مەشرەپ سورۇنىنى تېخىمۇ قىزغىن كەيپىياتقا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەتەي ئۆز ئارا بىر-بىرىنى خاتالاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدىرۇپ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن جازاغا تارتىپ، ھەر خىل ئويۇن كۆرسىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئارتىدۇ. شۇنداقلا، سورۇندا مەشرەپ قائىدىلىرىگە يات ھەر قانداق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى كىم بايقىۋالسا ئۇنىڭغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. مەسىلەن، «دەررە ئۇرۇش» ، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش» ، «سامسا يېقىش» ، «سۈرەتكە تارتىش» ، «دەررىگە بېسىش» قاتارلىق قىزىق كومېدىيىلىك ھەم دىراماتىك تۈس ئالغان ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. بۇ ئويۇنلار تولىمۇ قىزىق، تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ، بەزى جازا ھەرىكەتلىرى قويۇق تەنتەربىيە تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. مەشرەپ سورۇنىدا مەشرەپ ئىشتىراكچىلىرى ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ، يۇقىرىدىكى جازالارنىڭ بىرەرى بىلەن جازالاشقا توغرا كەلسە، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مەشرەپتە باشتىن-ئاخىر كۈلكە-چاقچاقلار ئۈزۈلمەيدۇ. مەشرەپ ئاخىرلاشقاندا، كېيىنكى قېتىمىقى مەشرەپ كۈنىنى، ئورنىنى بەلگىلىشىپ قايتىشىدۇ.

«قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، توي-مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ئۇلار بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئادەم سانى نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە ئۇن مىڭغا يېتەتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئوۋلىغان ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ گۆشىنى ئوتتا پىشۇرۇپ، كاۋاپ قىلىپ، گۈلخان ئەتراپنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى» . 

بۇ تارىخىي مەنبەلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىرى ھەمدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزىدىن قالغان بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تېخىمۇ ساغلام، يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ كەلمەكتە.

ھازىرقى دەۋردە مەشرەپ ئويۇنى جۇڭگودىكى 65 ئاز سانلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىكى سەنئەت ئويۇنلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇن تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. چۈنكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ تۇرغان بۇ مەدەنىيەت تۈرى ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، يۈكسەك ماھارەتكە ۋە گۈزەل سەنئەت شەكلىگە ئىگە. 

مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئادەتتە ساز بىلەن تەڭكەش قىلىنىدىغان ئۇسۇللاردىن پەرق ئەتمەك تەس. مەسىلەن، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى يىزۇ مىللىتىنىڭ «ئاي ئۇسسۇلى» ، خەينەنداۋ ئۆلكىسىدىكى لىزۇ مىللىتىنىڭ «بامبۇك خادىدىن سەكرەش ئۇسۇلى» ، مياۋزۇلارنىڭ «نەي ئۇسسۇلى» ، «تۆت يۈزلۈك دۇمباق ئۇسسۇلى» قاتارلىقلار. بۇ ئۇسسۇللار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىپ، بۈگۈنكى كەندە جەمئىيەتنڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەزمۇنلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، دەۋر روھىنى ئىپادىلەيدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بولۇپ قالغان. مەشرەپمۇ ئەنە شۇنىڭ مىسالىدىن ئىبارەت. 

دولان مەشرىپىدە ئادەتتە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، ئەمگەك پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان تۆت ئۆزگىرىشلىك «ئەمگەك ئۇسسۇلى» ئاساسلىق ئۇسسۇل بولۇپ، ئەر-ئايال كوللېكتىپ ئورۇندايدۇ. تۇرپان، قۇمۇل مەشرەپلىرىدە «پوتا ئۇسسۇلى» ئاساسلىق ئۇسسۇل بولۇپ، يەككە ھالدا قاتارى تەكلىپ قىلىش شەكلىدە ئوينىلىدۇ. قاتارى بەزمە-مەشرەپ، ئولتۇرۇشلاردا نەغمە-ناخشا، لەتىپە-چاقچاق ۋە ھەر خىل قىزىق ئويۇنلار ئاساس، ئۇسسۇل قوشۇمچە ئورۇندا بولۇپ ئەركىن ئۇسسۇل بولىدۇ.

