دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى

دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى

دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 216–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.


ئۇيغۇرچە نامى دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۈنى
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2001–يىلى 11–ئاينىڭ 29–كۈنى
خەنزۇچە نامى 农药管理条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 216–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

2001–يىلى 11–ئاينىڭ 29–كۈنى«گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ نىزام دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

 2–ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان دېھقانچىلىق دورىسى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەل، ھاشارات، ئوت–چۆپ ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇلارنى يوقىتىش ياكى تىزگىنلەشكە، شۇنىڭدەك ئۆسۈملۈك، ھاشاراتنىڭ ئۆسۈشىنى مەقسەتلىك تەڭشەشكە ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك بىرىكمە ياكى جانلىقلار، باشقا تەبىئىي ماددىلارنىڭ بىر خىلىدىن ياكى بىر قانچە خىلىدىن ئېلىنغان بىرىكمە ۋە ئۇنىڭ ياسالمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان مەقسەت، سورۇندا ئىشلىتىلىدىغانلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەل، ھاشارات (جۈملىدىن ھاشارات، سالجا، كانا) ئوت–چۆپ ۋە چاشقان، يۇمشاق تەنلىك ھايۋان قاتارلىق زىيانلىق جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇلارنى يوقىتىش ياكى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىرى؛

(2) پەيدا بولىدىغان كېسەل، ھاشارات، چاشقان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇلارنى يوقىتىش ياكى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىرى؛

(3) ئۆسۈملۈك، ھاشاراتنىڭ يېتىلىشىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىرى؛

(4) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىرىشتىن ساقلاش ياكى يېڭى پېتى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرى؛

(5) پاشا، چىۋىن، تاراقان، چاشقان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇلارنى يوقىتىش ياكى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىرى؛

(6) دەريا توسمىسى، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، ئىمارەت ۋە باشقا سورۇنلارغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانلىق جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇلارنى يوقىتىش ياكى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىرى.

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشتە مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

4–ماددا دۆلەت بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، ئەرزان دېھقانچىلىق دورىسىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەش ۋە ئىشلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ شۇ مەمۇرىي رايوندا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش خىزمىتىنى ئىشلىشىگە ياردەملىشىدۇ ھەمدە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

2–باب دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش

6–ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەش ۋە ئىمپورت قىلىش (جۈملىدىن ئەسلىي دورا ئىشلەش، دورا پىششىقلاش، پارچە قاچىلاش، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) تا تىزىملىتىش شەرت.

7–ماددا دۆلەت ئىچىدە تۇنجى ئىشلەنگەن دېھقانچىلىق دورىسى ۋە تۇنجى ئىمپورت قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچ بويىچە بولىدۇ.

 (1) ئېتىزدا سىناق قىلىش باسقۇچى: تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى ئېتىزدا سىناق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىلتىماسى تەستىقلانغاندا، ئېتىزدا سىناق قىلسا بولىدۇ؛ ئېتىزدا سىناق قىلىنىۋاتقان دېھقانچىلىق دورىسىنى سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

(2) ۋاقىتلىق تىزىملاش باسقۇچى: ئېتىزدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، ئېتىزدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىدىغان، سىناق تەرىقىسىدە سېتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىگۈچى ۋاقىتلىق تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى ۋاقىتلىق تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بەرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئېتىزدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسەتسە، سىناق تەرىقىسىدە ساتسا بولىدۇ.

(3) رەسمىي تىزىملاش باسقۇچى: ئېتىزدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىلگەن، سىناق تەرىقىسىدە سېتىلغان، رەسمىي تاۋار سۈپىتىدە ئوبوروت قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىگۈچى رەسمىي تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بەرگەندىن كېيىن ئىشلىسە، ساتسا بولىدۇ.

دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىدە تىزىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتىنى بەلگىلەش كېرەك. تىزىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى توشقان دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن داۋاملىق ياساشقا ۋە جۇڭگوغا داۋاملىق سېتىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى تىزىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

رەسمىي تىزىملانغان ۋە ۋاقىتلىق تىزىملانغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تىپى، تەركىبى ياكى ئىشلىتىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تىزىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتىدە ئۆزگەرتىدىغانلار تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

8–ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 7–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تەتقىق قىلغۇچىلار، ئىشلىگۈچىلەر ياكى جۇڭگوغا دېھقانچىلىق دورىسى ساتىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئارقىلىق گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى بېرىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملىتىش تەلىپى بويىچە، دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ خىمىيەلىك، توكسىكولوگىيەلىك تەركىبى، دورا ئۈنۈمى، قالدۇقى، مۇھىت تەسىرى، يارلىقى قاتارلىق جەھەتتىكى ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتى مەملىكەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى كونكىرېت تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى كونكىرېت تىزىملاش خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

9–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش، ئاشلىق تارمىقى ۋە مەملىكەتلىك تەمىنات–سودا باش كوپىراتىپى قاتارلىق تارماقلار كۆرسەتكەن دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دېھقانچىلىق دورا تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاپ باھالاش كومىتېتى تەشكىللىنىدۇ.

