ئالتۇنئاي كامال

ئالتۇنئاي كامال

ئالتۇنئاي كامال شىنجاڭ  كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تىياتىر فاكۇلتېتى، ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ يىلى شىنجاڭ قوراللىق قىسىم بىڭتۇەن باش قوماندانلىق شىتابىغا بېرىپ ھەربىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئالتۇنئاي كامال
مىللىتى ئۇيغۇر
بوي ئېگىزلىكى 1.70 مېتىر
قان تىپى 0 تىپلىق
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ كورلا شەھىرى
بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام
كەسپى كىنو ئارتىسى، ئاكتىيور

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتۇنئاي كامال شىنجاڭ  كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تىياتىر فاكۇلتېتى، ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ يىلى شىنجاڭ قوراللىق قىسىم بىڭتۇەن باش قوماندانلىق شىتابىغا بېرىپ ھەربىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان. 

ئالتۇنئاي كامالشىنجاڭدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «تۇرپان ئىنانچىخانلىقى» دا باينىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزى تۇراخان رولىنى ئالغان.

«يىلپىز ھەرىكىتى» فىلىمىدە باش رول ساقچى قىزنىڭ رولىنى ئالغان.

«قۇياشقا يېقىن كىشىلەر» فىلىمدە زاڭزۇ قىزنىڭ رولىنى ئالغان.

«مۇھەببەت سەپىرى» فىلىمىدە ساقچىنىڭ ۋاپادار، ئاقكۆڭۈل ئايالىنىڭ رولىنى ئالغان.

«قازانچىنىڭ قىزلىرى» فىلىمىدە باش رول چىمەن قىزنىڭ رولىنى ئالغان.

«ئىشخانىدىكى ئىشلار» فىلىمىدە شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتور (چەتئەلدە ئۇقۇپ كەلگەن) رولىنى ئالغان.

«قەشقەردىكى ھېكايە» فىلىمىدە ۋاپادار، ئاقكۆڭۈل ئايالىنىڭ رولىنى ئالغان.

2013-يىلى «بىر نان» مىكرو فىلىمىدە باش رول ئېلىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئالتۇنئاي كامالئالتۇنئاي كامال ئۆزىنىڭ جەزبىدار، گۈزەل قەددى-قامىتى، رول ئېلىشتىكى تەبىئىي جانلىق ماھارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەردە باش روللارنى ئېلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تالانتلىق ئاكتىيورلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئالتۇنئاي دىيارىمىزنىڭ كىنو-تېلىۋىزىيە ساھەسىگە داۋاملىق تۈردە بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىغا ئېرىشكەن تىرىشچان، كۆپ قىرلىق ئاكتىيور بولۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    42.9%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    42.9%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#