بۇ مەشرەپ-بەزمە، ئۆلتۇرۇشلارنىڭ تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن تۈزۈلگەن بىر يۈرۈش «قائىدە-تۈزۈم» لىرى ۋە «خىزمەتچى-خادىم» لىرى بولىدۇ. بۇ «قائىدە-تۈزۈم» ، «خىزمەتچى-خادىملار» نى مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، سايلايدۇ. بۇ «تۈزۈم-قائىدە» لەر مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىنى ياخشى ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتنى دوست تۇتۇشقا، تەرتىپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشقا يېتەكلەش-رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. مەشرەپ «خىزمەتچى-خادىم» لىرى يىگىت بېشى، قازى، پاششاپ. . . دەپ ئاتىلىدۇ. مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى ئادەتتە «ئوتتۇز ئوغۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر «خىزمەتچى-خادىم» لار بولۇپمۇ قازى ئىقتىدارسىز چىقىپ قالسا، ئوتتۇز ئوغۇل ئۇلارنى ھار ۋاقىت ئەمەلدىن قالدۇرۇپ باشقىنى سايلايدۇ. «قائىدە-تۈزۈم» گە ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىدىن قوغلاندى قىلىدۇ، بۇ «قائىدە-تۈزۈم» مەشرەپكە كېچىكمەسلىك، سەۋەبسىز، رۇخسەتسىز كەلمەي قويماسلىق، راستچىل بولۇش، كەيىپ قىلماسلىق، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئاسراش، خوتۇن-قىزلارغا بىھۇدە چاقچاق قىلماسلىق قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. 

مەشرەپ ھەر يىلى كەچ كۈزدىن باشلاپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئوينىلىدۇ، ئادەم سانى 20-30 دىن ئاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەھەللىدە مىجەز-خۇلقى كېلىشمەيدىغانلار بىر يۈرۈش بولۇپ ئوينايدۇ. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر مەشرەپكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. مەشرەپ قاتناشچىلىرىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرغاچقا، مەشرەپمۇ ھەر يىلى قايتا ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. باشقىدىن «سايلام» بولىدۇ. شۇ يىلقى مەشرەپ بىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن خالىس چاي ئۆتكۈزۈشى بىلەن ياكى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىغا يېڭىدىن بىرەر ياشنىڭ قوشۇلغانلىقى يۈزىسىدىن شۇ ياشنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان چاي مۇناسىۋىتى بىلەن باشلىنىپ داۋاملىشىدۇ. يېزىلاردا بىرەر ياشنىڭ مەشرەپكە قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىپ شەرەپلىك ئىش دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا شۇ ياشنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسى ئۈچۈن بىرەر مال سويۇپ ئوتتۇز ئوغۇلغا داستىخان سالىدۇ. 

مەشرەپئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن ئۇنۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناخشا-ئۇسسۇلدىن تاشقىرى، مەشرەپكە «جان كىرگۈزىدىغان» خىلمۇ خىل خەلق ئويۇنلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئويۇنلار شەرتلىك ھالدا مەشرەپ پائالىيەتلىرىدىلا ئوينالغاچقا، ئۇلار «مەشرەپ ئويۇنلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

مەشرەپ ئويۇنلىرى ئاساسەن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى تۈركىمى 

 بىرى، مەشرەپنىڭ بەلگىلىك باسقۇچىدا ئوينىلىدىغان مەشرەپ مەزمۇنى دائىرىسىدىكى ئەنئەتىۋى ئويۇنلار. ھەر قانداق مەشرەپلەر (بولۇپمۇ دولان مەشرەپلىرى) دە بىر نەچچە دۆرە نەغمە-ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھېرىپ-چارچاشلىرىغا ئارام بېرىش يۈزىسىدىن ھەم مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلارندۇرۇش ئۈچۈن «يىگىتبېشى» تەرىپىدىن «دەررە ئويۇنى» ، «پوتا ئويۇنى» ، «چاي تۇتۇش ئويۇنى» ، «بېيىت-قوشاق ئېيتىش» قاتارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولۇپ، مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى باشلاپ بېرىدۇ. ئونىڭدىن كېيىن باشلىغۇچى كىمنى خالىسا شۇ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇننى ساۋاملاشتۇرىدۇ. ئالايلۇق، «چاي تۇتۇش ئويۇنى» دا A كىشى بىر پىيالە. سىنچاينى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئۈچ يۈز ئاتمىش گرادۇس ئايلاندۇرۇپ(پىيالىدىكى چايدىن بېرەر تېمىممۇ تۆكۈلمەسلىكى شەرت) چىققاندىن كېيىن، بىرەر كوپلېت بېيىت بىلەن قولىدىكى چاينى كۆڭلى خالىغان B كىشىگە تۇتىدۇ. ئۇ كىشى تەزىم بىلەن پىيالىنى قوبۇل قىلىپ، مەيدانغا چۈشىدۇ ھەمدە A كىشى بېجىرگەن تەرتىپ بويىچە پىيالىنى پىرقىرىتپ بولۇپ، بېيىت بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشىگە سۇنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئويۇن داۋاملىشىۋېرىدۇ. يىگىتبېشى ۋە مەشرەپ ئەھلى ئويۇنغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ناۋادا كىمكى ئالىقىنىدىكى پىيالىنى پىرقىرىتىش جەريانىدا چاينى تۆكۈۋەتسە، يېڭىلگەن ھېسابلىنىپ «جازالىنىدۇ» . بۇ «جازا» مەشرەپ ئەھلى تەلەپ قىلغان نەرسىنى ئورۇنداپ بېرىش ياكى ئۆزىنىڭ چامى يېتىشىچە بىرەر نومۇر(ناخشا ئېيتىپ بېرىش، بىرەر ھايۋاننى دوراپ بېرىش، باشقىلارنى تەبئىي كۈلدۈرەلەيدىغان بىرەر قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىش ئويۇنلىرى قاتارلىقلار) نى ئورۇنداپ بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا مەشرەپكە قاتناشقانلار «قۇرۇق قول» كەلمەستىن، مۇشۇنداق ئېھتىماللىقلارغا ئىدىيىۋى ھازىرلىق كۆرۈپ قويىدۇ. 

