بارماق دىسكا

بارماق دىسكا

ئاساسى تاختا، ئۆزەك (BIOS)، ساقلىغۇچ قاتارلىق زاپچاسلىرى مۇۋاپىق قۇراشتۇرۇلۇپ بىر بارماق دىسكىنى تەشكىللەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بارماق دىسكا
باشقا نامى 指盘، u盘
تۇلۇق ئاتىلىشى USB ساقلاق، ئۇقۇشى تېز
خەنزۇچە نامى 优盘
چەتئەلچە نامى USB flash disk (UFD)
ئىشلىتىلىشى كۆچمە ساقلاش ئۈسكۈنىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارماق دىسكائاساسى تاختا، ئۆزەك (BIOS)، ساقلىغۇچ قاتارلىق زاپچاسلىرى مۇۋاپىق قۇراشتۇرۇلۇپ بىر بارماق دىسكىنى تەشكىللەيدۇ.

ئادەتتە بارماق دىسكا سىرتقى قىپىدىن باشقا  تۆۋەندىكىدەك قىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ: 

ئاساسى تاختا

ئادەتتە بارماق دىسكىنىڭ ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرمۇ كومپىيۇتىرنىڭ ئاساسى ئاپپارات ساندۇقىدەك ئاساسىي تاختىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسىي تاختىنىڭ بىر ئۇچىدا كومپىيۇتىرغا چىتىلىدىغانUSB  ئېغىزى بولىدۇ. ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان كارتا ئوقۇش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى نەق بىز يۇقىرىدا دېگەن بارماق دىسكىنىڭ ئاساسى تاختىسىدىن ئىبارەت. 

ئۆزەك (BIOS)

ئۆزەكتە ئاساسلىقى بارماق دىسكىنىڭ تىپى، ماركىسى ۋە بارماق  دىسكىنىڭ توك يولى نەشىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار ساقلىنىدىغان بولۇپ، سىز بارماق دىسكىڭىزنى مەلۇم بىر كومپيۇتىرغا تۇنجى قېتىم چاتقاندا ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈنىدىغان ئۇچۇرلار بارماق دىسكا ئىچىدىكى ئۆزەكتىن ئوقۇپ ئېلىنىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق رولى مەشغۇلات سىستېمىسىغا قايسى ماركىدىكى، قايسى تىپتىكى بارماق دىسكا چېتىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ شۇ ئۈسكۈنىگە نىسبەتەن قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بارماق دىسكىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى شۇ يەردە بولىدۇ. 

ساقلىغۇچ

بارماق دىسكىدا ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان، بارماق دىسكىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئورۇن مانا مۇشۇ ساقلىغۇچ بولۇپ، بۇمۇ بارماق دىسكىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئوخشاش تىپتىكى، ئوخشاش شەكىلدىكى ۋە ئوخشاش ماركىدىكى بارماق دىسكىلارنىڭ سىغىمىنىڭ ھەر خىل بولۇشى بارماق دىسكىدىكى ساقلىغۇچقا باغلىق. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#