 دېھقانچىلىق دورىسىنى رەسمىي تىزىملىتىش ھەققىدىكى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە مەملىكەتلىك تەمىنات–سودا باش كوپىراتىپى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا پىكرىنى يازغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاپ باھالاش كومىتېتى دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ خىمىيەلىك، توكسىكولوگىيەلىك تەركىبى، دورا ئۈنۈمى، قالدۇقى، مۇھىت تەسىرى قاتارلىقلارنى باھالايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاپ باھالاش كومىتېتىنىڭ باھاسىغا قاراپ، شەرتكە توشىدىغانلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

10–ماددا دۆلەت تۇنجى قېتىم تىزىملانغان، تەركىبىدە يېڭى خىمىيەۋى بىرىكمە بولغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان، ئۆزى ئىگە بولغان، لېكىن، ئاشكارىلانمىغان تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلار ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى قوغدايدۇ.

تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ئالتە يىل ئىچىدە، باشقا ئىلتىماس قىلغۇچى تىزىملاتقان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا، تىزىملىغۇچى ئورگان تىزىملىمايدۇ، لېكىن، باشقا ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان، ئۆزى ئىگە بولغان سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭ سىرتىدا.

تۆۋەندىكى ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تىزىملىغۇچى ئورگان 1–تارماقتا بەلگىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ:

(1) جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بولسا؛

(2) بۇنداق ئۇچۇرنىڭ ناتوغرا ھالدا سودىغا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىر قوللىنىلغان بولسا.

11–ماددا باشقا زاۋۇت تىزىمغا ئالدۇرغان ئوخشاش دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنى ئىشلەشتە، ئىشلىگۈچىلەر ئىلتىماس قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملىتىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە مۇشۇ نىزامنىڭ 8–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى بېرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

3–باب دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش

12–ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورا سانائىتى كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئىشلەش كېرەك.

13–ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەش كارخانىسى قۇرۇشتا (جۈملىدىن بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش، شۆبە زاۋۇت قۇرۇش ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىمەيدىغان كارخانىدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش سېخى قۇرۇش) تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۈرتۈپ، ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كارخانا قۇرۇش شەرتى ۋە تەكشۈرۈش ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا ياكى تەستىقلىغۇچى ئورگاننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ:

(1) دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەشكە لايىق كېلىدىغان تېخنىكا خادىمى ۋە تېخنىكا ئىشچىسى بولۇش؛

(2) دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەشكە لايىق كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ۋە پاكىز مۇھىتى بولۇش؛

(3) دۆلەتنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەسلىھەسى ۋە مۇناسىپ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(4) مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ كاپالەت سىستېمىسى بولۇش؛

(5) ئىشلەنگەن دېھقانچىلىق دورىسى قانۇن بويىچە تىزىملاتقان دېھقانچىلىق دورىسى بولۇش؛

(6) دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى ۋە تەدبىرى بولۇش ھەمدە چىقارغان بۇلغىمىسى دۆلەت ۋە يەرلىك بەلگىلىگەن چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك.

دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش كارخانىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالسا بولىدۇ.

14–ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بولغان دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەيدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولمىسىمۇ، كارخانا ئۆلچىمى بولغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشتە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سانائەت مەھسۇلاتى تىجارىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىش كېرەك.

15–ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، تېخنىكا قائىدىسى بويىچە ئىشلەش، ئىشلەش خاتىرىسى مۇكەممەل، توغرا بولۇش كېرەك.

 16–ماددا دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ ئورۇسىدا يارلىقى ياكى چۈشەندۈرمىسى بولۇشى شەرت. يارلىقنى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئورۇسىغا چاپلاش ياكى بېسىش كېرەك. يارلىق ياكى چۈشەندۈرمىگە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، كارخانا نامى، مەھسۇلاتنىڭ تۈركۈم نومۇرى ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىنىڭ نومۇرى، شۇنىڭدەك دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى، تەركىبى، ئېغىرلىقى، مەھسۇلاتنىڭ خۇسۇسىيىتى، زەھىرى، ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىشلىتىش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلى، ئىشلەنگەن ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك؛ دېھقانچىلىق دورىسىنى پارچە قاچىلىغاندا، پارچە قاچىلاش بىرلىكىنىمۇ ئېنىق يېزىش كېرەك.