ئونىڭدىن باشقا دولان مەشرەپلىرىدە دراما خاراكتېرىنى ئالغان ھەر خىل كۈلكىلىك ئويۇنلارمۇ ئوينىلىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىلىقنى ئەيىبلەيدىغان «ساندۇق ئوغرىسى» ئويۇنى، سودا كارۋانلىرىنى دورايدىغان «تۆگە ئويۇنى» ، مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ھەجۋىي قىلىدىغان «ئامبار ئويۇنى» ، ئەخلاقسىزلارنى مەسخىرە قىلىدىغان «بوۋا» ، «شىر» ، «ئىككى مۈشۈكنىڭ بەز تالىشىشى» قاتارلىق كومېدىيىلىك ئېپىزوتلارمۇ ئوينىلىدۇ. 

 ئىككىنچى تۈركۈمى

مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى «جازا ئويۇنلىرى» دىن ئىبارەت. مەشرەپ گەرچە ئىختىيارىي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى پائالىيەت بولسىمۇ، قەدىمدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى قائىدە-نىزاملىرى بولغان. بۇ قائىدە-نىزاملار مەشرەپنىڭ نورمال ۋە تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «مەشرەپ ئاساسىي قانۇنى» بولۇپ، تەتىپىنى بۇزغانلار، «يىگىتبېشى» نىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىغانلار ۋە ئاياللارغا ئەدەبسىزلىك قىلغانلار «جازاغا تارتىلغان» ، بۇ جازا مەشرەپ ئەھلىنى ھەم كۈلكىگە سالىدىغان، ھەم قاتتىق ئىبرەتكە ئىگە قىلىدىغان «سامسا يىقىش» ، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش» ، «جۇۋازغا قېتىش» ، «ئۆپكە قۇيۇش» ، «نونەك تۈگۈش» ، «باش چۈشۈرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان جازا خاراكتېرلىك ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ جازا مەشرەپنىڭ قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلار سېزىلسە، پاششاپ(مەشرەپنىڭ تەرتىپ-ئىنتىزامىغا مەسئۇل بولغۇچى) نەق مەيداندا «يىگىتبېشى» غا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، يىگىتبېشى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر قىلمىشى ئېغىر بولسا مەشرەپتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. مەشرەپ جازاسىغا ئۇچرىغانلار جامائەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان بولغاچقا، ھەممە كىشى مەشرەپنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى.

دېمەك، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەم مىللىي سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ھەم خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان، ھەم ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ئۇنېۋىرسال مەكتەپتۇر. 

