ئاچچىق ئانار دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئاچچىق ئانار (خام دورا)
  2. ئاچچىق ئانار (ئۆسۈملۈك)
خام دورا

ئاچچىق ئانار

ئاچچىق ئانار

ئاچچىق ئانار ئاساسلىق ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورا بۇلۇپ، ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، قان تازىلاش ، يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلدۇ. 

دورا نامى ئاچچىق ئانار
پارسچە نامى ئانار تۇرۇش
ئوردۇچە نامى ئانار كەھتا
ئەرەبچە نامى روممان ھامىز
خەنزۇچە نامى 酸石榴
ئەل ئىچى نامى ئاچچىق ئانار
تۇنۇش مېۋە
شەكلى مېۋىسى يۇمىلاق، قىزىل
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
تەمى تەمى ئاچچىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچچىق ئانارئاچچىق ئانار ئاساسلىق ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، قان تازىلاش ، يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىش، يۈرەك چالاڭغۇراش كەيىپ قىلىشتىن بولغان مەسلىكنى يېشىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.

ئاچچىق ئانار، ۋاسالغۇ ئۈزۈم، زىرە قاتارلىقلاردىن 2 گرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ ئىچسە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.

مىقدارى: 25–30 گرام

ئورۇنباسارى: ناخوش ئانار

تۈزەتكۈچىسى: زەنجىۋىل، جويۇز

خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار.

يۆتەلگە، قورساق ئاغرىقىغا بىرىلمەيدۇ. كۆپرەك ئىستېمال قىلسا جىگەرنىڭ تارتىش قوۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. 

ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك جالاڭغۇراش، ئىچى سۈرۈش، ئېغىز جارائىتى، قۇلاق جاراھەتلىرى، قىچىشقاق، ھەرخىل ئىششىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەر خىل ئىچىملىكلەر ۋە چىكىملىكلەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش.

ئانار كىسلاتاسى(Punicicacid)، مانتول (Mannitol)، ئېسترادىئول(estradiol)، ئېسترون(estrone).

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.

[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=29

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=29

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#