ھامىلىنڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى

ھامىلىنىڭ ئانا بەدىنىدىن ئايرىلىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تەدرىجىي ماسلىشىدىغان ئۆتكۈنچى دەۋرى-يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھامىلىنڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胎身体状况

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھامىلىنىڭ ئانا بەدىنىدىن ئايرىلىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تەدرىجىي ماسلىشىدىغان ئۆتكۈنچى دەۋرى-يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋر 82 كۈن بولىدۇ. ھامىلە 73-ھەپتىگە توشۇپ 42 ھەپتىگە يەتمىگەن، تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 2500 گرامغا يەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 45 سانتىمېتىرغا يەتكەن بوۋاق ئاي-كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاق دېيىلىدۇ.  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئۆزگىرىش تېز بولغاچقا، بوۋاقلارنىڭ تېرە رەڭگى، نەپەسلىنىش ئەھۋالى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، قۇسۇشنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە چوڭ-كىچىك تەرىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنىڭدەك ئۆي كۈن نۇرى چۈشىدىغان، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك.

ئۇندىن باشقا ئۆي ئىچىنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەرقايسى ئورگانىزملىرىدىك−ى ئ−الاھ−ىدى−لىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

 1.نەپەسلىنىش بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنلا، تەرتىپلىك نەپەسلىنىشكە باشلايدۇ. ئۇلاردا نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنىڭ تىكلىنىشى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن كىندىك قېنى ئارقىلىق بارىدىغان ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ توختىشى، قان تەركىبىدىكى CO2 نىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە سىرتقى سوغۇق ھاۋانىڭ بالا تېرىسىنى غىدىقلىشى تۈپەيلىدىن، نېرۋا مەركىزىدىكى نەپەسلىنىشنى باشقۇرغۇچى مەركەزنىڭ قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدەك تۇغۇلغاندىن كېيىن، كۆكرەك بوشلۇقى بىراقلا كېڭىيىپ، مەنپىي بېسىم ھاسىل بولۇپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا تولۇپ كۆپۈشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرىلىدۇ. شۇڭا بىرىنچى قېتىملىق نەپەسلىنىش ھەمىشە چوڭقۇر نەپەس ئالغان ھالەتتە بىلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشى تېز، ئەمما ئۈزە بولۇپ، ھەر مىنۇتىغا 60-40 قېتىم نەپەسلىنىدۇ.

2. قان ئايلىنىش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈرەك نېرۋىلىرىنىڭ تارقىلىشىدا سىمپاتىك نېرۋا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاداشقان نېرۋا تولۇق تەرەققى قىلمىغان ھەمدە قوزغىلىشچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا يۈرەكنىڭ قىسقىرىشى ۋە كۈچلۈكلىكىنى تۇرموزلاش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يۈرىكىنىڭ سوقىشى تېزراق، مىنۇتىغا 140-120 قېتىم بولىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا، بالا ئەمدىلا تۇغۇلغان چاغدا، قان گەۋدە بىلەن يۈرەككە كۆپرەك يىغىلىپ، تۆت مۆچە ساھەسىگە ئازراق ئېقىپ كەلگەچكە، قول-پۇتلىرى مۇزدەك، كۆكەرگەن ھالەتتە بولىدۇ.

3. بەدەن ھارارىتى بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەش مەركىزى تېخى ياخشى تەرەققى قىلىپ يېتىلمىگەنلىكى ۋە تېرىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سىرتقى مۇھىت تېمپۇراتۇرىسىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. ئۆي تېمپۇراتۇرىسى ئانا تېنىنىڭ ھارارىتىدىن تۆۋەن بولغاچقا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بەدەن ھارارىتى 2℃ ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بەدەن ھارارىتى تەدرىجى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 24-12 سائەت ئىچىدە 36-37℃ ئارىلىقىدا مۇقىملىشىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ھارارىتىنى كۈندە بىر قېتىم ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر 38℃ تىن يۇقىرى بولسا، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ۋە ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچەش لازىم. بەدەن ھارارىتى 36℃ تىن تۆۋەن بولغاندا، ئىسسىق ساقلاش لازىم. ياز پەسلىدە بەك قېلىن يۆگىمەسلىك ياكى قېلىن كىيىندۈرمەسلىك كېرەك.