دولان مەشرىپىمەشرەپ مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلىرىگە مۇناسىپ، ئونىڭدا ئوينىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ تۈرىمۇ، مەزمۇنىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، دولان مەشرەپلىرىدە تولاراق ئەمگەك ئۇسسۇلىغا ئوخشاش ئەمگەك پائالىيىتى ئىپادىلىنىدىغان «تۈگە ئويۇنى» ، «غاز ئۇسسۇلى» ، «بوۋا ئويۇنى» ۋە «ئامبال ئويۇنى» ، «ئوردا ئېچىلىدى» ئويۇنىدا ئوينىلىدىغان ھەر خىل جازا بېرىش ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ، مەسىلەن، «بوۋا» ئويۇنىدا بىر «ئايال» (گىرىم قىلغان ئەر كىشى بوۋاي قىياپىتىدە ياسىنىپ، قولىدا ھاسا تۇتقان ھالدا) «ئورمىچى، ساتىراچ، چىش دوختۇرىمەن» دەپ سورۇنغا كىرىپ كېلىدۇ-دە، ئورمىچىغا سىمۋول قىلىپ ئېڭىشكەن ھالدا بەپالا ھالەتتە ئولتۇرغانلارنىڭ پۇت-تىزلىرىغا ھاسسىسى بىلەن ئۇرۇپ-چوقۇپ رەتلىك ئولتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ساتىراچقا سىمۋول قىلىپ بىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ چېچىنى ئېۋىتكەن بولۇپ، بېشىنى قىسىپ-قورۇپ، چېچىنى تارتىپ ۋاي جان دېگۈزىدۇ. چىش دۇختۇرى سىمۋولىدا بىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئامبۇر بىلەن ئۇنىڭ چىشىنى تارتقان ھەرىكەتنى قىلىدۇ. چىشى تارتىلغىنى «ۋاي جان! » دەپ ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ ئارقىسىغا يېقىلىپ چۈشىدۇ. شۇئان بىرى چىقىپ: «دات پادىشاھىم، بۇ بوۋاي ئاكامنى ئۆلتۈرۈپ قويدى» دەپ يىگىت بېشىغا ئەرز قىلىدۇ، قازى سوراپ-تەكشۈرۈپ بوۋايغا ئۇنىڭ ئاكىسىنى «تىرىلدۈرۈپ بېرىسەن» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بوۋاي «ئۆلۈك» نىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇرغانغا تەقلىد قىلىپ «بىرنى ئۇرسام مىدرايسەن، ئۈچنى ئۇرسام» دەپ قولىنى كۆتۈرۈش بىلەن تەڭ «ئۆلگۈچى» «ۋاي جان! ۋاي جان! » دەپ سەكرەپ قوپۇپ كېتىدۇ، بۇ ئارىلىقتا دەۋاگەر ھېلىقى «ئايال» نى باشلاپ چىقىپ كېتىدۇ، بوۋاي ئۇياق-بۇياققا قاراپ: «ۋاي! ھەمرىيىم قېنى؟ . . . خان» دەپ مەيداندىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ. سورۇندا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلىدۇ. «ئامبال ئويۇنى» دا فېئودال ئەمەلدارلار مەسخىرە قىلىنىدۇ، «غاز ئويۇنى» (بىرى جۇۋىنى تەتۈر كېيىپ بېشىغا غاز بېشىدەك گىرىم قىلىپ، بەدەن ھەرىكىتىنى ساماغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ) ئوۋچىلىقنى ئىپادىلەيدۇ. «تۈگە ئويۇنى» (ئىككى ئادەم جۇۋىنى تەتۈر كىيىپ بىرى بېشىغا تۆگە بېشىدەك گىرىم قىلىپ، بىرى قۇيرۇقى بولىدۇ. بىرى ئۇنى يېتىلەپ سورۇنغا كېلىش بىلەن تۆگىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئۇرۇندايدۇ) كارۋانلار تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ئويۇنلاردا ئىپادىلەنگەن ئوبرازلىق ھەرىكەتلەرنىڭ قىزىقلىقىدىن كىشى ئىختىيارسىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالىدۇ. دولان مەشرەپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن بولغان بۇ ئويۇنلار قەشقەر رايونى تەۋەسىدە كەڭ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئابداللار ئىچىدىمۇ ئوينىلىدۇ. 

مەشرەپتۇرپان، قومۇلدا ئادەتتە مەشرەپ سۆزى ئورنىدا مېيلىس، قېيىت، كۆك(مايسا) ئويۇنى سۆزلەر قوللىنىلىدۇ. «مېيلىس» ئاساسەن توي-تۆكۈندە ئوينىلىدۇ، بۇنىڭدا ئادەتتە نەغمە-ناخشا بىلەن «پوتا ئۇسسۇلى» ئوينىلىدۇ، «قىيىت» ۋاقىت چەكلىمسىگە ئۇچرىمايدۇ، قاچانلا بولسۇن قاتارى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆك(مايسا) ئويۇنى(مەشرىپى) ئاساسەن قىش پەسلىدە ئوينىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل نامدا ئاتىلىدىغان مەشرەپلەرنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى ئالدى بىلەن نەغمە-ناخشا ئاساس قىلىنغان «پوتا ئۇسسۇلى» ياكى «نازىرگۇم ئۇسسۇلى» (بۇنىڭدا ئات مىنىش، ئەينەككە قاراش، نازلىنىش، مۇھەببەت ئىزھار قىلىش، پىگۇرا چىقىرىپ مېڭىش قاتارلىق ئوبرازلىق ھەرىكەتلەر ئىپادىلىنىدۇ) ئوينىلىدۇ. «قىيىت» ، كۆك (مايسا) مەشرىپىدە پوتا ئۇسسۇلىدىن باشقا قوشۇمچە ھالدا بېيىت ئېيتىش ۋە دولان مەشرەپلىرىدىكىدەك« ئوردا ئېچىلدى» قاتارلىق ھەرخىل قىزىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ.