17–ماددا دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتى زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن، سۈپىتىنى تەكشۈرتۈش ھەمدە مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرگەنلىك لاياقەتنامىسىنى قوشۇپ قويۇش، مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچىمىگە توشمىغانلىرىنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىق كېرەك.

4–باب دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى

18–ماددا تۆۋەندىكى ئورۇنلار دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلسا بولىدۇ:

(1) تەمىنات–سودا كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلىرى؛

(2) ئۆسۈملۈك ئاسراش پونكىتلىرى؛

(3) تۇپراق–ئوغۇت پونكىتلىرى؛

(4) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى؛

(5) ئورماندىكى كېسەل، ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى؛

(6) دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش كارخانىلىرى؛

(7) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا تىجارەت ئورۇنلىرى. تىجارەت قىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك.

19–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەر ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىشى كېرەك.

(1) دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىشقا لايىق تېخنىكا خادىمى بولۇش؛

(2) دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىشقا لايىق تىجارەت سورۇنى، ئەسلىھەسى، ساقلاش ئەسلىھەسى، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى، تەدبىرى بولۇش؛

(3) دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىشقا لايىق قائىدە – تۈزۈمى بولۇش؛

(4) دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىشقا لايىق سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش.

20–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچى ئورۇن دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋالغاندا، دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتى بىلەن مەھسۇلات يارلىقى ياكى چۈشەندۈرمىسى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەتنامىسىدە خاتالىق بار– يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە سۈپىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسى بولغان، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتى بولمىغان، مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەتنامىسى بولمىغان، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن دېھقانچىلىق دورىسىنى سېتىۋېلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

 21–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، دېھقانچىلىق دورىسىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 دېھقانچىلىق دورىسىنى ساقلاشتا ئامباردا ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 22–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار دېھقانچىلىق دورىسى سېتىشتا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت، دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتى بىلەن مەھسۇلات يارلىقى ياكى چۈشەندۈرمىسى، مەھسۇلات لاياقەتنامىسىدە خاتالىق بار–يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئۇسۇلى، مىقدارى، زەھەرلەنگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

 23–ماددا سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتلىرىدىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قارىمىقىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ پىرىيومدا ئۆلچەمگە توشقانلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە سېتىشقا بولىدۇ؛ لېكىن، ‹‹ۋاقتى ئۆتكەن دېھقانچىلىق دورىسى›› دەپ يېزىپ قويۇش ھەمدە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارىنىمۇ يېزىپ قويۇش كېرەك.

5–باب دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش

24–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ‹‹ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى تەڭ تۇتۇش›› دېگەن ئۆسۈملۈك ئاسراش فاڭجېنى بويىچە، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كېڭەيتىشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى، تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە كېسەل، ھاشارات ئاپىتىنى ئالدىن كۆزىتىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

25–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ دېھقانچىلىقىدىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت–چۆپ، چاشقان ئاپىتى ئەھۋالىغا قاراپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پىلانلىق ھالدا

نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، كېسەل، ھاشارات، ئوت–چۆپ ۋە چاشقاننىڭ دورىغا قارشى ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

26–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشتە، ئۇنىڭ زەھەردىن ساقلىنىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دورىنى توغرا تەييارلاش، توغرا ئىشلىتىش، تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەرلىك، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ھادىسىسى ۋە دېھقانچىلىق دورىسىدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش كېرەك.

27–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، دورىنى بەلگىلەنگەن مىقدارى، قېتىم سانى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە بىخەتەر ۋاقىت ئارىلىقى تەلىپى بويىچە ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۆتكۈر زەھەرلىك، بەك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ھاشاراتلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىشكە، كۆكتات، مېۋە – چىۋە، چاي ۋە جۇڭگوچە دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرىغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

28–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشتە، مۇھىتنى، پايدىلىق جانلىقلارنى ۋە ئەتىۋارلىق نەرسىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

بېلىق، راك، قۇش ۋە ھايۋانات قاتارلىقلارنى دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن زەھەرلەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

29–ماددا ئورمانچىلىق، ئاشلىق، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئورمان، زاپاس ئاشلىق، سەھىيە ئىشلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

6–باب باشقا بەلگىلىمىلەر

30–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتى بولمىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسى بولمىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىشى، تىجارەت قىلىشى، ئىمپورت قىلىشى ياكى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىمپورت قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، مال ئىگىسى ياكى ۋەكالەتچىسى تاموژنىغا جۇڭگودىن ئالغان دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

31–ماددا يالغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى يالغان دېھقانچىلىق دورىسى ھېسابلىنىدۇ:

(1) دېھقانچىلىق دورىسى ئەمەس نەرسىلەردىن دېھقانچىلىق دورىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىرى، مۇنداق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئۇنداق دېھقانچىلىق دورىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىرى؛

(2) ئۈنۈملۈك تەركىبىنىڭ تۈرى، نامى، مەھسۇلات يارلىقى ياكى چۈشەندۈرمىسىدە ئەسكەرتىلگەن دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىنىڭ تۈرى ۋە نامىغا ماس كەلمەيدىغانلىرى.