4.ئېمىتىش ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىلسە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئانا سۈتى تەركىۋىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە شىكەرنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇپ، مەلۇم مىقداردا كالتسىي، فوسفور بولۇشتىن سىرت، ئانتىتتىلا ۋە يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرمۇ بولغاچقا، بوۋاقلار قىسقا مۇددەتتىلا ئىممونت كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان قەنتى تۆۋەنلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇندىن باشقا، تۇغۇلۇپ 4 سائەتتىن كېيىن شېكەر سۈيى ئىچكۈزۈپ، 8-6 سائەتلىك بولغاندا ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئەگەر كالا سۈتى ئېمىتىلمەكچى بولسا، تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە، كالا سۈتى بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 1∶1؛ تەدرىجى 2∶1 ياكى 3∶1 ، 4∶1 تاكى ساپ سۈتكىچە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا قوي دۈمبە يېغى سېلىنغان 5% لىك شېكەر سۈيى بىلەن بۇلماق ئېتىپ بېرىلىدۇ. سۇيۇقلاندۇرۇلغان سۈت ئۇزۇن مۇددەت ئېمىتىلسە، ئوزۇقلىنىش ناچارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

5.كىيىم-كېچەك ۋە چوڭ-كىچىك تەرىتى بوۋاقلارنىڭ كىيىم-كېچىكى پەسىل ۋە ئۆي تېمپۇراتۇرىسىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئومومەن يۇمشاق، يېنىك بولغىنى ياخشى. تۇغۇلۇپ بىرىنچى كۈندىكى چوڭ تەرىتى قارامتۇل قوڭۇر ياكى قارامتۇل يېشىل بولۇپ، بۇ ھامىلە تەرىتى دىيىلىدۇ، سۈت ئېمىتكەندىن كېيىن تەدرىجى سارغىيىپ، ھەركۈنى تەخمىنەن 4-3 قېتىم كېلىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ قېتىن سانى ۋە راخاراكتېرى ئوزۇقلاندۇرۇش ئەھۋالىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، ئوڭايلا ئىچى سۈرۈپ، تەرەت رەڭگى سارغىيىپ، قېتىم سانى كۆپىيىدۇ ھەمدە گەندە بىلەن سۇ ئارىلاشمايدۇ، شېكەر كۆپ بولۇپ كەتكەندە، قورساق كۆپۈش، چوڭ تەرەتتە كۆپۈك كۆپ بولۇش، ئاچچىق پۇراش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا ئوزۇنلاندۇرۇشنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىيىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سۈيدىكى سۈزۈك، سۇس سېرىق بولۇپ، كۈنىگە 01 نەچچە قېتىم كېلىدۇ. ئەگەر 42 سائەتتىمۇ چوڭ-كىچىك تەرەت كەلمىسە، غەيرىلىك بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

6. بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇلۇپ 4 ~ 2 كۈندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مىقدارى ئاز، نەپەس، چوڭ-كىچىك تەرىتى ۋە تېرىنىڭ پارغا ئايلاندۇرىدىغان سۇيۇقلىقى كۆپ بولۇش تۈپەيلىدىن بەدەن ئېغىرلىقىدا فىزىئولوگىيىلىك تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3-7% يەڭگىلەيدۇ. تۆت كۈندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى قايتا ئۆرلەپ، 10-7 كۈندە ئاندىن تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تېزلىكتە ئاشىدۇ.

7.تېرە بوۋاقلار تۇغۇلغاندا، تېرىسىنى دەسلەپتە ھامىلە يېغى قاپلىغان بولىدۇ، ھامىلە يېغىنىڭ تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە تېرىنىڭ ئىسسىقلىقى تارقىتىشىنى ئازايتىش رولى بار. لېكىن ساقلىنىش ۋاقتى زىيادە ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ياغ كېسلاتاسىغا ئايلىنىپ، تېرىنى غىدىقلاش بىلەن تېرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران، ئۈستۈنكى مۈڭگۈز قاتلىمى ناھايىتى نېپىز، قوغدىنىش ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقتىن، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

8.ھەزىم قىلىش ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، يۇتۇش خىزمىتى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئەمما قىزىل ئۆڭگەچنىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى بولمىغانلىقى ۋە ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى قورىغۇچى مۇسكۇل يېپىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەمدە ئاشقازان تۈز تۇرغانلىقتىن ئوڭايلا سۈت ياندۇرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقىنىڭ رولى ئاجىز، ھەزىم قىلىش خىزمىتىنىڭ پائالىيىتى تۆۋەن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. شۇڭا سۈتنى قوسۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرقېتىم سۈت بېرىپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئۆرە قىلىپ، دۈمبىگە يەڭگىل ئۇرۇپ، يۇتۇۋالغان ھاۋانى چىقىرىۋېتىش لازىم.

9.ئۇيقۇسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى تۆۋەنرەك بولۇپ، تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، كۈنىگە تەخمىنەن 20 سائەت ئۇخلاش ھالىتىدە تۇرىدۇ، كېيىنچە چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇخلاش ۋاقتى تەدرىجى قىسقىرايدۇ.

10. فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق تۇغۇلۇپ 4-2 كۈنگىچە ئاي كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەخمىنەن 30-50% نىڭ، ئاي-كۈى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەخمىنەن 70% نىڭ تېرىسى ۋە كۆزىنىڭ ئېقى ئاستا-ئاستا سارغىيىپ، تەخمىنەن 10-7 كۈندە يوقىلىدۇ. ھامىلە دەۋرىدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدە ئوكسىگىن ئاز بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۆپكە ئارقىلىق نەپەس ئېلىش شەكىللىنىپ، ئېشىپ قالغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بۇزۇلۇپ، كۆپ مىقداردا ئۆت قىزىل بۇيىقى پەيدا بولىدۇ. جىگەرنىڭ خىزمىتى تولۇق بولمىغانلىقتىن، ئۆت قىزىل بۇيىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۆت قىزىل بۇيىقى قاندا يىغىلىپ، فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. ناۋادا سېرىقلىق بالدۇر پەيدا بولۇپ، ئۇزاققىچە ساقايمىسا ياكى تەدرىجى قېنىقلاشسا، كېسەللىك ھادىسىسى دەپ قارىلىدۇ.

11.تەبىئەت كۈچى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆزىدىكى ئىممونىت خىزمىتى تولۇق بولمايدۇ، ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئىممونىتلىق شارچە ئاقسىلى (I8G) نىڭ تۇغۇلۇپ، 6 ئاي ئىچىدە قىزىل، بوغما قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا ئىممونىتلىق ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكى يىرىڭلىق باكتىرىيىلەرگە نىسبەتنىمۇ قارشىلىق كۈچى كەم بولغاچقا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئاسان يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ، ھەتتا تەرەققى قىلىپ، قان بۇزۇلۇشقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

12. سۈت بېزى ۋە جىنسىي ئەزالار تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈن ئىچىدە سۈت بېزى چوڭىيىدۇ ۋە سۈتسىمان ئاجرالما چىقىدۇ. بۇ ھادىسە 3-2 ھەپتە ئىچىدە يوقىلىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەمچەكنى ھەرگىز سىقماسلىق كېرەك. قىز بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، جىنسىي يولدىن ھەمىشە ئاز مىقداردا قان ئاقىدۇ ۋە ئاق رەڭلىك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. بۇلار 2-1 كۈندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا توختاپ قالىدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللار تۇغۇتتىن ئىلگىرى ئانا تېنىدىكى ئانىلىق ھورموننىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز.

13.كىندىك پەرۋىشى كىندىك ئادەتتە 7-3 كۈندە چۈشىدۇ، كىندىك چۈشۈشتىن بۇرۇن، ھەركۈنى يۇيۇندۇرغاندا، كىندىك تۈۋىگە 75% لىك ئىسپىرت سۈرتۈپ دىزىنفىكسىيە قىلىنىدۇ. كىندىك چۈشكەندىن كېيىن، كىندىك تۈۋىدىكى قەقەچنىڭ ئۆزلۈكىدىن چۈشۈشىنى كۈتۈش كېرەك. كىندىك چۈشكەندىن كېيىن، كىندىكتە ھۆللۈك ياكى شىرلىك ئاجراتمىلار بولسا 75% لىك ئىسپىرت بىلەن تازىلاپ، 1% لىك گىنتيان ۋىئولىت سۈركەپ، مىكروپسىزلاندۇرۇلغان داكا بىلەن تېڭىپ قويۇلسا، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ.[HJ60x] 14.تۇغۇت ئۆسمىسى ۋە ھامىلە بېشىدىكى قانلىق ئىششىقنى بىر تەرەپ قىلىش تۇغۇت ئۆسمىسى)ھامىلە بېشىدىكى سۇلۇق ئىششىق(-ھامىلە بېشى تۇغۇت يولىدىن ئۆتكەندە، بېسىلىپ، باش تېرىسى ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىسىدا ھاسىل بولغان سۇلۇق ئىششىق بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندىلا مەۋجۇت بولىدۇ. ئادەتتە تۇغۇلۇپ 24-12 سائەتتىن كېيىن، تەدرىجى سۈۈرلۈپ، 3-2 كۈندە يوقىلىدۇ. ھامىلە بېشىدىكى قانلىق ئىششىق تۇغۇتتا زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىققان سۆڭەك پەردىسى ئاستىدىكى قاناش بولۇپ، كۆپىنچە بىرتەرەپ تۆپە سۆڭىكى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تۇغۇلۇپ 3-2 كۈندە ئېنىقراق بولۇپ، تۇتسا لىپىلداش سىزىمى بولىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى تومپىيىش سۆڭەك چاكلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. داۋاملىق قاناشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرگىز ئۇۋىلىماسلىق، يەرلىك ئورۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش، باشنى قىمىرلاتماسلىق، كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا ئۈچ كۈن ۋېتامىن K3 نى ئوكۇل قىلىش كېرەك. ھامىلە بېشى قانلىق ئىششىقىنىڭ يوقىلىشى ئاستىراق بولۇپ، كۆپىنچە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، تولۇق سۈمۈرۈلىدۇ. ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشتىن ئۈچۈن، قانلىق ئىششىقتىن قان تارتماسلىق كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1184

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#