كۆك(مايسا) مەشرىپىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، قىش پەسلى يېتىپ كېلىش بىلەن مەھەللىلەردە ئۆي ئارىلاپ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئاتاپ بىر قاچىدىن بۇغداي ياكى ئارپا ئۈندۈرۈپ مايسا قىلىدۇ ياكى سامساق تىكىپ كۆكەرتىدۇ، مايسا ياكى سامساق كۆكى قايسى ئائىلىدە بۇرۇن تەييار بولغان بولسا شۇ ئائىلە ئوتتۇز ئوغۇلنى تەكلىپ قىلىپ چاي ئۆتكۈزۈىدۇ. چايدىن كېيىن نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بولىدۇ. ساھىبخان قولىدا ئۆستۈرۈلگەن مايسىنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، سورۇننى بىر-ئىككى ئايلانغاندىن كېيىن، ئالدىن دىتلاپ قويۇلغان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى ئېيتىپ، تەزىم قىلىپ مايسىنى شۇ كىشىگە تۇتىدۇ.

قىشلىقى ئۈندۈردىلەر بىر دانە بۇغداينى،

سۇغىرىپ مايسا قىلدى شۇ دانە بۇغداينى،

كېچە-كۈندۈز ياد ئېتىپ ئۈستۈن خۇدانى،

چىللى زېمىستاندا ئۈنەر سەبزەبىمارنىڭ ئەگىلى،

ياخشىلارنىڭ مەھەللسىدە زەردەك ئۈنەر قىشلىقى.

قىشلىقى ئۈنگەن چېچەكنىڭ تەرىپى نازۇك بولۇر،

سۇغىرىپ گۈل سانجىقىلى ئالغان كىشى ئاشىق بولۇر،

تام چېچەك تامدىن ئېگىز بارمۇ چېچەك، 

كۆرگىلى كۆكلۈك تامدىن ئېگىز مايسا چېچەك.

بۇ چېچەكنىڭ تەرىپىنى مۇم بىلەن نام ئەيلىدۇق.

قىش زېمىستاندا ئۆزلىرىگە تۆھپە-سوۋغا يوللىدۇق.

مايسا سۇنۇلغان كىشى دەرھال ئونىدىن تۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، مايسىنى ئىككى قوللاپ ئالىدۇ. بۇ بىرىنچىدىن شۇ يىلقى مەشرەپنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن كېلەر قېتىم ئوتتۇز ئوغۇل بىزنىڭ ئۆيگە تەكلىپ دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن بېيىت، لەتىپە-چاقچاق بولىدۇ ۋە پوتا ئۇسسۇلى باشلىنىدۇ. 

ئىلى قاتارى مەشرەپ-بەزمىلىرىدە نەغمە-ناخشا، لەتىپە-چاقچاق ئاساسلىق ئورۇندا بولۇپ، قوشۇمچە «گۈلچاي ئويۇنى» ۋە «ئوردا ئېچىلدى» قاتارلىق ھەر خىل قىزىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. ناخشىغا دۇتار، تەمبۇر، ئىسكىرىپكا تەڭكەش قىلىنىدۇ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ناخشىلار ئېيتىلىدۇ. 

گۈلچاي ئويۇنى ئىلى مەشرەپ-ئولتۇرۇشلىرىدا ئوينىلىدىغان ئاساسلىق ئويۇن بولۇپ، مۇنداق ئوينىلىدۇ: گۈلچاي ئاساسەن قىشتا ئوينىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا ھەر خىل شەكىل چىقىرىپ ئالمىدا گۈل ياسىلىدۇ، گۈل ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ يېرىدىن تۈۋى ئاچىماقلانغان ئۈچ تال چىۋىققا سانجىپ پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە قاداپ تۇرغۇزۇلىدۇ ياكى قىشتا ئۆستۈرۈلگەن گۈل ئىشلىتىلىدۇ. ئويۇن بىر پەس نەغمە-ناخشا، لەتىپە-چاقچاقتىن كېيىن باشلىنىدۇ. يىگىت بېشى ئوردا ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ساھىبخان ياكى بىر قىزىقچى گۈل چاينى قولىغا ئېلىپ، بىر-ئىككى ئېغىز شائىرانە سۆز بىلەن كۆڭلى تارتقان بىرىنىڭ ئېتىنى ئاتاپ شۇنىڭغا تۇتىدۇ. ئۇ ئېلىپ شۇ تەرىقىدە يەنە بىرىگە تۇتىدۇ. ئويۇننىڭ داۋامى ۋە ئاخىرى خۇددى پوتا ئۇسسۇلىدا پوتا تۇتقاندەك ئوينىلىپ باشلانمىسىغا ياندۇرۇلىدۇ، ئەگەر ياندۇرۇشتا ئېزىپ كەتكۈچىلەر بولسا، ھەر خىل قىزىق ۋە قىيىن ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىش، دوراپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ.