32–ماددا ناچار دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ھېسابلىنىدۇ:

(1) دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرى؛

(2) ئىشلىتىش ئۈنۈمىدىن قالغانلىرى؛

(3) دورا زىيىنى پەيدا قىلىدىغان زىيانلىق تەركىب ئارىلاشتۇرۇلغانلىرى.

33–ماددا مەھسۇلات ئورۇسىدا يارلىقى بولمىغان ياكى يارلىقى كەمتۈك، مۈجمەل بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

34–ماددا تىزىملاتمىغان دېھقانچىلىق دورىسى ئېلانىنى بېسىش، ئاڭلىتىش، قويۇش، ئورنىتىش، چاپلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

دېھقانچىلىق دورىسى ئېلانىنىڭ مەزمۇنى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تىزىمىدىكى مەزمۇن بىلەن بىردەك بولۇشى ھەم ئېلان قانۇنى ۋە دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئېلانىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرتۈلۈشى شەرت.

35–ماددا تىزىملاتقان دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن تىزىمى كۈچكە ئىگە مۇددەتتە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، ئادەم ۋە چارۋىچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى بايقالغانلىقىنى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاپ باھالاش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنى ياكى تىزىمنى بىكار قىلىشنى ئېلان قىلىدۇ.

36–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دۆلەت ئىشلەشنى بۇيرۇق بىلەن مەنئى قىلغان ياكى تىزىمنى بىكار قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا، تىجارەت قىلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

37–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

38-ماددا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

39–ماددا يالغان، ناچار دېھقانچىلىق دورىسى، ۋاقتى ئۆتۈپ بىراك قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسى، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تاشلىۋېتىلگەن ئورۇسى ۋە تەركىبىدە دېھقانچىلىق دورىسى بولغان باشقا تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مۇھىت بولغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت.

7–باب جازا پىرىنسىپى

 40–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ھادىسىسى جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ:

(1) دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان ياكى تىزىمى بىكار قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغانلار ئىشلەش، تىجارەت قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(2) دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشسىمۇ ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي تۇرۇپ، شۇ دېھقانچىلىق دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەۋەرگەنلەر ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە رەسمىيىتىنى تولۇقلىمىغانلارنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان ئىشلەش ۋە تىجارەت قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛

(3) ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان مەھسۇلاتنىڭ ئورۇسىدا يارلىقى بولمىغان، يارلىقى كەمتۈك، مۈجمەل بولغان ياكى يارلىق مەزمۇنىدىكى دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛

(4) دېھقانچىلىق دورىسىنى دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەتمىگەنلەرگە پەيدا قىلىنغان خەۋپنىڭ زىيانلىق ئاقىۋىتىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

41–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ:

(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش كارخانىسى قۇرغان ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ئالماي ۋە ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتى ئالماي تۇرۇپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(2) دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

42–ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىنىڭ نومۇرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ياسىۋالغان ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى ياكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت–ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، ئېلىپ سېتىش جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يىغىۋالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىنى سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرغۇچى تارماق يىغىۋالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرغۇچى تارماق مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

43–ماددا يالغان، ناچار دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ساختا، ناچار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى ياكى ساختا، ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنىڭ يالغان، ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئالاقىدار تارماق مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىم گۇۋاھنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ۋاقىتلىق تىزىم گۇۋاھنامىسىنى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەستىق ھۆججىتىنى سانائەت مەھسۇلاتى ئىجازىتىنى باشقۇرغۇچى تارماق بىكار قىلىدۇ.

44–ماددا سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغانلار ياكى دېھقانچىلىق دورىسىغا دائىر ئېلاننى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى ياكى ساختا ئېلان جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

 45–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسىدىن زەھەرلىنىش، مۇھىتنى بۇلغاش ھادىسىسى ۋە دورا زىيىنى ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلغان ياكى باشقا ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.

 46–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش، ساقلاش، توشۇش، ئىشلىتىش داۋامىدا زور ھادىسە پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى خەتەرلىك بۇيۇم ھادىسىسى جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

47–ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، پارا سورىغان، پارا ئالغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ياكى پارا ئېلىش جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

48–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان دېھقانچىلىق دورىسىغا دائىر خەلقئارا شەرتنامىدە بۇ نىزامغا ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

49–ماددا بۇ نىزام 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/439521.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#