«ئوردا ئېچىلدى» : بۇ ئويۇندا ئادەتتە، نەغمىچىلەرنى ئارام ئالدۇرۇش، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ھەر خىل ھەۋەس-تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئەخلاقىي تەربىيە بېرىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئويۇن جەريانى «ئەرز-شىكايەت ئېيتىش» ، «سوراق قىلىش» ، «ھۆكۈم چىقىرىش» ، «جازا ئىجرا قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئويۇن دولان مەشرىپى، تۇرپان، قۇمۇل، ئىلى مەشرەپلىرىدە ئوخشاش ئوينىلىدۇ.

ئويۇن جەريانى

ئويۇن جەريانى: يىگىت بېشى، قازى تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە يىگىت بېشى «ئوردا ئېچىلدى» دەپ ئېلان قىلىدۇ. پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى تەرتىپ ساقلاپ جىم ئولتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سورۇندا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، بۇ جىمجىتلىقتىن ئىچى بۇشقانلار پىچىرلىشىپ ياكى تاماكا چېكىپ، ياكى يەل-يېمىشكە ئېغىز تەگكۈزۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرى: «دات بېگىم! تەرتىپنى بۇزۇپ مۇنداق قىلدى» دەپ شىكايەت قىلىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزىلەرنىڭ مەشرەپ سىرتىدا سادىر قىلغان ئەدەپسىزلىك قىلمىشلىرىمۇ پاش قىلىنىپ شىكايەت قىلىنىدۇ. ئەرز-شىكايەت تۈگىگەندىن كېيىن، قازى بىر-بىرلەپ سوراپ» خاراكتېرى «نى ئېنىقلاپ، ئۇلارغا تېگىشلىك» جازا «ھۆكۈم قىلىدۇ، شۇ قاتاردا مەشرەپكە كېچىكىپ كەلگەنلەر(رۇخسەتسىز كەلمىگەنلەر ئەگەر مەھەللە ئىچىدە بولسىلا ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرىتىلىدۇ) گىمۇ چارە كۆرۈلىدۇ، بېرىلىدىغان جازالار كۆپچىلىكن قاتتىق كۈلكىگە سالدىغان ۋە ئىبرەتكە ئىگە قىلىدىغان «جازا» لاردىن بولۇپ، جايلار بويىچە بىر قەدەر ئورتاقلىققا ئىگە، جازا تۈرلىرى «تامغا سۈرىتىنى تارتىش» ، «يۇلتۇز كۆرسىتىش(ئۆپكە قويۇش) » ، «سامسا يېقىش» ، «جۇۋازغا قېتىش» ، «قوغلاندى قىلىش» ، «ئىشتىراپ قويۇش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دولان مەشرىپىدە ئۇلاردىن باشقا «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش» جازاسىمۇ بېرىلىدۇ.

تامغا سۈرەت تارتىشتا، جازالانغۇچىنىڭ بېلىنىڭ ئۈستى يالىڭاچلاندۇرۇلۇپ، غۇلىچى كەرگۈزۈلۈپ تامغا چاپلاپ تۇرغۇزۇلىدۇ-دە، ئارقىسىدىن سوغۇق سۇ پۈركىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تامدا ئۇنىڭ سۈرىتى پەيدا بولىدۇ. «يۇلتۇز كۆرسىتىش» تە جازالانغۇچى ئىشىك تۈۋىگە تۇرغۇزۇلىدۇ، چاپىنى سالدۇرۇلۇپ، بىر پېشى بىلەن بېشى پۈركىلىدۇ، بىر يېڭى ئىشىك سىرتىغا چىقىرىلىپ بىر نوگاي سوغۇق سۇ قويۇلىدۇ. «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش» تە جازالانغۇچى ئوتتۇرىدا ياتقۇزۇلۇپ، ئىككى يېنىدا بىردىن ئىككى ئادەم ياتىدۇ-دە، ئۇنىڭغا قاراپ بىرى بىر نەرسە دەپ بولۇشىغا يەنە بىرى بىر نېمىدەپ، ئۇنى تەڭلىككە سېلىپ، قۇلاق مېڭىسىنى يەپ چاق تويغۇزىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىككى خوتۇن ئالغان ئەرنىڭ جېنىغا ۋايلىقى ئىپادىلىنىدۇ. «ئىشتىراپ قويۇش» تا، جازالانغۇچىغا كېلەر قېتىمقى ئولتۇرۇشتا دانە قوي(يەل-يېمىش) ، موزاي(قوغۇن) ، تۆگە(تاۋۇز) ئەكېلىش ئىشتىراپ قويۇلىدۇ. مەشرەپ جازاسى ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جازا «جوغلاندى قىلىش» بولۇپ، جازالانغۇچى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقانلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورۇن-مەرتىۋىسىنىڭ قانداقلىقىدىن قەتئىينەزەر، مەشرەپ قائىدە-تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلسا بىردەك «سوراق قىلىنىپ» «جازا» غا تارتىلىۋېرىدۇ. 

ئوتتۇز ئوغۇل قازىنىڭ سوراق، ھۆكۈملىرىدە ئادىل بولمىغان ئەھۋاللارنى سەزسە، تېپىشماق شەكلىدىكى ھەر خىل سوئاللارنى، ئالايلۇق: «تېنى بەش، جېنى تۆت، باردۇر ئۇنىڭ يۈز تىرنىقى؛ بۇ ئاجايىپ ئىش ئەمەسمۇ، بەشى بېرىپ، تۆتى قايتقىنى» دىگەندەك سۇئاللارنى قويۇپ پەم-پاراسىتىنى سىناپ كۆرىدۇ «تاۋۇت كۆتۈرگەن تۆتى بىلەن جەسەت قوشۇلۇپ بەش تەن؛ تاۋۇت كۆتۈرگۈچى تۆت جان؛ ھەر ئادەمدە يىگىرمىدىن جەمئىي 100 تىرناق؛ جەسەت قالدى، تاۋۇت كۆتۈرگۈچى تۆتى قايتتى. توغرا جاۋاب بېرەلمىسە قازىنىڭ كەمچىلىك خاتالىقلىرىنى پاش قىلىش بىلەن شىكايەت قىلىدۇ ۋە لاياقەتسىز دەپ قارىسا، نەق مەيداندا ئېلىپ تاشلاپ باشقا قازى سايلايدۇ.

مەشرەپ-ئولتۇرۇشلاردىن باشقا يەنە مەشرەپ تۈسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن «قار ئويۇنى» ، «توپۇق ئويۇنى» قاتارلىق ئويۇنلارمۇ كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

قار ئويۇنى

قار ئويۇنى: قار ئويۇنىمۇ ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، قىش پەسلى كىرىپ تۇنجى قار يېغىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوينىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز قارنى «قىشنىڭ زىننىتى» ، «يىلنىڭ ئوبدان كېلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى» دەپ ھېسابلاپ، تۇنجى قار مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز خۇشاللىقلىرىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بۇ ئويۇننىمۇ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى قىلىپ كەلگەن. بۇ ئويۇننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بىرىنچى، چوقۇم قارلىق تاشلىغان بولۇشى شەرت. ئىككىنچى، پەقەت تۇنجى قار شەرىپىگە يىلدا بىر قېتىم ئوينىلىشى شەرت. ئۈچىنچى، ئويۇن قاتناشچىلىرىنىڭ سانى قارلىق تاشلاش مەسلىھىتىگە قاتناشقانلارنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بەلگىلىنىشى شەرت. تۆتىنچى، ئويۇندا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل، لەتىپە-چاقچاق ئاساس قىلىنىشى شەرت. بۇنىڭدىن باشقا ئويۇن داستىخىنى مولراق بولىدۇ. بۇ ئويۇن:

يېڭى قارنى ياغدى دەپ،

سىزگە قارلىق تاشلىدۇ.

بۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلۇقىدىن،

بۇ ئويۇننى باشلىدۇق.

كۆڭلىمىزنىڭ يېقىنلىقىدىن،

يالغۇز سىزنى تاللىدۇق.

دېگەن قارلىق قوشىقى يېزىلغان «قارلىقنامە» نىشانلانغان ئۆيگە تاشلىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. «قارلىقنامە» دە ئالدى بىلەن قارلىق قوشىقى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى تۇنجى قار بىلەن مۇبارەكلەپ مۇنۇ شەرتلەر قويۇلىدۇ: قارلىق بېسىۋالسا يەنى «قارلىقنامە» نى سەزمەي «قارلىقنامە» ئېلىپ بارغۇچىنى تۇتۇۋالالمىسا، تەلەپ بويىچە ئوبدان مەشرەپ بېرىش، ئەگەر تۇتۇۋالالىسا، «قارلىقنامە» ئېلىپ بارغۇچىنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋاپ، ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلىش. شۇنىڭ ئۈچۈن «قارلىقنامە» نى ئۆي ئىگىسىگە سەزدۈرمەي ئولتۇرغان جاينىڭ بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاستا خوشلىشىپ چىقىدۇ-دە، «قارلىق بېسىۋالمىسۇن» دەپ ۋارقىراپ قويۇپ قاچىدۇ. ئۆي ئىگىسى «قارلىقنامە» نى تېپىپ ئارقىسىدىن قوغلىغىچە، ئۇ بارىدىغان يېرىگە بېرىپ بولىدۇ. چۈنكى قولىدا «قارلىقنامە» يول ھالدا «قارلىقنامە» ئېلىپ بارغۇچىنى قوغلاپ تۇتۇۋالغىنى بىكار بولىدۇ. قارلىق تاشلانغۇچى ئۇنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىشى شەرت. ئەمەلىيەتتە نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىش بىر قەدەر تەسكە توختايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە قارلىق تاشلانغۇچى تەلەپ بويىچە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. 

توپۇق

توپۇق: توپۇق ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى ئىز-نىشانلىرى قويۇق ساقلىنىپ كەلگەن كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئويۇن ئەجدادلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە مالچىلار ئۇچراشقاندا، ئۆز ئارا مېھمان بولۇشقاندا يېيىلگەن قوينىڭ توپۇقىنى ئۇچراشقانلىق خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە بىر-بىرىگە تۇتۇش ۋە ئۇنى يادىكار قىلىپ ساقلاش مەقسىتىدە ئويناپ ئادەتلەنگەن ئويۇن. ئۇ ئاساسەن ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن ئادەمنىڭ ھۇشىيارلىقىنى، تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە مۇنداق ئوينىلىدۇ: دوستلار بىرلىكتە تاماق ياكى گۆش يېگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن چىققان توپۇقنى كۆڭلى تارتقان بىرىگە: «دوستۇم بۇ ساڭا ئامانەت» دەپ تۇتىدۇ، قارشى تەرەپمۇ خۇشاللىق بىلەن ئالىدۇ. بۇ توپۇق ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، شۇ مەيداندا ئويۇننىڭ شەرتلىرى بەلگىلىنىپ ئىككى تەرەپ شەرتلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا ۋەدە-توختام تۈزۈشىدۇ. بۇنىڭغا مەيداندىكىلەر، ھەتتا مەھەللىدىكى مۆتىۋەرلەر شاھىد قىلىنىدۇ. ۋەدە-توختام مەزمۇنى ئامانەتنى نەق مەيداندا تون ياپىمەن دېگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. توپۇق ئويۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغا قەدەر بولىدۇ. بۇ چەكتىن ئۆتۈپ كەتسە ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى دىققەت قىلىپ كۆزىتىدۇ. توپۇق تۇتقۇچى ھەر دائىم ئۆزىنى بۇ ئىشنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنگە سېلىپ يۈرۈشكە تىرىشىدۇ، قارشى تەرەپمۇ بىپەرۋا يۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئىشقىلىپ ئىككىلا تەرەپ بوش كەلمەيدۇ. توپۇق تۇتقۇچى قارشى تەرەپ سەپەردىن قايتقان پۇرسەتتىن ياكى يىغىنلىق بولغان چاغلاردىن، ھەتتا ئۆلۈم پەتىلىرىگە بارغان، يۇيۇنغان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ سورايدۇ. قارشى تەرەپ ھەر ئېھتىمالغا قارشى توپۇقنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ. تۆشۈك ئېچىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ يانچۇقلىرىغا چىگىپ ساقلايدۇ، ھەتتا ئىشتان لىپىزىگە تىكىپمۇ ساقلايدۇ، ئىككى تەرەپ قانچىلىك دىققەت قىلسىمۇ ئۇتۇش، ئۇتتۇرۇش ھامان يۈز بېرىدۇ. 

ھازىر توپۇق ئويۇنىنىڭ مۇنداق شەكلى ئومۇملىشىپ كېتىۋاتىدۇ: بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كوللېكتىپ توپۇق تۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ۋەدە-توختام تۈزۈلمەيدۇ. دوستلار(ئەر-ئايال) بىر يەرگە يىغىلىپ قالغاندا تاماق ئىچىگە مەقسەتلىك ھالدا بىر توپۇق سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇ توپۇق كىمگە چىقسا شۇ كۆپچىلىككە بىر ئولتۇرۇش قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دوستلار ئارا قاتارى بەزمە باشلىنىشقا يول ئېچىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#